بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-1 01:11
ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى
يۈسۈپ نەمەنشاھ
كەچكى شەپەق چاقىردى مېنى، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى. ئۆزەم سۆيگەن خىلۋەت ماكاندا، تويۇنسۇن دەپ چىرايلىق نۇرغا.
سايەمنى پۇرايدۇ ھوسوللۇق باغلا، ئۇ پەش بولۇپ چۈشمەكتە غازاڭ، مېنىڭ چىگىش خىياللىرىمغا.
ئالتۇن رەڭگە ئايلانغان ئۆتمۈش، قىر بېشىدا تۇرار شۈمشۈيۈپ. ئارزۇلارنى توشۇيدۇ چاشقان، ئېتىزلاردا چېپىپ خىرامان.
قۇشلارنىڭمۇ پەيلىرى يىرتىق، جىن چىرىقى يوقتۇر ئۇۋىدا، شەپەقلەردىن سورار قىزىللىق.
يازىمەن ئازاپلىرىمنى ئاشۇ ئۇپۇققا ، ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى كۈنى. قالدىم بالاغا چۆكتۈم يېڭى خىيالغا.
2014-يىل 31-ئۆكتەبىر |