- تىزىملاتقان
- 2012-10-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 758
- نادىر
- 0
- يازما
- 12
ئۆسۈش
  51.6%
|
ياۋرۇپادا قوي سويغىلى قويمايدىكەن، قوينى چوقۇم سويىمەن دىسە ئاۋال قوي ساتقۇچى بىر پاي ئوق بىلەن قوينى ئۆلتۈرۈپ بولغانىدىن كېيىن ئاندىن قوينى سويۇشقا يول قويىدىكەن. بىر ئۇيغۇرنىڭ دىيىشىچە، پىچاقنى دەرھال سۈرىۋالسا خىلى قان چىقىمىش، مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ھىيتلاپ بىرىشتىن يالتىيىپ قالدىم، چۇنكى ئوق يىگەن قوي ساق قالارمۇ، بۇ نورۋىگىيەدىكى ئەھۋال، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا ھازىر 27 دۆلەت بولغاندىن كېيىن، ھەر دۆلەتنىڭ قانۇنى ئوخشىمىسا كېرەك، نورۋىگىيەدە قوينى سويسا جىنى تەستە چىقىدۇ، قىينىلىپ كىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. شۇڭا بۇ يەردىكى بەزى ئەرەب مۇسۇلمانلار بىر يەھۇدىينىڭ گۆش دۇكىنىغا بىرىپ گۆش ئەكىلىدىكەن، چۇنكى يەھۇدىلار قوينى بىزگە ئوخشاش سويىدىكەن، لېكىن سويغاندا نېمە دەيدىغانلىغى ماڭا نامەلۇم. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغان بىر ئۇيغۇرنىڭ دىيىشىچە، نورۋىگىيەنىڭ يىراق يېزا قىشلاقلىرىغا قوي ئالغىلى بارسىمۇ، قوينى سويغىلى قويمايدىكەن، بۇلارنىڭ نەزىرىدە قانۇن شەھەردە قانداق بولسا، سەھرادىمۇ شۇنداق ئىكەن، يەرلىك سىياسەتلىرى يوق ئوخشايدۇ. |
|