قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2818|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۇري تىيىپ: كەپتەرلەر-(10)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 07:22:59 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


كەپتەرلەر(10)

نۇري تىيىپ

      كەپتەرلەر نېمە بولۇپ كەتتىكى؟ ياپونىيىگە كېتىۋېلىپ، قورۇدىكى ئوماق كەپتەرلەر بىر ياقتا قالدىيا ... بۇ بولمىدى جۇما...
    ئۇزۇن ۋاقىت كەپتەر باقسىڭىز، بۇلارنىڭ دۇنياسىغا كىرىپلا كېتىدىكەنسىز. بىرەرسى ھويلىڭىزغا كىرىپ، كەپتەرلەر ھەققىدە بىرەر سوئال سوراپ قويسا ياكى شۇنچە كۆپ كەپتەرنىڭ ئىچىدىن بىرەرىنى كۆرسىتىپ :
ئاۋۇ كەپتەر باشقىچىكەن – ھە؟ دەپ يالغان – راستلاردىن، ئۈزۈلۈپ قالغان گەپلەرنى ئۇلاپ، بىرنېمە دەپ قويسا، بولدى ... سۆزلەپ، ئۇ كەپتەرنىڭ نەدىن قانداق قىلىپ، قاچان بۇ كاتەككە كېلىپ قالغان؟ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، كەمچىلىكى، مىجەز – خۇلقى ... ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەتتا ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىڭىزدىن تارتىپ، ھەممىنى تاتاتلاپ، ۋالاقلاپ سۆزلەپ، ئاخىرى ئۇ ئادەمنى:
–ۋاي بىكار سوراپ ساپتىمەن جۇما .... ماۋۇ ئاداشتىن، دېگۈزۈپ، قورۇدىن ئۇزىتىپ قويىدىغان، بولۇپ قالىدىكەنسىز.
     سەھەر تۇرۇپ، ئۆي ئىشىكىنى تېخى يېپىپ بولا بولماي، " يا بىسسىمىللاھ" دەپ باسقان بىرىنچى قەدەمدىن كېيىنلا، كۆزىڭىز ئاسمانغا ئاپتوماتىك ھالدا تىكىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
   شۇنداق قارىسام، ئاسماندا بىر توپ كەپتەر ئۇچۇپ يۈرۈيدۈ... ئوھ بۇ قانداق ئىش؟ كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاخشام ئەتمەي قالغاندىمەنمۇ؟ يا... ياقەي ... ئەتتىم جۇمۇ ...
    ھەرىكەتلىرىم جىددىي. بىر دەم ئاسماندىكى ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە، بىر دەم كاتەك تەرەپكە قاراپ، قەدەملىرىمنى تېز– تېز ئېلىپ ماڭدىم. ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ، پۇتلىشىپ يىقىلغىلى تاسمۇ قالدىم.
كاتەكنىڭ يېنىغا يېقىنلاشسام، كەپتەرلەر، "تاماق ۋاقتى بولغان ئوخشايدۇ" دەپ " پۇررىدە " ئۇچۇشۇپ "داستىخان" غا كېلىپ تەق تۇرۇشتى.
     ياق ياق. مېھمان كەلگەندەك قىلىدۇ. ئۆيگە باشلىمامسىلەر ....
    بۇ مېنىڭ كەپتەر بېقىپ تۇنجى قېتىم "كەپتەر تۇتىمەن" دەپ پالاقشىپ يۈرۈشۈم.
    دەرھال بالىلىقىمدىكى ھېلىقى، تۆتلا كەپتىرى بار ئاكىمىز، ئېسىمگە كەلدى. ئۇمۇ شۇ چاغلاردا، ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن، باشقىلارنىڭ كەپتىرىنى تۇتىمەن دەپ، مانا مۇشۇنداق ھېس بولغان ئىكەندە ... مەن مانا ئەمدى قىرق يىلدىن كېيىن، ئۇ ئاكىمىزنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىۋاتىمەن.
     كەپتەرلەرگە دان تاشلاشنىڭ ئورنىغا، يۈگۈرۈپ بېرىپ كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. يەنىلا دائىم ئاسماننىڭ پەيزىنى سۈرىدىغانلىرى، "قاس قاس قاس" قىلىپ قاناتلىرىنى قېقىپ، ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى.
   ئاۋۇ ھورۇنلىرى:
   – ۋايجان ... قانداق مېھمانكەن ئۇ؟ ... بىر دەم ئۇخلىۋالاي جۇما، كىم كەلسە كەلمەمدۇ...دەپ قونداقلىرىغا، داندىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ چىقىشىپ بولدى.
غايىپتىن كېلىپ قالغان بىر توپ كەپتەرلەر، تەستە مېنىڭ كەپتەرلىرىمگە قوشۇلدى. ۋاھ ... بىر توپلا كەپتەر بولۇپ كەتتىغۇ!
    ھوي توختا، ماۋۇ يېڭى كەلدىلەر، كەپتەرلىرىمنى پىرقىرىتىپ – پىرقىرىتىپ، مەن تەرەپكە چۈشۈشنىڭ ئورنىغا، ئەپلا كەتمىسۇن جۇما ... دېگەن ئەنسىزچىلىكمۇ كاللامغا كەلمىدى ئەمەس.
   كەپتەرلەر بىر ھازا بىرگە ئۇچۇشتى. بەزىلىرى كاتەكنىڭ ئۆگزىسىنى نىشان قىلىپ سۇسۇلىۋاتىدۇ (قانات قاقماي ئۇچۇشنى كۆرسىتىدۇ).
   بىر سىقىم داننى ئۆگزىگە، نەچچىگە بۆلۈپ "يەھ يەھ يەھ" دەپ چاچتىم. كەپتەر دېگەننىڭ كۆزى شۇنچە ئېنىق كۆرىدۇكى، ھەيران قالىسىز ... قانچە دانە داننىڭ چەچىلغىنىنىمۇ سانىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
   " ھۇۇۇۇجججج" قىلىپ ھەممىسى داننى كۆزلەپ ئۆگزىگە چۈشتى، يېڭى مېھمان كەپتەرلەرنىڭ، بىر–ئىككىسى نەق جايىغا چۈشەلمەي، قورۇنى بىر–ئىككى ئايلىنىۋېتىپ، ئاندىن دانغا ئۆزىنى ئاتتى.
    توختا، چۈشكەن "ئولجا" خېلى كۆپ. قالايمىقان ھەرىكەتلەر بىلەن كالامپايلىق قىلىپ، ھەممىدىن قۇرۇق قالماي ...
    دان قويىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىنى تولىمۇ ئاۋايلاپ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىپ ئاچتىم. بەلكىم تىللىرىممۇ ساڭگىلاپ كەتكەن بولسا كېرەك. چاقماق تېزلىكىدە كاللىدىن ئۆتۈۋاتقان ئىشلار ... ھوي بۇ كاللا دېگەن نېمە دېگەن تېز پىرقىرىغان نەرسە ھۇييي ... مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، ئاۋۇ غۇلجىدىكى بالىلىق چاغلارنى، دادامنىڭ:
– ھەي سەن كەپتەر بېقىۋالساڭ، تاپشۇرۇقلىرىڭنى مەن ئىشلىسەم بولىدۇ، دېگەنلىرى ...
    بالا دوستۇمنىڭ:
– كەپتەر بېقىپ قوي ئاداش، ئۆتۈنۈپ قالاي ... ئەمما ساڭا ئىشىنىمەن دېيىشلىرى ...
مەھەللىدە ئۇرۇش – جېدەللەر. كەپتەر "شاھى" نىڭ مەغرۇر تۇرۇشلىرى ...
    بىر– بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
    ئۇلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زاراڭزىدىن بىر سىقىمنى كاتەك ئىچىگە چاچتىم. بايىقى "ئازراق ئۇخلىۋالايچۇ" دېگەنلەر كۆزلىرىنى ئېچىپ، " ئاباي ھەجەپ بەرمىدىڭيا" دېگەندەك قىلىپ "گۈررىدە " دانغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۆگزىدىكى كەپتەرلەرمۇ، بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى، كاتەك ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىشكە باشلىدى.
     ھەيييي دادىسى ... بالىلارنىڭ مەكتەپكە ماڭىدىغان ۋاقتى بولدى. چاي ئىچمەمدىكى، بالىلار ساقلاپ كەتتى، دەپ خوتۇن مېنى چاقىردى.
ھوي ... ئاغىزىڭنى يۇم دەيمەن. پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا، كۆرسەتكۈچ قولۇمنى، ئېغىزىمنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ " فۇششۇۇ" قىلىپ شەرەت قىلدىم. ئايالىم بۇنى چۈشۈنەمدۇ دەيسىز. تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا:
– چاي چاي ....ئەتكەنچاي، دېمەمدا ...
     ئاچچىقىم ئالامەت كەلدىكى، ھەي. ئەتكەن چېيىڭنى ئۆزۈڭ ئىچەۋااا ... ئاغزىڭنى يۇم دەيمەن ... ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ، تومۇرلىرىم كۆپۈپ كەتتى. خوتۇنمۇ تېرىكتى بولغاي، ئىشىكنى "گۇم"لا قىلىپ يېپىپ كىرىپ كەتتى. خۇدا ساقلىدى. ئۆگزىدىكى كونا يېڭى كەپتەرلەر، كاتەك ئىچىگە كىرىپ بولدى. پالاق – پۇلۇق بېرىپ كاتەكنىڭ ئالدى ئىشىكىنى ياپتىم.
     ئۇفففف ... ھە، ئىككى ئاتقىنىمنى بىر – بىرىگە ئىتتىك – ئىتتىك سۈركەپ، بىر يەردىن مونەك ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ... ۋاي ۋاي .. . ۋاي... ماۋۇ خۇشاللىقنى كۆرۈڭ. كىچىكىمدىكى ھېلىقى گالاچ – گۇلۇچ مۇشتلىشىپ كېتىدىغان ئاكاشلار، ئەسلى مۇشۇنداق خوش بولۇشۇپ كېتەتتىكەن – دە، بىرەر كەپتەر تۇتۇۋالسا ... ھېلىقى قوشنام ئاكاشنىڭ، تېخى ئۆگزىگە چۈشمىگەن كەپتەرنى، "چۈشىدىغانغا ئاز قالدى" دەپ ئۆگزىلەردە، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يۈرۈشى، مۇشۇنىڭدىنكەندە ... ئۇ ئاكاش، ئۆز ۋاقتىدا، بىر كەپتەر ئۈچۈن، شۇنچە پالاقشىپ كەتكەن، ھازىر مېنىڭ كاتىكىمگە كىرگەن مېھمانلار، ئوندىن چاتاق يوق ئاشىدۇ. كەپتەرۋازلار تارىخىدا، رېكورت يارىتىپ سالامدىم نېمە بۈگۈن ....
     ئادەم دېگەن قىزىق بولىدىكەن، ئاچچىقى كېلىپ، ئازابلىنىپ "ئۇفف" تارتقان ۋاقىتتىغۇ چەكسۇن، مانداق گۈل – قەقەلىرى ئېچىلىپ، بىر يەردە تۇرالمىغۇدەك خوش بولغاندىمۇ، خۇشاللىق تاماكىسىدىن بىرەرىنى پۇقۇرىتىۋەتكىسى كېلىدىكىنا ...
    ۋاي بۈگۈن باشقىچىغۇ، ئەتىگەنلىك چاينىمۇ ئىچمەي … ئايالىم بالىلارنى كىيىندۈرۈپ، مەكتىپىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ.
    ھە، ئەمدى گەپ قىلە. ھەي، كەپتەردىن بارغۇ 20 –30 نى تۇتىۋالدىم. خۇشاللىقىمدا يېڭى قوشۇلغان كەپتەرنىڭ سانىنى ئېنىق ئۇقماي تۇرۇپلا، خوتۇنغا پونى ئېتىپلاۋەتتىم.
– ۋاي توۋا دەڭ. يۇرتنى (غۇلجىنى ) سېغىنىپ قاپسىزدە ... ئەتىگەندىلا زەي سالماي پو دېگەننى ئېتىپ ...
   ئايالىم، مەن تۇتۇۋالغان كەپتەرلەرنىڭ سانىنىڭ يېرىمىغىمۇ ئىشەنمىدى.
ھەي ... مەيەرگە كېلىپ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باق ئىشەنمىسەڭ، ئالامەت ئېسىل كەپتەرلەر ئەمما ...بىزنىڭكىدىن سەرخىلدەك قىلىدۇ ...
– ۋەيەيي، كەپتەر دېگەن ھەممىسى ئوخشاشلا كۆرۈنىدىغۇ ماڭا ....
     ئايالىم ئىشەنمەيۋاتامدۇ؟ ياكى قىزىمايۋاتامدۇ؟ ئىش قىلىپ كاتەك يېنىغا كەلمەيلا، "ھە ھە ھە" دەپ قويۇپ، بالىلارنى ئېلىپ مەكتەپكە كېتىپ قالدى. مەن يالغۇز قالدىم. ئامما ئاۋازىمنى چىقىرىپ، ئۆز – ئۆزۈمگە گېپىمنى قىلىۋەردىم:
– ئالامەت كەپتەرلەركىنا بۇ؟ بۇلار قانداقلارچە مېنىڭ كەپتەرلىرىمگە قوشۇلۇپ قالغاندۇ – ھە؟ نەدىن نەگە ماڭغاندۇ؟ قورساقلىرى ئېچىپ كېتىپتۇ، ئەمما بۇ جانىۋارلارنىڭ ... ئۇسساپمۇ كېتىپتۇ ...
   خوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر، ؟؟؟ لىرى بەش كۆرۈنەر ... دېگەن مۇشۇدە...
   دانلىرىنى يېيىشىپ بولغان كەپتەرلەرنىڭ، كونىلىرى بولسا ئۆز ئادەتلىرى بويىچە، جاي – جايىغا چىقىشىپ، جايلىشىپ بولدى. يېڭىلىرى بولسا، بويۇنلىرىنى ئېگىز – ئېگىز سوزۇشۇپ:
– ھوي نەگە كەپ قالدۇق ھوي، دېگەندەك قىلىپ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، كاتەكنىڭ ئۈجۈر – بۈجۈرىگىچە زەن سېلىپ قاراپ ئاۋارە.
1 ، 2 ، 3 ، 4.... 7، 8 .... "تاق" قىلغان ئاۋازدىن، كەپتەرلەر ئۈركۈپ، قالايمىقان ئۇچۇشۇپ ئارىلىشىپلا كېتىشتى. مېنىڭ كۆزلىرىممۇ ئۇنىڭغا بىر، بۇنىڭغا بىر قاراپ قالايمىقان بولۇپ كەتتى. يەنە بىردىن باشلاپ ساناشقا مەجبۇرىي بولدۇم. ئەمما بايىقى، خوتۇنغا ئاتقان پو غىچە بارمىسىمۇ، سانى شۇنىڭ يېرىمىغا بارىدىغانلىقى ئېنىقلىنىپ بولغان ئىدى.
      يېڭى قوشۇلغان كەپتەرلەر يەنىلا مانا مەن دەپ، پەرىقلىقلا تۇرۇشىدۇ. 180 كەپتىرىمنىڭ ئىچىدىن ئۇلارنى ئايرىيالىدىم. دېمەك مەنمۇ خېلى چوڭ، تەجرىبىلىك كەپتەرۋاز بولۇپ قالدىممۇ نېمە؟
       بۇلار قارىماققىلا مۇسابىقە كەپتەرلىرى. تۆمۈر رەڭ، قانات تەرىپىدە ئانچە – مۇنچە قارا، ئاق رەڭ ئارىلىشىغلىق. تۇمشۇقى ئۇزۇن، كۆزى توق قىزىل بولۇپ، كۆزىنىڭ ئەتراپىدا ئۇششاق، ئاق چىكىم – چىكىم بار. كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدۇ. كۆزىنىڭ ئۈستى گەجگە تەرىپىدە، تەتۈر پەشتىن سەل يوغانراق ئاق بار. بويۇنلىرى ئۇزۇن، پۇتلىرىدا ھەممىسىنىڭ ئوخشاش سېرىق پىلاستىكقا يېزىلغان نومۇرلار بار. مەن بۇ كەپتەر تۈرىنى، ئاۋۇ ھېلىقى ئامېرىكىلىق كەپتەر "شاھى"نىڭ ھويلىسىدا كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا بۇ كەپتەرنىڭ ئىسمىنى ئۇ "خىيالچان يىگىت " دەپ، دەپ بەرگەن ئىدى.
    دېمەك، بۇ خىيالچان يىگىت، مۇسابىقىدىن قايتىپمۇ؟ ياكى مۇسابىقىگە مېڭىپمۇ؟ ئىش قىلىپ بىر پېشكەللىك، ئېزىش بىلەن مېنىڭ كەپتەرلىرىمگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك. ۋە ياكى مېنىڭ كەپتەرلىرىممۇ شۇ كەپتەر "شاھى" نىڭ قورۇسىدىن چىققاچ، بىر قاراپلا:
– ھوي بىر يۇرتلۇقلىرىمىزكەنغۇ! چۈشۈپ "ئۆيلىرىنى" كۆرگەچ، ئىسسىق بىر پىيالە چاي ئىچىپلا، ماڭمامدۇق ... دېيىشىپلا "جور، جور، جور" بىلەنلا مېنىڭ كاتىگىمگە كىرىپ قالغان بولسا كېرەك.
    قوشۇلغان كەپتەرلەرنىڭ سانى ئېنىقلاندى. بىر قېتىمدىلا ئون ئىككى كەپتەر تۇتۇۋاپتىمەن. 3–4 كۈنگىچە كەپتەرلىرىمنى ئۇچارتمىدىم. ئەمما ئەتىگەندىن كەچكىچە كاتەكتىكى كەپتەرلەرگە سىم تورنىڭ سىرتىدىن قاراپ، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇردۇم. يېڭى قوشۇلغانلىرىمۇ، كونىلىرى بىلەن دەسلەپ    ئانچە – مۇنچە "ۋار–ۋۇر، – غاژ–غۇژ، تاس –تۇس، پاس –پۇس" تىن كېيىن، چىقىشىشىپمۇ قالغاندەك.
    كۆنمەيدىغان نېمە بار دەيسىز؟ كەپتەر ئەمەس، ئادەملەرمۇ باشقا كەلگەندە كۆنىدىكەنغۇ ئەنە!؟ بىزگە ئوخشاش. يىغلاپ قاقشاپ، يەنە بەزى كۈنلىرى، ھەممە ئازابنى ئۇنتۇپ، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلەلەيدىكەنغۇ؟ لېكىن، ھاياتىمىزدىكى كۈلكىنىڭ ئورنى يەنىلا، ئاشۇ ئازابلىق يىغىنى باسالمىدى -- دە...ھەييي ... ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسى بولغان بولسا، داۋاملىقلا كۈلۈپ يۈرەلىگەن بولساق، قانداق بولغان بولغىيتتى. يىغىغا كۆنگەن يەردە، ئۇنىڭغىمۇ ئەلۋەتتە، تېزلا كۆنۈپ كېتەتتۇقتە .... ئىنشاھ ئاللاھ شۇ كۈنلەرمۇ، بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى، بىزگىمۇ كۈلۈمسىرەپلا قۇچاق ئېچىپ قالار ...
    ئۇلار ھېلىمۇ يامان ئەمەس بىر كەپتەرۋازنىڭ قولىغا چۈشتى. ئازاب – ئوقۇبەت، زۇلۇم – خورلۇق، جاپا – مۇشەققەت، ئۇزۇن يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتنىڭ تەمىنى راسا تېتىغان بىر كەپتەرۋازنىڭ، قولىغا چۈشتى.
    يېڭى قوشۇلغان كەپتەرلەرنى بىردىن – بىردىن، ئېرىنمەي رەسىمگە تارتتىم. بۇ جەرياندا، پالاكەتلىك قىلىپ، باشلىرىمنى قونداقنىڭ ئۇشلۇق ياغاچلىرىغا ئۇرىۋېلىپ:
–ۋاي ۋاي ۋاي ئاناڭنى … .پالاكەت ... دەپ، كىچىك شوتامنى، مايماق قويۇپ قويۇپ، "ۋۇي ۋۇي ۋۇي" دەپ پوككىدە يىقىلىپ، خام كاۋىدەك "پوككىلا" قىلىپ يەرگە چۈشكەن يامپاشلىرىمنى، ئاشۇ كەپتەرلەر مايىقىنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپ سىلاپ، يېڭىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان، ئىسسىق ماياقلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى ئىشتانغىلا سۈرتۈپ، چالا قالغىنىنى قەھۋە قۇتىسىنىڭ تۇتقۇچلىرىغا سۈركەپ، مىلەپ يۈرۈپ ... رەسىمگە تارتتىم ھەر ھالدا ...
ھېلىقى كەپتەر "شاھى" نىڭ خاس بېتىگە كىرىپ، رەسىملەرنى بىرمۇ – بىر سېلىشتۇردۇم. نەتىجە، مېنىڭ تۇتۇۋالغان كەپتەرلىرىم، نەق ئاشۇ "خىيالچان يىگىت" بولۇپ چىقتى.
      كاللامغا بىر ئوي كەلدى. كەپتەرلەرنىڭ ئەۋلادىنى ساپ، بېجىرىم قىلىش ئۈچۈن، بۇ يېڭىدىن كەلگەن كەپتەرلەرنى ئايرىپ، ئۇلارنىڭ بالىسىنى ئالمايمۇ، ھە؟ ئۇلارمۇ بۇ مېنىڭ "ھەر خىل كەپتەرلەر" توپلاشقان كاتىگىمدە تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن "كۆز قىسىشىپ" جۈپلىشىپ، نەسلىنى بۇلغىمىسۇن. ئەگەر ئۇ "خىيالچان يىگىت " قەبىلىسىدىن بولسا، شۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلسۇن. ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل تۇرقىنى، ئەقلىنى، بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەۋلادلىرىغا ئۇلىسۇن ...
    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. رۇخسەت قىلارسىزمۇ؟
    ھە، قىستۇرىۋەر كەپتەرۋاز، قەلەم سېنىڭ قولۇڭدا ئەمدى. ئەمما بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن جۇمۇ .... دەۋاتقاندەك قىلىسىز .... ھە؟
    خوش، چەتئەل ھاياتى. ھەممىمىز بىر قۇر تېتىپ چىققان، ئاچچىق، تاتلىق، چۈچۈمەل بىر ھايات. ئەمما قانداقتۇر بىر يەرلىرى كەم، تازا بىر يەرلىرى ... ئاھ ... يۇرتۇم قېنى مېنىڭ؟ ھەجەپ سېغىندىمغۇ ئاشۇ توپىلىق يوللىرىمنى ... مېۋىلىك باغلىرىمنى ... شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلىرىمنى ... بازار كوچىلىرىدا، يانچۇقتا پۇل كەم ۋاقىتلاردا، ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن "ئىتتىك – ئىتتىك ئۆتۈپ كېتەيچۇ" دەپ ، ماڭغان ۋاقتىڭىزدا، بۇرنىڭىزغا نەپەس ئالماي دېسىڭىزمۇ، كىرىپ كېتىدىغان، ھېلىقى ئاشخانىلاردىن، ئىسسىق ھور بىلەن بىرلىشىپ چىقىدىغان مانتا – سامسىلارنىڭ پۇرىقى ... تېخى بازار كوچىسىغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا دىماغقا ئۇرۇلىدىغان، زىرىسى تەڭشىلىپ پىشقان ئۇۋۋۋۋۋ .... نېمە؟ نېمە ئۇ دەمسىز؟
    ھوي، ئۇ دېگەن ئاۋۇ مەززىلىك كاۋاپقۇ ... جېنىم ...كاۋاپ ....
     چىرايلىق ئەتلەس كۆينەكلەر بىلەن، ياغلىقلىرىنى چېكىسىدىن چىگىپ، كۈلەيمۇ، كۈلمەيمۇ؟ كوچىدا كۈلۈپ ، "ھاھاھاايتت ... ۋەەەت " دەپ يۈرسەم، سەت بولىدۇ. بىزدە ئۇنداقلارنى چوڭلار ياخشى كۆرمەيدۇ، دېگەندەك قىلىپ، ئەدەپ بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى قالقان قىلىپ، قولتۇقلىشىپ كېتىپ بارغان، ئوماق قىزلار. ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشۈپ، گەپنى نەدىن باشلىشىنى بىلەلمەي، ئەمدىلا خەت تارتقان بۇرۇتلىرىنى سىلىشىپ يۈرگەن يىگىتلەر:
   ئالدىنى توسۇپلا گەپ قىلاي دېگەنتىم بولمىسا، ھەي ... ئاۋۇ ياقتىن چوڭلار كەپ قالدى، دېمەمسەن قېرىشقاندەك …، دېيىشىپ، دەردىنى كاۋاپ بولۇپ كۆيۈۋاتقان ئوتلىرىنى، يەنىلا ئاشۇ ئەخلاق سۇلىرى بىلەن ۋاقىتلىق پەسەيتىپ يۈرۈشۈۋاتقان يىگىتلەر ....
   كوچىلاردا ئوڭ قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ:
– ئەسسالام ئەلەيكۇم ئاكا …، دەپ چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا كېسىپ ئۆتۈشنى، نومۇس بىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقلار ...
ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ:
– قورۇق باسقان لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ، "ئەسسالام" دەپ، يېنىك تازىملار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان مومايلار ...
مەسلىكىڭىز كەلمەمدۇ؟ سېغىنماسمىز؟ قىلغۇڭىز كەلمەمدۇ؟ مەڭگۈ ئۆزىڭىز ۋە باللىرىڭىز بىلەن بىرگە، ئەۋلادلارغا ئۇلىغىڭىز كەلمەمدۇ؟
--ياق، دەپ بېقىڭە قېنى؟
    مانا بۇ بىز سېغىنىدىغان، مەڭگۈ داۋام ئېتىشىنى يۈرىكىمىزدىن ئىستەيدىغان ئېسىل ئادەملىرىمىزغۇ ...
   ئۇنىڭ ئەكسى.
   كاسىسىنى باش پىيازدەك پارقىرىتىپ، پۇسكايتىپ يۈرگەنلەرنى، باشلىرىنى قوينىڭ بېشىدەك ئۈتلىۋالغانلارنى، يۈزلىرىنى جىندەك قىلىپ بوياپ، تۇمشۇقلىرىنى، ھېلى خام گۆش يېگەن گۆشخور ھايۋاندەك بويىۋالغان، ۋاي بۇ، نورمالراق بولسا بولمامدۇ!؟ ھوي ...
    سىزنى، ھەيي نورمالراق بولغان بولسا، ئالامەت يارىشاتتىكەن جۇما ... بەك ئېشىپ كېتىپ قاپتۇ، ئەمما ... ئىسىتت... دېگۈزىۋەتكۈدەك، غەيرىي سىرلىنىشلار. بەزىلىرى شۇ بىر چىرايلىق، پۈتۈن كۆينەكلىرىنىڭ، بىر يېڭىنى كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغان، ۋە بەزىلىرى "دۈمبەم تەرلەپ كەتتى" دەپ، ئاۋۇ ... بىر چىرايلىق كۆينەكنى، بېلىگىچە "گىرت گىرت " قىلىپ، قايچا بىلەن كېسىپ ئېلىۋەتكەن. چىۋىن چىچىپ قويغاندەك دۈمبىسىدىكى، ئۇششاق مەڭلىرىنى، خەققە سانىتىپ ئاۋارە. بىچارە يۇمران قۇلاقلىرىنى، بولۇشىچە تېشىپ، ئۆزىمۇ تولۇق چۈشەنمەيدىغان تۆمۈر – تېسەكلەرنى ئېسىۋالغان. خۇددى باشقا ئادەملەردە يوقتەك، داملىتىپ يۈرگەن كىندىكلەر، كۆكرەكلەر ... خۇددى سېخ ياكى زاۋۇتنىڭ ئامبارچىسىدەك، ئېسىۋالغان زەنجىر – ئاچقۇچلار. خەق قۇلاققا ئاسسا، "ياق، ئۇ خاتاكەن" دەپ، ئاۋۇ مەززىلىك پۇراقلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان بۇرنىغا ئېسىۋالغان ھالقىمۇ، ئۈزۈكمۇ؟ ئىش قىلىپ ھەر خىل تەڭگىلەر ... خۇددى بېلى يوق ئادەمدەك، ساڭگىلاپ كەتكەن ئىشتانلىرىچۇ تېخى ... ھەي، يا سېلىپلاۋەت، يا كۆتۈر ئاداش ئىشتىنىڭنى ...
– ھە، چاتىقىڭ نېمە، دەمسە؟ ياق ئۇنداق تەتۈرلۈك قىلما ... بىز بىر مىللەت. بىز بىر ئۇيغۇر. شۇڭا ۋالاقشىۋاتىمەن. سادىغاڭ كېتەي قېرىندىشىم …!
     خەق ئادەتتىكى تاماكىنى تاشلىيالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرسە، ئۇنى ئاز دەپ، نېشە ۋە باشقا ئاۋۇ ... مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان چېكىملىكلەرنى، دوست قىلىۋالغانلار ... سېستىرالىقنى ئۆزىلا ئۆگۈنىۋېلىپ، لىپ – لىپ قىلىپ، سوقۇپ تۇرغان تومۇرلىرىغا ئۇرۇۋاتقان، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان سۇيۇقلۇقلار ... شۇ چۈشىنىكسىز، ئەخمىقانە ئىشلارنىڭ، پەيزىنى سۈرىمەن دەپ، ئاشۇ بىچارە، گۇناھسىز ئاتا– ئانىلارنى ۋەيران قىلىۋاتقانلار …!!! ھەي گۇي، ئون گۈلۈڭنىڭ تېخى، بىرىمۇ ئېچىلماي تۇرۇپ، ساڭا نېمە قويدى ھوي ... باشقا ئىشلارنى … ئۆگىنىپ؟
    مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرى، ئېسىل ئۆرپە – ئادەتلىرى، زىبۇ – زىننەتلىرى، كىيىم – كېچەك، ياسىنىشلىرى. ئەگەر قىلىمەنلا دېسەڭ، ئۆمرۈڭگە يېتىپ، ئېشىپ قالىدىغۇ ھۇيي....!!! ئىچىم سېرىلىدۇ ... ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئىچىم سىقىلىدۇ ... ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، مۇشۇ چەتئەلدىمۇ، ئاۋۇ ۋەتەندىكى بىچارە ئاتا– ئانىلار، يېمەي ئىچمەي يىغىپ:
     بالام بولسىمۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسۇن، شۇ بولسىمۇ ياخشى ئوقۇۋالسۇن، دەپ ئەۋەتكەن پۇللارنى، يانپاشلاپ يېتىپ كۆيدۈرۈۋاتقان ياشلىرىمىزمۇ بارمىش. بۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ؟! بۇلار، "ئىنساپىنى بەرسۇن" بىلەن تۈزۈلۈپ قالارمۇ، سىزچە؟ بىز ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزىمىزدىكى يامان ئىللەتلەرگە، بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەكقۇ؟! كەلگۈسى ياخشى كۈنلەرگە بولغان ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، مانا مۇشۇ بەڭۋاش ياشلىرىمىزنىڭ، ئۈستىگە چۈشىدىغان ۋەزىپىغۇ؟! ئۇنداق ئىكەن، چوڭلىرىمىز قۇلاقنى يوپۇرۇپ، "بېشىم ساق قالسىلا بولدى، كۆتۈم بىلەن كارىم يوق" دەپ يۈرۈۋەرسەك بولارمۇ سىزچە؟
    مېنىڭچە بۇ، ئەنئەنىمىزنى دەپسەندە قىلغانلىق!  جامائەت ئۆلچىمىدىكى، چوڭ نامەردلىك!كۆرۈپ تۇرۇپ جىم يېتىۋېلىش! جۈرئەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق! كۆرۈپ تۇرۇپ توسماقلىق، مۇناپىقلىق! كۆرۈپ تۇرۇپ جىم يېتىۋېلىش، مىللەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە "نېمە بولسا بولمامداۋا " دېگەنلىك. ئۇنىڭسىز بىزنىڭ ئازابىمىز، نالىمىز ئازمۇ؟! "كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال" دېگەندەك، بىز نېمانچە شور پېشانە، نېمانچە دومىلە بىر خەق ھوي …!!!
    تەلەيسىزلىكتىن قۇتۇلالماي يۈرگىنىمىزدە، بۇ نىجىس ئىللەتلەر قانداقسىگە بىزنى تېپىۋالىدۇ ھە؟ بۇنىڭ نېگىزى نېمە؟
    ئەلنىڭ غىمى ئۈچۈن رىيازەت چىكىۋاتقانلار بۇ ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىدۇ، ئازاپ چىكىدۇ، ئۇلار ئۆزىگە پىشكەل تاپماي ياشىسىمۇ ياشايتىغۇ…! لېكىن، ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.  سۈكۈتتە تۇرۇشنى، ئۇلار نومۇس بىلدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ، ئۆزىدىكى ئىنسانى روھىنى ھەممىدىن ... ھەتتا ئۆزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىدىنمۇ، ئەۋزەل كۆردى. ئۇلارمۇ ھاياتلىقنى سۆيگەن، خوتۇن – باللىرى بىلەن ئىسسىق ئۆيدە، جىم ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ مېغىزىنى چېقىپ يۈرسە بولۇۋېرەتتى. ئۆز ئانىسىغا ئەركىلەپ، بالىلىقىنى قىلىپ يۈرسە يۈرۈۋېرەتتى. كىممۇ ئۆز ئانىسىنى يىغلىتىشنى، ئۆز ئانىسىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ، كېتىشنى خالايدۇ دەيسىز؟ ... كىممۇ ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان، تايتاڭلاپ مېڭىپ، ئەمدىلا چىققان ئوماق تىللىرىدا:
– دادا ، ئاپا .... ھاببااا، دەپ يۈرگەن بالىلىرىنى، يېتىم قىلغۇسى كېلىدۇ؟ ئۇلارمۇ شۇ ئوماق بالىلىرىنى مەڭگۈ قۇچاقلاپ يۈرۈشنى، قاتارغا قېتىشنى ئارزۇ قىلاتتىغۇ ....! ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرسە، سۈرەلەيتتىغۇ …!
   لېكىن، ئۇلاردىكى غۇرۇر ئۇلارنى بۇلاردىن ۋاز كەچتۈردى.
   ئۇلار ئەلۋەتتە خەلقنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالىدۇ. ئەۋلادىمىز ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ....شۇڭا خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن  ئىشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى قېرىنداشلار …!!!
     ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، كەچۈرۈڭ، سەل چېچىلىپ قېلىۋاتامدىم نېمە؟ بۇ ھەققىدە گەپ باشلىنىپ قالسا، سۆزلەپ – سۆزلەپ، يېزىپ – يېزىپ تۈگەتكۈسىز ئىشلار نۇرغۇن، ئاچچىقنى، ئازابنى بەزىدە مۇشۇنداق سۈزلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمىز مانا. ئەمما مۇشۇ ئەتراپىمىزدىمۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە سۆزلەش بۇياقتا تۇرسۇن، ياستۇقنى تېخىمۇ ئېگىز قىرلاپ، ھەتتا ئىككىنى قويۇپ، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس. ئاۋۋال مۇشۇنداق بايقۇشلارنىڭ ياستۇقىنى تارتىۋالساق بولاتتى، قېرىنداشلار! ئۇلارنىڭ بېشى "توڭڭىدە" قىلىپ يەرگە قاتتىق بىر تەگسە، ئۇيقۇسى ئېچىلىپ  جامائەتنىڭ پاراۋانلىغى ئۈچۈن، ئازراق بولسىمۇ سۆزلەيدىغان بولۇپمۇ قالسا، ھەجەپ ئەمەس .....
   بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق دېيىشىمىزغۇ تېخى. كەپتەرلەرگە بىر قارىۋېتەمدۇق؟
   يېڭى كەلگەن كەپتەرلىرىمنى، ئۇلارنىڭ تۇيۇق يوللارغا كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، "ھە" دېگەندە بىرەر تەدبىر ئويلىشاي جۇمۇ مەن. بىرەر ياخشى ئاماللار تېپىلىپمۇ قالار ئىلاھىم ....
     ئۇلارنىڭ كېلە – كەلمەيلا "بۇزۇقچىلىق" قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، قورۇدىكى بار ياغاچ – تاشلار بىلەن، ئايرىم كاتەكتىن بىرنى ۋاش – ۋۇشلا قىلىپ ياسىدىم. ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر . ئېگىزلىكى مېنىڭ مۈرەمدىن ئاشمايدۇ. كۆپ قىسمى سىم تور بىلەن ئورالغان بولۇپ، يېرىم مېتىر كەڭلىكتە، كاتەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭ قىلىپ "ياتاق ئۆي". كاتەك خېلىلا ئەپچىل، قارىماققىمۇ بىر چىرايلىق پۈتتى.
    چوڭ كاتەك ئىچىدىن يېڭى كەپتەرلەرنى تۇتقىچە، ئالەمنى مالەم قىلدىم. بىچارە كەپتەرلىرىم، "ۋاي بۇ ئىگەمگە نېمە بولغاندۇ؟ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغاندۇ؟ دەپ كەتتى بولغاي. دەسلەپ، كەپتەر بېقىش جەھەتتە، ھېچقانداق تەجرىبەم بولمىغاچ، كاتەكنى بەك يوغان ھەم ئېگىز سېلىۋاپتىكەن. ئۇ ياققا قوغلىسام بۇ ياققا، بۇ ياققا قوغلىسام ئۇياققا، پۇر – پۇر ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەر، قۇرۇپ كەتكەن ماياقلارنى توزۇتۇپ، ئۈستى – بېشىمغا تەكشى قىلىپ چېچىپ، مېنى "پوقلا" قىلىۋەتتى. خۇددى ئۇن زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلاردەك بولۇپ كەتتىم.
ئايالىم بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ:
– ۋاي خۇدايىمەي، بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ چۈشۈڭلار بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ ھە؟ جانىۋارلارنى قىيناپ، دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
   مېنىڭمۇ نېرۋام ئۆرلەپ تۇرغاندا، خوتۇننىڭ " ئاللا– كاللا " دېيىشى قۇلاققا خوش ياقامدۇ، دەيسىز؟
   مىڭ بىر تەسلىكتە، ھېلىقى "خىيالچان يىگىت"لەرنى تۇتۇپ، كىچىك قەپەسكە سېلىپ، غەلىبە بىلەن ئۇلارنى يېڭى كاتەككە يۆتكىۋالدىم. بۇلارنىڭ شارائىتى، چوڭ كاتەكنىڭكىدىن خېلىلا ياخشى. "ئايرىم ھوجرىلرى" پۇختا، ھىم. تېگىلىرىگە ئۇلار ياقتۇرسۇن، ياقتۇرمىسۇن، يۇمشاق مەڭگەنلەر سېلىنغان. مانداقچە ئېيتقاندا، "ئۆي – جابدۇقلىرى تەييارلا ئۆيگە چىقتى – دە، بۇلار.
    ھەپتىنىڭ تاق كۈنلىرى چوڭ كاتەكتىكىلەر قويۇپ بېرىلسە، جۈپ كۈنلىرى كىچىك كاتەكتىكى كەپتەرلەر قويۇپ بېرىلىدۇ. يېڭى كەپتەرلەرنى قويۇپ بەرگەن 1– كۈنۈم، ئاۋۇ چوڭ كاتەكتىكى كەپتەرلەرنى 1– قېتىم ئۇچارتقان كۈنۈم، ئېسىمگە دەرھاللا كەلدى.
    باردى كەلدى قىلىپ، 600 مىلە يول يۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى، كاتەككە سولاپ، ئەتىگەندىن تاكى كەچكىچە كاتەك ئىچىدە، ئۇ كەپتەرگە قاراپ، بۇ كەپتەرنى سىلاپ، تۆت كۈننى ئاران ئۆتكۈزدۈم. ئەتىسىلا قويۇپ بېرىپ، ئۇچارتقۇم كەلگەن، ئايالىمنىڭ توسۇشى بىلەن توختاپ قالغانتىم. ئەمما ئۇ يەر بۇ يەرلىرىم قىچىشىپ ئولتۇرالمايلا قالغان ئىدىم. تۆتىنچى كۈنى سەھەر، ئۆيدىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىپ قورۇغا چىقتىم. ئاۋۋال تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ، تازا بىر – ئىككىنى تارتىۋېتىپ:
    ھە ئەمدى كەپتەرنى راسا ئۇچۇرتۇپ، پەيزىنى سۈرىمەن دەپ، كاتەكنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم. قايسى ئىشىك، قاياققا چىقىدۇ دېگەنلەرنى تېخى بىلىپ بولالمىغان كەپتەرلەر، ھاڭۋېقىپ قاراپلا تۇرىدۇ.
     ھوي ماندا بىر ئۇچمامسىلە ھوي ... ، دەپ كاتەك ئىچىگە كىرىپ قوغلاپ سۈرۈپ سىرتقا چىقاردىم.
     ئالە شەھىرىڭنى ... تېخى ئۆگزىنىمۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان، قورانىڭمۇ ئوي – دۆڭىنى تېخى بىلىپ بولالمىغان كەپتەرلەر ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى، تۇنجى قېتىم قاناتلىرىنى قېقىپ ئېگىز ئۇچۇشى ئىدى. ئاسماندىن خۇددى كەپتەر يېغىۋاتقاندەك، ئايرىم – ئايرىم ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەر ... ئۇلار زادىلا بىرگە ئۇچالمايۋاتىدۇ. ھەرىكەتلىرى بەكلا بىسەرەمجان ...
    ھوي ھوي بۇ، قانداق كەپتەر ئەكىۋالدىم ھوي. ۋەتەندە خەقلەرنىڭ كەپتەرلىرى توپ – توپ بولۇپ ئۇچاتتى. بۇ مېنىڭ كەپتەرلىرىم نېمانداق قالايمىقان ئۇچىدۇ؟ بۇلارنىڭ ساق – سالامەت قايتىپ چۈشۈشىگىمۇ ئىشەنچىم قالمىغان ئىدى. ئۇلار چېچىلىپ بىرسى تاغدا، بىر باغدا ئۇچقانسېرى، ئۇلار كۆزۈمگە كەپتەر ئەمەس، ئاۋۇ تاراق – تاراق سانىغان دوللار ئۇچۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتكەن ئىدى.
   ئايالىم:
    – ۋاي خۇدايىمەي، ئاخىرى دېگىنىڭىزنى قىپسىزدە …، دەپ قەھۋەرىمنى دەملەپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە، مەن ئايالىمغا:
   – خوتۇن قارا، ئاۋۇ ياقتا $50 دوللاردىن بىرسى ئۇچۇۋاتىدۇ. قارا، قارا، قارا ماياقتا $150دوللار ئۇچىۋېتىپتۇ. نوچى بولساڭ پۇلنى ئاسماندا ئۇچار …، دەپ ئايالىمنى تېرىكتۈرۈپ ئوينىغان ئىدىم. نەتىجىدە كۆپىنچىسى قورۇنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرگە، ئىستولبىلارنىڭ ئۈستىگە قونۇۋېلىپ، 3–4 كۈندە ئاران، 5 – 10 نى كەملەپ، كاتەككە، قورۇغا كۆنگەن ئىدى. مانا بۇ تەجرىبىسىزلىكتىن بولغان ئىشلار ئىدى.
    بۇدا خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدىم. ئۇنداق ئەخمەقلىقلەرنى قىلماي، ئىشنى يولى بىلەن ئەپلەيمىز، مانا ...
     يېڭى كەپتەرلەرنىڭ كاتىكىنىڭ ئىشىكىنى گۇگۇم چۈشكەندە، كۆز باغلىناي دېگەن ۋاقىتتا ئېچىش كېرەك ئىكەن ئەمەسما. ئەگەر يېڭى ئەكەلگەن كەپتەرلەرنى، ئۆزلىشىپ بولغان كەپتەرلەرگە قوشۇۋېتىش نىيىتىڭىز بولسا، بۇنىڭ ئىشى ئاسان. بىر – ئىككى كۈن بىللە سولاپلا، كېيىن بىللە ئۇچارتسىڭىز، يېڭى كەلگىنىمۇ ئاساسى جەھەتتىن، چوڭ قوشۇن بىلەن بىللە ئۇچۇپ، چۈشۈپ، ئاسانلا كۆنىدۇ. ئەمما سىزدىكى شۇ، بار كەپتەرلىرىڭىز قانداق ياشاۋاتقان بولسا، ئۇمۇ شۇنداق تېز، تولۇقى بىلەن كاتەكتىكى قائىدە – يوسۇن، ياخشى – يامان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىنى، قوبۇل ئېتىدىكى ھەيران – ھېس قالىسىز. ئۇنىڭغا سىز ھېچنېمە دېيەلمەيسىز. ئەگەر قاتتىقراق بىرنېمە دەپ سالسىڭىز، ئۇ دەرھاللا :
– ئىگەم، ئاۋۇ باشقىلارغا گەپ قىلمامسىز؟ ھەممىسى قىلسا، گەپ يوق، مەن بىلەنلا قالدىڭىزغۇ؟... لا دەيدۇ – دە، ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ.
      ئەمما، بەزى – بىر ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى، ياق ياق . بىر ئاي بىللە سولىسىڭىزمۇ، ئۇچارتقان كۈنىڭىز، ھەتتا قورارىڭىزنى، بىرەر قېتىم ئايلىنىپ قويماي، پىرام ئۆز ئۆيى تەرەپكە كېتىدۇ. بۇ جىگەرلىك، ۋىجدانلىق، كەسكىن، ئاسان كۆنمەيدىغان نوچىلىرى ... بۇنداق ئىشلارنىمۇ بېشىمدىن كۆپ ئۆتكۈزگەن. بۇرۇن، ئۆيۈمدىن 150 مىلە كېلىدىغان يەردىن، كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن، بىر جۈپ كەپتەرنى سېتىۋېلىپ، كەپتەرلىرىمگە قوشقان ئىدىم. ئىككى – ئۈچ كۈن بىرگە سولاپ، ئۇچارتسام،
     توۋا ھېلىقى كەپتەر، ئىشەنسىڭىز ھېچ بىر ئىككىلەنمەي، كاتەكتىن چىقىپ ئۇدۇل، ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. مەن قورارىمدا:
– توۋا ماۋۇ گۇينى، ۋاي توۋا، ماۋۇ كاساپەت، قاراپمۇ قويماي كېتىپ بارىدا؟ دەپلا قالغان ئىدىم. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، ئىگىسىگە تېلېفون قىلسام:
– دېمىدىمما؟ بىزنىڭ كەپتەرلەر ئادەتتىكى كەپتەرلەر ئەمەس، … دەپ تازا بىر ماختىنىۋالغان ئىدى.
    مەنمۇ "ھە توغرا دېدىڭ، شۇنداقكەن، ئالامەتكەن"، دەپ گەپلىرىنى تەستىقلاپ، ئۇنى بۇنى دەپ، ئۇنى ماختاپ يۈرۈپ، ئۇ كەپتەرنى يەنە قايتۇرۇۋالغان ئىدىم.
    بۇ قېتىمقى "خىيالچان يىگىت" لەرگىمۇ بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇلار، چوقۇم بىر ئۇۋىنىڭ. ئەگەر ئارىسىدىن بىرسىلا:
– ۋاي جۈرە، جۈرە ئۆيىمىز بۇ ئەمەس بىزنىڭ ... كېتىمىزاۋا ...دەپلاۋەتسە، ئىش چاتاق. ھەممىنى باشلاپ كېتەلەيدۇ. گەپ شۇ، ئون ئىككىسىنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق، نوچىسىدىن بىرسى بارمۇ - يوق؟ گەپ مەيەردە ...
   ئەمما ئىشىنىمەن، كۆپ قىسمى:
    – ۋاي بۇ يەرمۇ بوپ قالىدىكەنغۇ؟ تەييار تاماق، شارائىتى ياخشى. ئانچە – مۇنچە ئۇچۇپ بەر، دېسە ئۇچۇپ بېرىمىز، بىزدىن نېمە كېتەتتى. يېڭى ئىگىمىزمۇ خېلى مەرتتەك قىلىدۇ. يېمەكلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا بېرىپ تۇرىدىكەن ... سۇلىرى پاكىزكەن، قارا ... تۇرمۇشىمىز، بۇرۇنقى ئۆيىمىزدىن خېلىلا خاتىرجەم، دەپ بۇ يېڭى شارائىتقا ئاسانلا كۆنىدۇ.
      ئۇ بۇرۇنقى كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئۇچۇپ، چوڭ بولغان دوست – بۇرادەر، قېرىداش، قولۇم – قوشنىلىرىنى تېزلا ئۇنتىيالايدۇ.
– ۋاي چاتتىقىم نېمە؟ دەپ ۋاقتىدا چېچىلغان دانلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، سۇدىن چىقىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەم،  ئۆتكۈزىۋېرىدۇ. ياخشى شارائىت، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ھەممە جانىۋار تەشنا … كەتكۈسى بولسىمۇ كىتىۋەرسۇنچۇ ،ئوووي...،
بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ:
– ۋاي يۈزسىزلەر ... شۇنچە باقسام، يەپ – يەپ كېتىشتى مانا . پالان – پەشمەت، دەپ چالۋاقاپ سۆزلەپمۇ يۈرمەيمەن. قىنى ئىشىكىنى ئېچىپ باقامدۇق؟


0

تېما

7

دوست

642

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30744
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 15:27:37 |ئايرىم كۆرۈش
     تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 15:38:42 |ئايرىم كۆرۈش
سالام قەيسەر ئاكا، سالام نۇرى ئاكا...
ئاجايىباتلارغا تولغان بۇ يازمىنى مەن تېخى ئالدىنقى قىتىم ئاخىرلاشتىمىكىن دەپتىمەن. بۇ قىسىمىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31835
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-28
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 18:55:18 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇغۇ

25

تېما

12

دوست

5312

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 363
تۆھپە : 1434
توردىكى ۋاقتى: 680
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 21:33:33 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ.

0

تېما

1

دوست

1047

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28828
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 22:31:22 |ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قەيسەر ئەپەندىم ! ئۆزۈممۇ كەپتەر باقىدىغانلىقم ئۈچۈن ئەسەردىكى ھىسياتلارنى كەپتەرلەرنى ئۇچۇرتقاندىكى ھۇزۇرنى مەنمۇ ھەم ھىس قىلىپ باققان . ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئوي پىكىرلەر ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ، ئازاپلايدۇ، ھۇزۇرلاندۇرىدۇ . نۇرى تىيپ ئەپەندىمنىڭ ۋە قەيسەر مىجىت ئەپەندىمنىڭ سالامەت بولىشىنى قەلىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى بىزگە توختىماي ئىلھام، ئىرادەۋە خۇشاللىق بىغىشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !

0

تېما

1

دوست

733

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31157
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 22:34:19 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ قىسىمىنى ئوقۇپ ئىلگىركىلىرىنى ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن دېسە،  ئەمدى بولسىمۇ بىر ئوقۇمىسام،                                                  رەھمەت سىزگە.

ناداندىن زارلاي

0

تېما

1

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13165
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 12:15:17 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت داۋامىغا تەشنامىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )