- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14298
- نادىر
- 0
- يازما
- 133
ئۆسۈش
  10.75%
|
پىنھانى يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 17:24 
ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنساننىڭ بىر ياخشى خىسلىتى ۋە بەلگى ...
رەھمەت ئاكا. مۇشۇ گەپلىرىڭىزلا ماڭا بولغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭىزدۇر. نىمىشقا دىسىڭىز ، مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش داۋامىدا بەك قىينالدىم ، نىمىدىن دەمسىز؟ قوللاش ، ماڭا بولغان قوللاش بەك كەمچىل بوپ قالدى . پۇل ئەمەس ئاكىجان ، بەلكى روھى قوللاش ، روھى قوللاشنى بەك ئىزدىدىم بىراق ئېرىشكىنىم مازاق قىلىش ، كۆرەلمەسلىك بولدى. ياردەملەشمىسىمۇ مەيلى ئىدى، مىنى مازاق قىلمىسا.
بەلكىم ئاۋۇ فىلىمنى كۆرگەنسىز، رىياسەتچى دەل مەن شۇ . مۇشۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىنىلا دېسەم ، بۇ فىلىممۇ بەك تەسكە توختىدى . ساۋاقداشلىرىممۇ مىنى قوللىمىدى ، رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ مىنى مازاق قىلدى ، ياتاققا قايتقاندىن كېيىن ھە باتۇر ئاڭلىسام بىر نەرسە ئىشلەۋېتىپسىلە ،،،،،، دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى ، سۈكۈت قىلدىم ، نىمە ئامال دەيسىز؟ ئۆزۈم توغرا دەپ قىلغان ئىش باشقىلار نەزىرىدە ئەرزىمەسلا ئىش بوپ قالدى ، بۇ ماڭا ھار كەلدى . چوپچوڭلا ئەركەك بوپ قالغاندا يىغلاش ياراشمايدىكەن ، بولمىسا ئادەم كۆرمەس جايغا بېرىپ يىغلىۋىتەتتىم. لېكىن مىنى ھازىرمۇ بەك قوللاۋاتقان دوستلىرىم بار ، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن . ئاكا ، ئەگەر ياردەم قىلاي دېسىڭىز ، كۇپايە. قوللاپ بىرىڭ ، پەقەت روھى جەھەتتىن بولسىلا كۇپايە. |
|