- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 379
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
39.5%
|
ھېلىمۇ ياخشى بىر دىنسىز ، دىندىن خالىي ھۆكۈمەتنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن قىلمىشلارغا قارىتا ئايرىم قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغىنى ، بولمىسا دېگەن ئادەتتىكى ۋاقىتلارغۇ ئۇ يەردە قالسۇن ، ھېيىت-ئايەملەردىمۇ سوۇندىن يېنىپلا مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بولۇشىغا ھەيدەپ جان بىلەن ، ئائىلە ، ئۇرۇغ-تۇغقان ، دوست-قېرىنداش بىلەن ھېسابلاشمايدىغان كارى يوق پالگانلىرىمىز بولىشىغا جىقلاپ كېتەتتى . ھۆكۈمەت چېغىدا ئاشۇنداق يۆلەپ بېرىۋاتقان يەردە بىز ئەھلى مۇسۇلمان تۇرۇپ كەينىمىزگە يېتىۋلىمىز . بۇ يەنە كېلىپ بىزگىلا پايدىسى بار ئىشكەنغۇ ، بىز جىق ھەم ھقىقىي پايدىسىنى كۆرىدىكەنمىز . ئۇلارغا قاتتىق تېگىپ ئاچچىق ھەم تەنە ئارىلاش سەت ھىجىيىپ گەپ قلسىڭىز ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋراڭ سالىدۇ ، لېكىن قىلىۋاتقان ئىشىنى ھايگانمۇ قىلمايدۇ . مەن تۇرغىچىلا بىر ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللانىڭ ؛ ئۈممەتلىرىم ئارىسىدا دىنغا تولۇق كىرمەسلىك ھەتتا تەرك ئېتىش كۆپلەپ كېتىدۇ ، يەنى مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ ، قىلسىمۇ يېرىم-يارتا ، چالا-پۇل قىلىدۇ ، ئەي ئۈممەتلىرىم كىرسەڭلەر تولۇقى بىلەن كىرىڭلەر يېرىم كىرىپ قالماڭلار ، دېگەنىكەن . ھېلىمۇ ياخشى ، ھازىرقى ياشلىرىمىزدا ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىش ، ھاراق تاشلاش كەيپىياتى ئومومىيۈزلۈك ئەۋج ئېلىپ ، بوپمۇ چوڭلارنى ھەيرانۇھەس ھاڭ-تاڭ قالدۇرماقتا ، چوڭلارمۇ بۇ ياخشى ئىشلارنى مۇبارەكلەپ قوللىماقتا . مەنمۇ نۇرغۇن چوڭلاردىن ھازىرقى ياشلارنىڭ مۇشۇنداق تۈۈلۈپ كېتىۋاتقان ياخشى ئىش-ئىزلىرىدىن بەك رازىلىقى ، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك لېكىن قىلالمىغان ئىشلارنى ياشلارنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋاتقانلىقىدىن بەك سۆيۈنىدىغانلىقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خېلى ئىشەنچلەر بىلەن زور ئۈمىتلەرنى ئاتايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم ، ئەمدى ئۆزۈمىزنى تۈزەشتۈرۈپ يېڭىچە قەدەملەرنى باشلىمىساق كېيىنكىلەرگە نېمە دەرمىز . بوپمۇ توي تۆكۈنلىرىمىز ھاراق-شاراپسىز ئۆتكۈزۈلۈپمۇ خېلى قىزىۋاتىدۇ ، بۇرۇنقىدەك ھاراق قويمىسا توي قىزىمايدۇ دېگەەندەك قۇرۇق سەپسەتە ئەمدى بۇ جەمئىيەتتە كېرەك قىلىنمايۋاتىدۇ ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى . مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ يەنە ھارقتىن باش كۆتۈرەلمىسەك ئىلگىرىلەشقۇ ئۇ يەردە تۇرسۇن ، دەۋر بىزنى كەينىگە تاشلىۋەتمەمدۇ ، دەۋرنىڭ نىشانى شۇئارى يامان يولدىن ئۆزىنى تارتىش بولۇۋاتقان يەردە . قاچانغىچە ئەسكى كەپىدە قاغىنى بۇلبۇل ، ھۆپۆپنى قۇشقاچ دەپ يۇرەرمىز .............. |
|