- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7504
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  100%
|
yamgur. يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 22:28 
يائاللاھ، ئەجەپ بىر قىسىم بولۇپ قالدىما، بىرمۇنچە گەپ ...
مۇنداق گەپ، پېنسىلىنمۇ سىز دېگەن باشقا ئوكۇللارمۇ ئامېرىكىدا مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس. سىز دېگەن دورىلار باكتېرىيەگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار بولۇپ، ئانتىبىئوتىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ۋىرۇسلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ چۈنكى ئۇلار باكتىېرىيەنىڭ مەلۇم ئاقسىللىرىنى ۋەيران قىلىپ باكتىرىيەنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. مەسىلە دورىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدا ئەمەس.
چەتئەللەردە ئانتىبىئوتىكلارنىڭ كۈچلۈك ئەكىس تەسىرى ۋە خەتىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىمكانقەدەر ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگودا بولسا زۇكام بولسىمۇ ئانتىبىئوتىك ئوكۇللارنى ئاسىدۇ ھەم كىشىلەرمۇ شۇ ئوكۇللارنى ئېسىپ قويمىسا مېنى داۋالىمىدى دەپ نارازى بولۇشىدۇ. سەكراتقا چۈشۈپ قالاي دېگەندە دەيدىغان گەپ يوق، ئەمما ئامېرىكىدا دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن ئىلمىي بولۇپ، ھەرقانداق كىچىك سەۋەنلىك قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرلار ئادەتتىكى دورىلار ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەلگە ئانتىبىئوتىك قاتارلىق كۈچلۈك ئەكىس تەسىرگە ئىگە دورىلارنى ئىشلەتمەيدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلسا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ. |
|