نەسىر مەخەت ئابدۇرېھىم
ھايات سەيناسى-ئادەملەر بىلەن تەبىىئەت،ئادەملەر بىلەن جەمىئيەت ،ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساسىي بەلگە قىلىپ شەكىللەنگەن.ھەربىر ماۋجۇداتنىڭ ۋە ھەرپەسىلنىڭ ئۆزگىچە قىسمەتلىرى،ھايات ۋە ماۋجۇتلۇق مەنتىقىسىگە ئاساسەن دەۋرىلىنىپ تۇردىغان ھەم ھەيۋەتلىك ھەم راھەتلىك ھەم قاباھەتلىك رەھمىسىز مۇرەككەپ دۇنيا. بۇ مۇرەكەپ دۇنيانىڭ پەقەت ئادەملەر پائالىيەت ئېلىپ باردىغان دائىرسى- ئۆزگە خاس ئەڭمۇكەممەل بىنا . ئەنە قاراڭ! ئادەملەرنىڭ پائالىيىتىگە ؛- ئۇلار ياشاش ئىستىگىدە تاۋلانغان كۈچ قۇدرىتىنىشۇنداقلا ئادىمىلىكىنى نامايەن قىلىپ مېڭىۋاتقان،تۇرىۋاتقان،يېغلاۋاتقان،كۈلىۋاتقان،...ھېلى كومىدىيە،ھېلى تىراگېديە ئورۇنلاۋاتقان قىزىقارلىق سەينا. ھايات سەيناسىنىڭ تېخىمۇقىزقارلىق يېرى شۇكى:-بۇ سەھنىدە رول ئالغۇچىمۇ، رىياسەتچىمۇ، تاماششىبىنمۇ، باھالىغۇچىمۇ،باھالانغۇچىمۇ، مۇكاپاتلىغۇچىمۇ، مۇكاپاتلانغىچىمۇ، جازالىغۇچىمۇ، جازالانغۇچىمۇ، شۇ ئادەملەرئۆزى . ئادەملەرنىڭ ئالامەتلىرى ئاجايىپ، بەزىللىرى باي، بەزىللىرى نامرات، بەزىللىرى پۇقرا، بەزىللىرى سۇلتان. بەزىللىرى ئاجىز، بەزىللىرى دۇنيادا تەڭداشسىز رۇستەمى-داستان، بەزىللىرىئالىم، پەيلاسوپ،مۇتەپەككۇر،يازغۇچى-شائىر ۋە ئۆمۈرچولپانلىرى ھەزرىتى لوقمان، ئۇلارنىڭياشاش نىداسىدىن، ئادىمىيلىك سىماسىدىن ھەربىر تىنغان نەپەسلىرىدىن، ھېس-تۇيغۇھىسيات ئارزۇ- ھەۋەسلىرىدىن، ئەسلى زاتى بىر، قان-قېرىنداش ۋە ئۇرۇق-تۇققان. ھەيرانمەن! ئادەملەرنىڭ بەزىللىرى ئەل ۋەتەن ئۈچۈن بەخت ئىزدەپ كىچە-كۈندۈز جاپاچەككەن؛ ھالال مىھىنەت بىلەن ئەلگە سائادەت نۇرىنى تۆككەن؛ ئېنسان قەلبىنى باھاردەكئىللىتىپ، شامدەك مىھىنەتسىز كۆيۈپ ئۆچكەن، ئەمما بەزىلەر ھايات پىلەكلىرىگە شۇم بۇيدەكيامىشىپ ئۆسكەن-ناجىنىس ئەبلەخ-ئادىمى شەيتان. بەزىللىرى ھەردەم گىژىلداپ نىجاسەتنىپۇراپ تۇرغان، بەزىللىرى گىڭىلداپ تۇمۇردىن قان شۇراپ تۇرغان، بەزىللىرى يالاقتىن يۇندا يالاپ، سۈڭەكنى غاجاپ تويماي قاۋاپ تۇرغان، ئەمما بۇ سىياقلار باياشات ياشاپ يازدا،زىمىستاندا بېشى قاتقان. بەزىلەر كەمەك ھەييار ئالار ھەر باب بىلەن شىلاپ ۋە ياكى يالغان بىلەن ئالداپ، ھەتتا بەزىدە بۇلۇر تەلۋە ساراڭ قاۋانلاردەك، جاندىن كىچەر، قان ئىچەر، يالغان ماختاپ كۈلدۈرەر، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەر، ئەگەر ھەزەر قىلمىساڭ يۇلۇڭغا قۇرار قاپقان بەزىلەر ئېلىشتا ئالدىغا ئۆچرەت بىرىشتە رەت تاپالمايدۇ، ئەگەر ھەقسىز تاماق كەلسە ئېزىقسىز تىلدا يالمايدۇ، ئۆز ئۆيدە پۈدەپ ئىچكەن بىلەن سۇنى،ئۆزگە ئۆيدە چوغنى<< ھاپ>> دەپ يالمايدۇ، <<ئېلىپ>> << بە >> نى بىلمەسلەر ھامانە جان باقالمايدۇ، غېرىپلىق باسقىنى باسقان . بەزىلەر پۇل تاپتى باي بولدى ھالال مىھىنەت تىجارەتتىن ،تاغ داۋان ئاشتى ئەقىل پاراسەتتىن، ئەل سۆيگەن ۋەتەن سۆيگەن تاپار نۈسرەت ياغار ئالقىش جامائەتتىن، تېنى ساغلام، دىلى خۇشال ئۆتەر شۇنداق ھالال ئىشلەپ ئامال تاپقان .بىرى ئەلگە بىرىپ ۋەدە << ئۆزۇم ئادىل >> دىدى دەسلەپ، ئەل جامائەت ئىشەنگەچ ئۇنىڭغا بەردى يوغان مەنسەپ، ئۆتەر بولدى مىنىپ ئەمدى ئاق كۆڭۈل ئاۋامنى تىپىپ-دەسسەپ، جاپاكەش خەلىق ئىچىگە تىنىپ << ئاھ >> ئۇرار ئەسنەپ، خەلىق بەختىگە باقماسنىڭ كۈنى بەر ھەق زاۋال تاپقان . چۈنكى: خەلىق ئەزەلدىن ئىشچان، ئۆز ئىشغا پىشقان، يەڭنى تۈرۈپ ھەردەم چۈشەر ئىشقا، ئوزۇق راسلاپ بىرەر ئادىمىزات ئۇچار قۇشقا، ھايات شۇنداق ئۆتەر راھەت ياز بىلەن قىشتا، بىراق يەنە ئارام بەرمەس ئاۋام ئەلگە ھارام زادە تۇلۇم -چاشقان. ھەيرانمەن! ئورۇق ئوغلاقنى پاقلان دەپ كانارىغا ئاسار قاسساپ، ئانسىز تۇغۇلغاندەك ۋە ياكى بىر قېلىپتا قۇيۇلغاندەك ، بىلىندۈرمەي ساتار گۆشنى << ئەركەك >> ماركىسى چاپلاپ، ئەجەل نە يادىغا يەتكەي دىلىدا بولمىغاچ ئېنساپ، ئەگەر چىقسا خېرىدارى ئۆزىنى گۆش قىلىپ ساتقان. ھايات سەيناسىغا باقسام ئۆتۈپتۇ قانچىلاپ ئېنسان، بىرى دىھقان، بىرى سۇلتان، بىرى لوقمان، بىرى رۇستەمى داستان، بىرى يالغان كەمەك ھەييار ھارامزادە تۇلۇم-چاشقان، بىرى نۇمۇسسىز ناجىنىس ئەبلەخ-ئادىمى شەيتان. ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى دوستلۇق، ئىناقلىق، مېھرى-مۇھاببەت، ئەخلاقى پەزىلەت، سەمىمى مۇناسىۋەت ئىدى. بۇنى ئىنساننىڭ ئەقلى ياراتقان، تىلى تاراتقان، مۇناسىۋىتىنى چىڭىتقان.دىمەك ھايات سەيناسىدا ئىنسان مۇقەددەس، ئىنسان ئۇلۇغ، ئىنسان قۇدرەتلىك . ئىنسان ئەقلىگە، ھايات بەختىگە، تاجۇ-تەختىگە يازايلى ھەممىمىز ھەم ئىجادى ھەم ئىجابى مۇقەددەس ئىپىك داستان.
مەخەت ئابدۇرېھىم
|