- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  66.1%
|
agahlandurhuqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 17:08 
bilimhumar ئەپەندىم؛
سىز ئۆز يەككە قارىشىڭىزدا تاشقى پىلا ...
مەنمۇ چۈشەنچەمنى بېرىپ باقسام قانداق قارايسىز ؟
مېنىڭچە بار ، چۈنكى كائىنات چەكسىز ، يەرشارىدا ھاياتلىق بار بولىشى ئالەمنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھاياتلىق بار ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ . ئەمدى بىز بىلەن ئالاقىلىشىشقا كەلسەك ، مېنىڭچە بىرنەچچە خىل ئېھتىماللىق بار :
1 . بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدۇ ، چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئەسلىدىنلا « خۇجا » بولۇشنى ئويلاش ، ۋاقتى كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىشىنى خالىمايدۇ .
2. تاشقى پىلانىتتا ھاياتلىق مەۋجۈت ، ئەمما تەرەققىيات باسقۇچى بەك كېيىن ، بەلكىم ئەمدىلەتىن مىكرو جانلىقلار باسقۇچىدا ، دېنوزاۋۇر باسقۇچىدا ، تاش قۇراللار باسقۇچىدا ۋە ياكى فېئوداللىق تۈزۈملەردىكىدەك ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلمىغان باسقۇچلاردىدۇ ، بۇنداق بولۇپ قالسا قانداقمۇ يەرشارىغا كېلەلەيدۇ ، ئۇلارغا قارىتىپ ئالاقە سېگىنالى تارقاتقان تەقدىردىمۇ بەرىبىر قوبۇل قىلالمايدۇ .
3. بەلكىم ئاللىبۇرۇن يەرشارىغا كېلىپ بولغان ، ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بۇزىۋىتىشنى خالىمايدۇ ، مەلۇم بىراۋ ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىرىنى ئىگىلىۋالسا نىيىنىتى بۇزمايدۇ دەپ كىم كېسىپ ئېيتالايدۇ ؟
4. بەلكىم يەرشارىغا كېلىش ئىمكانىيىتى يوق ، خۇددى ئىنسانلارغا ئوخشاش ، شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن .
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئىنسانىيەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەتەنمۇ باشقا ھاياتلىق بار پىلانىتلارغا چىقىپ قالسا فانتازىيىلىك فىلىم « ئاۋارتا » دەك شۇملۇقلارنى قىلارمۇ ؟ بۇنداق بولۇپ قالسا ئىنسانىيەتنىڭ كائىناتتىكى ئىناۋىتى نۆلگە تەڭ بولۇپ كېتىدۇ ... |
|