- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3658
- نادىر
- 0
- يازما
- 442
ئۆسۈش
  55.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 13:35
بۇ پەقەت بۇ تېمىنى يازغان ئاپتۇرنىڭ قارىشىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئاپتۇر ''كاشغەر''ئاتالمىسىنى ''قاشقا''دېگە ئاتالغۇدىن كېلىپ چىققان ،دەپتۇ.بىراق ''كاشغەر ''ئاتالغۇسىنى بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزپىتى ئالغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ''قاشقا''دېگەن بۇ ئاددىي ئاتالمىنىڭ ''كاشغەر''دەپ مۇرەككەپلىككە ئۆزگىرىشى تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ قانۇنىيىتىگە توغرا كەلمەيدۇ.
بىرگەپ-قەشقەر ئاتالمىسى بىزنىڭ كلاسسىك ھۆجەتلىرىمىزدە تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ''كاشغەر''دەپ ئاتىلىپ كەلگەن(يەكەنمۇ ''ياركەند''دەپ ئاتىلىپ كەلگەن).ئەمما كېيىن ئېغىزتىلىمىزدا قەشقەر بولۇپ ئۆزگەرگەن ۋە يېزىق تىلىمىزدا شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان. ئەمما قىززىق يېرى بىزدىن باشقىلار ياكى چەتئەل تىللىرى ئىستىمالىدا ھازىرغىچە ئۆزپىتى ''كاشغەر''دەپ ئالىدۇ.ئەمما ئاپتۇرنىڭ دېيىشىچە ،پارسلار ئۇلارنى ''قاشقەرلىكلەر ''دېگەن مەنىدە ''قاشقائى''دەپ ئاتىغانمىش،ئەمما پارسلار ھازىرغىچە قەشقەرنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا كاشغەر،دەپ ئاتايدۇ! |
|