- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
بۇ تېمىنى كۈرۈپ تولىمۇ سۈيۈندۈم.تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چەت ئەللەردە ئەۋ ج ئېلىشى دەل شۇ يەرلەردە ئۇيغۇرغا ئائىت ئېلىپ كىتىلگەن يادىكارلىقلارنىڭ كۆپلىكىنى چۈشەندۈرىشى مۇمكىن. يەنە كىلىپ بىزگە قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى،دۇنيا سەھنىسىدە ھازىرمۇ ئاز بولسىمۇ تەسىرىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن.ھازىر ئۆزىمىز تەتقىق قىلايلى دىسەك بىز تېخى قورساق كىيىم مەسىللىرىنى ھازىرغىچە تۇلۇق ھەل قىلىپ بولالمىدۇق.مائارىپقا ئۇمۇمىي سەپ بۇيىچە ئاتلىنىدىغان ۋەزىيەت تېخى تۇلۇق شەكىللەنمىدى.شۇ چاغدا بەلكىم ئارىمىزدىن كۆپلەپ تەتقىقاتچىلار چىقىشى مۇمكىن. كچىك ۋاقتىمدا مەن كۆرگەن بەزى توپىدىن ياسالغان سېپىل قۇرۇلۇشلار ھازىر يوق..... «مەن كەچكەن كېچىكلەر»دىگەن تارىخ ئەسلىمىنى ئۇقۇپ باقساڭلار نۇرغۇن نەرسىنى بىلىسىلەر. ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ۋە كىيىنكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا نۇرغۇن تىرىك يادىكارلىقلار يوقىتىۋىتىلگەن. شۇڭا بۇ تەتقىقاتقا نۇرغۇن قاراڭغۇلۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. چەت ئەللەردە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ شەكىللىنىشى مەيلى ئۇلار مەلۇم سىياسى ياكى ئىقتىادى مەنپەتنى مەقسەت قىلسۇن ھامان بىزگە پايدىلىق ئىش. چۈنكى ھەرقانچە تەتقىق قىلسىمۇ تارىخى رىئاللىقتىن زور دەرىجە چەتنەپ كېتەلمەيدۇ.ھامان ئاساسى تارىخ چاقىنى بويلاپ ماڭمىسا بولمايدۇ.قىسمەن ئېغىپ كىتىشلار بۇلىشى مۇمكىن.لىكىن بۇلار بىزنىڭ ئۆز تارىخىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە تولىمۇ پايدىلىق.ئاتا بوۋىللىرىمىز قالدۇرغان نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار بار.ئەڭ ئاددىسى «تارىخ رەشىدى»ۋە «تارىخ ھەمىدى»نى ئۇقۇسىڭىزلا نۇرغۇن نەرسىنى بىلىسىز. بۇ كىتاپلاردا دىيىلگەن رىئاللىقلارنى ئاشۇ يادىكارلىقلار ئىسپاتلايدۇ خالاس. ئىلىم دېڭىزى چەكسىزدۇر. بىز ئۈچۈن قان تەرىنى سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان ئالىملارغا رەھمەت. |
|