قومۇلدا ماشىنىنىڭ كۆرۇش ئۆلۈك بۇلۇڭى
1. ماشىنىنىڭ كۆرۇش ئۆلۇك بۇلۇڭى دىگەن گەپنى ھە بۇ گەپنى مەن ئويلاپ تاپتىم .بەلكىم بۇرۇندىنلا باردۇ .ئەمما لېكىن مەن ئانچە سەڭگەرمەپتىمەن . شۇڭا يەنىلا ئۆزەم ئويلاپ تاپتىم دەۋىرەي . باشقىلار بايقاپ بولغان ئىشنى بىر كەملەر كىلىپ ئۆزەم تۇنجى بايقىساممۇ خېلىۋەك ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن .بۇ خۇددى تۇرپانلىقلاردا ئايرىپىلان ياساش مودا بولغاندا پۇتكۇل ئۇيغۇر ماۋۇ ئايرىپىلان دىگەن نەرسە ئاللىقاچان كەشىپ قىلىنىپ بولغان نەرسە دەپ ئولتارماي ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتقانلىقى ھەم قايىل بولىغىنىدەك بىر ئىش . شۇنداق باشقىلار كەشىپ قىلىپ بولغان بولسىمۇ بىز مۇ ئۆز كۇچىمىزگە تايىنىپ باشقىدىن بىرەر قۇر ئۇيغۇرچە كاللا بىلەن ياسىۋەتسەك بولمايدىغان نەرى بار .بولۇپمۇ موشۇنداق سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى دىگەنلەرنى ئۆزەم ئويلاپ تېپىپ چىقسام بەك خوش بولۇپ كىتىمەن .
2.گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك موشۇ ماشىنا دىگەن گۇينى يولنىڭ ئۇ يېقىغا كىسىپ ئۆتكۇزمەك بەسى مۇشكۇل كەلدىغۇ كاساپەتنىڭ ، رولنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بىلەن ماشىنىنىڭ تۇمشىقىغا يەنە بىر يېرىم مىتىردىن ئارتۇقراق بىر ئارىلىق بولدىكەن ، ئۆتۇشمە يولدىن ئۆتكەندە كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ بۇك باراقسام دەرەخلىرى چىپپىدە توساپ ماشىنىنىڭ تۇمشىقىنى ئاستا چىقىرىدىغان گەپ . بەزى چاغدىغۇ تەلەيگە ھېچنىمە ئۇشقاشمايدۇ ، ئەمما بەزى چاغلاردا سىزنىڭ ئۆز يولىغا ئۇسۇپ كىرگىنىڭىزدىن خەۋەرسىز قايسى بىر شوپۇرنىڭ ئادەمنىڭ چىشىنى سىرقىرتىدىغان قاتتىق تورمۇز ئاۋازىنى ئاڭلايىسىز .ھېلقى ئەينەكنىڭ ئىچىدىكى ھومايغان ، غۇدۇرىغان ئا غىزدا سىزنى تىللىمىدى دەمسىز ، ئەمما لەنىتى دەرەخ توسىۋالسا سىزمۇ ماشىنىڭىزنىڭ بۇ بىر يېرىم مىتىر تۇمشىقىنى ئاستا ئاستا چىقىرىپ تەلەي سىنىماي نىمە ئامال .
3.بۇنداق ئۆتۇشمە يولدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا قالايماقان كۆچەت تىكىپ .ئۆتۇشمە يولىدىن كىسىپ ئۆتكەن ماشىنىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭىنى ئۆلتۇرىۋەتكەن زادى كىم .قومۇل شەھەرلىك كۆكەرتىش ئىدارىسىغا دەرەخ يېشىلدىسلا بولامدىكىنە ، ماۋۇ يولنىڭ قاتناشنىڭ راۋان بىخەتەرلىكى خىيالىغا كىرىپمۇ قويمىسا كېرەك ،
4.ھەر قېتىم شەھەر ئايلانما يولى ھەزىزىم يول بۆلىكىدە بىرىنچى ئىلىكىتىر ئىستانىسدىكى ئۆيۇمگە كىرىپ كىتىش يولۇمدىكى ماشىنىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭىنى توسايدىغان بىر تۇپ قارىغايدىن بەكمۇ زېرىكتىم. خوشنامنىڭ دىيىشىچە بۇ قارىغايغا بىر چىلەك تۇز سۇيى قۇيۇپ قويساقلا ئىش پۇتۇدىكەن . چۇنكى ئۇنى يېشىل ھالەتتە يۇلىۋەتسەك ئون تۇمەنگە يېققىن تۆلەپ كىتىدىغاننىڭ گىپى بار . ئۇنىڭ ئۇستىگە شەھەر ئايلانما يولىىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنى قايسى قاپاقباش لاھىلىدىكىن تاڭ ، يەر يۇزىدىن ئەللىك ئاتمىش سانتا ئىگىز دەڭلار بۇمۇ ئۆتۇشمە يولدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۇشنى بىر ھەسسە قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن . بۇنى ئاز دىگەندەك شەھەرلىك مەركىزى يەسلىگە كۆكەرتىش بەلبېىغىدىن سەكرەپ چۇشۇپ ئۆتىدىكەنسەنلەر دەپ ئەللىك سانتىنىڭ ئۇستىگە يەنە قىرىق سانتىلىق قاشا توساق پەيدا قىلىپتۇ دەڭلار ، بۇ نەرسىمۇ ماشىنىنىڭ كۆرۇش بۇلۇڭىنى توساپ ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغان نىمە ئىكەن .
5.ئىشقىلىپ قومۇل شەھەر ئايلانما يولىنىڭ ئۆتۇشمە يولدىن ئۆتىۋاتقان چاغدا چىقىۋاتقان ئېغىر قاتناش ھادىسلىرى ياۋاغ كۆرۇك ئۆتۇشمىسىدە گەۋدىلىك ، بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرىدىن بىرى دەل ئۆتۇشمە يولدىكى ماشىنىنىڭ كۆرۇش بولۇڭىنىڭ پۇتۇنلەي ئۆلۈك ھالغا كىلىپ قېلىشى ،
6.يەنە ئىسىمدە قېلىشىچە شەھەرلىك سوتنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن كوچىغا كىرىش چىقىش ئۇچۇنمۇ بىر ئۆلۇك بۇلۇڭ شەكىللەنگەن ، ئىككى تەرەپتىكى چىت تامدىن ھېچىنىمىنى كۆرەلمەيسز ،
7. ئەگەر مەن لاھىلىگەن بولسام قومۇل شەھرىدىكى ئۆتۇشمە يوللاردىكى ماشىنىنىڭ ئۆتۇشمە يولىنى توسايدىغان دۇقمىشلىرىغا كۆچەت تىكمىگەن بولاتتىم .ئەگەر مەن باشلىق بولغان بولسام قومۇل شەھرىدىكى بارلىق ئۆتۇشمە يول ئېغىزلىرىدىكى ماشىنىنىڭ كۆرۇش بولۇڭىنى توسايدىغان كۆچەت چىت تام دىگەنلەرنى يۇلۇپ تاشلىغان بولاتتىم .
|