- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4528
- نادىر
- 0
- يازما
- 293
ئۆسۈش
  84.27%
|
qaptikax يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 13:05 
رەھمەت، مەن ئالىي مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپ ...
مىنىڭچە سىزنىڭ كەسپىڭىز بىرەر شىركەتنىڭ بوغالتىرلىقىنى قىلىپ بىرىشكە چۇشمەيدىكەن ئەمما تىرىشىپ قالسىڭىز بۇيىل بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالالىشىڭىز مۇمكىن چۇنكى بۇيىل سىناق تەرەقىسىدە يەككە پەننىڭ نەتىجىسىنى 35 كە چۇشۇردى سىز 4 -پەسىللىكنىڭ ئىمتاھانسىغا ئۇلگىرەلەيسىز ناۋادا خەنزۇچە سەۋىيىڭىز ياخشى بولسىلا ئۇچ كىتاپنى كۆرەپ بولالايسىز ئۇ كىنىشكىنى ئىلىۋالالسىڭىز بىرقانچە شىركەتنىڭ بوغالتىرلىقىنى ئىلىۋالالىسىڭىز قوشۇمچە كىرىمىڭىز ئىشىپ بارىدۇ . مەنمۇ مۇشۇ كىنىشكىنى ئىلىپ ھازىر ئۇچ شىركەتنىڭ بوغالتىرلىقىنى قوشۇمچە قىلىۋاتىمەن ھەر 15كۇندە بىرقىتىم شىركەتنىڭ چىقىم كىرىمىنى ،باج ئىشلىرىنى ھىسابلاپ ھىساۋاتىنى بوغۇپ بىرىمەن . دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىدە شىركەتتە چوقۇم مۇشۇ كىنىشكىسى بار ئادەمدىن بىرى بولۇشى كىرەك ئەمما بۇ كىنىشكىسى بار ئادەم بەك كۆپ ئەمەس ماقۇل كۇرسىڭىز تىرىشىپ بىقىڭ مىنىڭ بىر تونۇشۇم بوغالتىرلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپلا ئايدا 10مىڭدىن كۆپ كىرىم قىلىدۇ ئۇ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى 5يىلدىن ئاشتى . ئەگەر بۇنى قىلالمىسىڭىز ئەر ئايال ئىككىڭلار بىرلىشىپ ئوبدانراق دۇككاندىن بىرنى تىگىدىن سىتىۋىلىڭ 200مىڭ كويغا يامان ئەمەس دۇككاندىن بىرى كىلىدۇ . نەق پۇل كۆپ بولمىسا 40مىڭ كوي زاكالەت پۇلىنى بىرىپ دۇككاننى ئىجارىگە بىرىۋەتسىڭىز ھەم مائاش كارتىڭىزدىن پۇل تۇتۇپ ماڭسا 3يىلدا قەرىز تۇگەپ دۇككان سىزنىڭ ئىلكىڭىزگە ئۆتىدۇ بۇنداق بولغاندا دۇككاننىڭ ئىجارىسىلا سىزنىڭ 10ئايلىق مۇئاشىڭىزغا تەڭ بولۇپ مەلۇم دەرجىدە ئىختىزادى يۇكىڭىز يىنىكلەيدۇ . سىزگە تىجارەتنىڭ گىپىنى قىلاي دىسەم ئىشلەۋاتقان ئادەمكەنسىز تىجارەتنى قىلاي دىسىڭىزمۇ ۋاختىڭىز يەتمەيدۇ . ئويلىنىپ باقارسىز |
|