- تىزىملاتقان
- 2012-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3385
- نادىر
- 1
- يازما
- 143
ئۆسۈش
  46.17%
|
Erkal يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 21:23 
«تارىم» كۈيىنىڭ تەسۋىرىدە كۆزلىرىمدىن خۇددى مېنىڭ يرت ...
دەل سىز ئېيتقان دوكتور ئارسىلان ئەنجان شۇ!
دوكتور ئارسىلان بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدە دوكتور ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. بىز ئۆزىمىزدە قەدىمكى تۈركىي سۆزلۈكلەر ھەققىدە پاراڭلىشىپ كېتىپتىمىز. قارىسام، ئارسىلانمۇ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. مەن ئىچىمدە «بۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئادەملىرىمۇ تىلشۇناسلىق ھەققىدە يېتىشىپ قاپتۇ» دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، كېيىن بىلسەم دوكتور ئىكەن ئەمەسمۇ!
لېكىن ئۇ دوكتور بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇڭداشقۇم بار. ئۇلار يۇغۇر تىلىنى ھەرىپكە سېلىش ئىشىنى قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مەن نۇرغۇن يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاران ئالغان ماتېرىيالنى كۆرۈپ باقسام، ئۇلار يۇغۇر تىلىنىڭ شىۋە- پۇرقىدىن تارتىپ ھەرىپكە سېلىشنى ئويلىشۋاتقاندەك قىلىدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، باشقا تۈركىي تىللار بىلەنمۇ كۆپ ئۈزۈكچىلىكلەرنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: خوتەن ياكى قەشقەر شىۋىسىنى ئايرىم ئەينەن ئالىمىز دېسەك، باشقا تۈركىي تىللاردىن، جۈملىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ كۆپ چەتنەپ كېتىشى ئېنىق.
ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. ئىنكاسىڭىزدىن، ئاشۇ دوكتور ھەققىدە ئۇيغۇرچە بىرەر نەرسە يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا ئۇمۇ پۈتۈپ قالار! |
|