- تىزىملاتقان
- 2013-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 376
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
  38%
|
مۇنداق بىر ھېكايە بولىدىغان ، بىر ئاتا-بالا بولۇپ ئىقتىسادى ناچار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بالىسى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ دەپتۇ « ئاتا بازاردا ئاتنىڭ باھاسى بەك ئەرزانكەن بىر ئات بىر تەڭگە بىرەنى ئېلىپ قويغان بولساق » ئاتىسى :« ئوغلۇم بۇ ئاتلار بەك قىممەتكەن بىز ئالماي تۇرايلى » . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىپتۇ ، بىر كۈنى يەنە ئوغلى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ دەپتۇ :« ئاتا سىزگە بىر ۋاقىتتا ئات ئەرزانكەن بىر ئات بىر تەڭگە بىرنى ئېپ قويايلى دېسەم ئۇنىمىغانتىڭىز مانا ئەمدى بازاردىكى ئاتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ بىر ئات يۈز تەڭگىگە چىقىپتۇ » ئاتىسى كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ :« ئوغلۇم ئۇ ۋاقىتتا ئات ھەقىقەتەن قىممەت ئىكەنتۇق ، ھازىر بەك ئەرزان بوپ كېتىپتۇ ، يۈر بازارغا بېرىپ نەچچە ئات ئېلىپ قويايلى.»
ئەمەلىيەتتە پۇل يوق ئىقتىسات ناچار ۋاقىتتا ھەر قانچە ئەرزان نەرسىمۇ قىممەت كۆرىنىدۇ . پۇل بار ئىقتىساد ياخشى ۋاقىتتا قىممەت بولسىمۇ سودا ياخشى بولىدۇ ، مانا بۇ ئاتالمىش « سۇ سايغا ئاقىدۇ پۇل بايغا » دېگەن گەپنىڭ چۈشەندۈرىلىشى.
نامرات ئادەم نېمىشقا نامرات بولىدۇ ؟ چۈنكى ئۇ ئادەتتە ئەرزانراق بولسىكەن مەن پايدىنى جىق ئالسام دەپ ئىزدەپ ئاخىرى زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن باي كىشى بازاردىن ئالما ئالماقچى بولسا ئالمىنىڭ ئەڭ نوچىسىنى قىممەت بولسىمۇ ئالىدۇ ، ئالما نوچى بولغاچقا ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەيدۇ ، نامرات كىشى بازاردىن بەك ئەرزان پۇلغا بەك جىق ئالما ئالدىم دەپ ئويلايدۇ ئۆيىگە ئاپارغاندا ئالمىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىغاچقا يېرىمىنى ئاقلاپ تاشلايدۇ يېرىمىنى يەپ بولغۇچە ئېشىپ قالغىنى بۇزۇلۇپ تۈگەيدۇ ، ئاقىۋەتتە ھەم زىيان تارتىدۇ ھەم ھۇزۇر ئالالمايدۇ . ئىقتىسادنى قانداق ئىسراپ قىلىۋەتكىنىنى بىلەلمەيدۇ ، نامرات پېتى قېلىۋىرىدۇ .
دوستلارغا « باي دادام ، نامرات دادام » دېگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . |
|