بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-31 00:32
كۈز لىرىكىسى
يۈسۈپ نەمەنشاھ
سىڭىپ كىردى چۈشۈمگە قىروۋ، سەھەرلەردە سايرىماس تورغاي، كۈز لىرىكىسى قىلار غازاڭلار ، شەپەقلەرنى غاجىلاپ، يەرلەرنى تىلغاپ . غازاڭلار ئەسەببى ئۇچاتتى ھەريان، سۈرۈپ توقاي قىلاتتى ئۇنى بوران ، تىنىدە قالدۇرماي دەرمان. قالاتتى دۇنيا گۈزەلگىنە رەڭلىنىپ ، ئەتلەستەك كىيىملەر كىيىپ، ئاخىرقى ئۈمىتتە ئۆتمۈشىگە قاراپ. ياز كۈزنى ئۇزاتتى شۇ دەم، ھوسولىنى بېرىپ. كۆزلىرى قىزارغىنىچە يىغلاپ ، نەۋ قىرانلىقنى سېغىنىپ ئەسلەپ. كەتتى كۈز پىيادە. باھارغا قول پۇلاڭلىتىپ، خاسىيىتىنى ھەممىسىگە ئېيتىپ، يالاڭ ئاياق ، قىش سايان مېڭىپ، ئالتۇنرەڭ كېلەچەككە قاراپ. كەتتى كېپىنەكلەر گۈزەللىك قوغلۇشۇپ، مەڭگۈلۈككە پىنھان چىكىت قويۇشۇپ . مۇڭلۇق لىرىكا قىلار تاكى ئاداققا ... ئاھ !بىچارە كۈز لىرىكىسى. ئۇ ئۆمۈرنىڭ قىسقا كارتىنىسى. ياشاشقا بېرىلگەن سۇئال بەلگىسى.
2014-يىل 23-ئۆكتەبىر قومۇل |