- تىزىملاتقان
- 2014-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 490
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
  95%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا.
بىزگە بىلدۇرۇپ كەلگەن نادىر تىمىلىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ سىزگە قايتۇرغاي،
مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۇغراپىيە ئۇقۇتقۇچىسى‹گەرچە كەسىپ ئەھلى بولمىساممۇ›، ئۇتتۇرا مەكتەپ جۇغراپىيە دەرىسلىگىدە يەرشارىنىڭ ھەركىتى دەيدىغان بىر دەرىستە مەن ئۇقۇغۇچىلىرىمنى قايىل قىلالمىغان بىر مەسىلە بار .شۇھەقتە سىزدىن ياردەم سورىماقچى ئىدىم،يەنى يەرشارىنىڭ ئۆز ئۇقۇدا ۋەقۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش جەريانىنى تاماملاشتىكى كۇچنىڭ مەنبەسىنى نىمە ؟دەپ چۇشەندۇرسەم بۇلۇدۇ؟مەسىلەن:قۇياش،ئاي،يەرنى تارتىش كۇچىنىڭ تەسىرىدە بىر تۇز سىزىق ھالىتىدە دەپ پەرەزقىلىپ ئۇلارنىڭ يىراقلاپ ،يىقىنلاپ كەتمىگەن ھالىتىنى ماگىنىتنىڭ كۇچلىنىش شەكلىدە چۇشەندۇردۇم.خۇددى ياپۇنيەدە بارلىققا كەلگەن ماگىنىتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ پىرىنسىپىدەك‹بىراق توغرىمۇ خاتا بىلمىدىم،مىنڭچە بولغاندا شۇنداق ،چۇشەنچەبەرگەيسىز›بۇ پەقەت تۇرغۇن ھالات .مۇشۇنداق مەۋجۇتلۇق باشقا گەپ ،ھەركەت بولسا باشقا گەپ ،ئۇقۇغۇچىلىرىم قايىل بولمىغىنى ماگىنىت كۇچىنىڭ تەسىرىدە مۇشۇنداق تۇرسۇن ،بۇلارنىڭ ھەركىتىنى رۇياپقاچىقارغان كۇچ ‹سىكۇنتىغا27.7كىلومىتىر›زادى قايسى كۇچ،
مەن دەرھال ئىنكاس قايتۇرالماي سىزدىن سورىدىم،ئەتراپىمدا قايىل قىلغۇدەك كەسىپداشلىرىم يوق،چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز.ئۆزبىلگىنىمچە ئۇقۇغۇچىلىرىمغا خاتا نەرسە بىلدۇرگۇم يوق،ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغىنىم ئۇچۇن خىجىلمەن .
باشقا بىلىدىغان مۇنبەردىكى دوسلاردىن ھەم ياردەم سۇرايمەن،ئۇقۇغۇچىلىرىم ئۇچۇن بولسىمۇ ياردەم قىلساڭلار... |
|