- تىزىملاتقان
- 2014-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 572
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
  14.4%
|
ئارىمىزدىكى كۆپچىلىكىڭلار سوبىكتىپ مەسىللىلەرنىلا مۇلاھىزە قىلىپ ، باشقا جەھەتلەرگە سەل قاراۋاتىقسىلەر. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن كىتاپ سېتىۋالىدۇ. تارىىخمىزدىمۇ، تاغار-تاغارلاپ بۇغداي، قوناق بېرىپ كىتاپ ئالغان ئىشلار جىق. مەتبۇئات بولمىغاندا خەتتاتلار چېرايل؛ىق كۆچۈرۈپ، تۈپلەپ كىتاپ قىلىپ تارقاتقان. ھازىر سېلەر ئويلىمىغان مەسىللەر خېلى بار. ئەگار سىز پۇل خەجلەپ كىتاپ سېتىۋېلىپ ئۆيىڭىزدە خاتىرجەم ساقلىيالمىسىڭىز قانداق ئويدا بۇلىسىز؟ بەلكىم قانۇنلۇق كىتاپ بولسىلا خاتىرجەم ساقلىغىلى بۇلىدۇ دېيىشىڭىز مۈمكىن. مانا بۇ سىزنىڭ بەزى رىئاللىقنى چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئاشۇ كىتاپ ئۈچۈن نەچچە كۈن ئاۋارىچىلىق تارتسىڭىز، ئارقىسىدىن ئىزدەپ بارغاندا « ۋايتاڭەي، يىغىلغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋەتكەن. سىزنىڭمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بارغۇ دەيمەن. بولدىلا، كىتاپ ئوقۇيمەن دېمەي، قۇڭىڭىزنى غىرت قىسىپ ئېتىزدا ئىشىڭىزنى قىلىڭە» دېسە نېمە دەيسىز.؟ زىيالىلارنىڭ كىتاپ سېتىۋېلىشىمۇ چاغلىق . بەزىلەرگە قەلەم ھەققى كېلىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بېرىدىغان ماتىريال پۇلى بار، بىراق نۇپۇسنىڭ80%تىنى ئىگىلەيدىغان دېھقانغا ھېچكىم ماتىريال پۇلى بەرمەيدۇ، چىشىڭىزنىڭ كىرىنى شوراپ يىغقان پۇلىڭىزغا كىتاپ ئېلىپ، بىرمۇنچە ىاپىل؛ىق تارتسىڭىز، سىز قانداق قىلىسىز؟؟؟ ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمايدۇ دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويۇش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ. ئۆزىڭىزمۇ شۇ بشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىڭ. ئۇيغۇرلار كىتاپ خۇمار. بىراق........ |
|