- تىزىملاتقان
- 2014-9-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 733
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
  46.6%
|
ئاۋاتتا ئۇزۇن تالالىق پاختا سەككىز يۈئەن ئەتراپىدا، قىسقا تالالىق پاختا بەش يۈئەن ئەتراپىدا بولىۋاتقان ئوخشايدۇ، لېكىن بۇ يىل ئوتتۇردىكى پاختا سودىگەرلىرىنىڭ ئىشى سەل تەس ئوخشايدۇ، بەزىلەر ئۇلارنى ھايانكەش دەپ كېتىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەر كىلو گىرام پاختىدا ئىككى- ئۈچ مودىن پايدا ئالىدۇ، شۇ ئازغىنە پايدا ئۈچۈن پاختا باسىدىغان، كۆتۈرىدىغان - چۈشۈرىدىغان، پاختا زاۋۇتلىرىدىكى ياللانما ئىشچىلارغا يېلىنىپ، خوشامەت قىلىپ پاختىنى تەستە سېتىپ دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىدىغانلار. ئەڭ گېپىدە تۇرمايدىغىنى پاختا زاۋۇتىدىكىلەر ، ئۇلاردىن رەسمىي خادىملار سىرتتا پاختىنى پىريۇم قىلىپ ، زىق چوقۇپ تەكشۈرۈپ بىر باھا بىلەن سېتىۋالىدۇ، ئىچىگە ئەپ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا ياللانما ئىشچىلار كېلىپ پاختىدىن قۇسۇر چىقىرىپ مانچە كىلوگىرامنى يوق قىلىمەن بولمىسا پاختاڭنى ئېلىپ كەت دەپ تۇرىۋالىدۇ، بۇلارنىڭ مەخسىتى سۈپەت ئەمەس، پۇل بولغاچقا دالدىغا ئاپىرىپ تۆۋىنى 100 سوم بەرسە ، ھەر قانچە ساغىرىپ كەتكەن پاختا بولسىمۇ كارى يوق، بەرمىسە سۈپەتلىك پاختا بولسىمۇ ، پاختا تۆكۈلگەنلىك ئىسپاتىغا ئاسانلىقچە ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئەھۋال مەن بىلىدىغان پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسىدە بار ( مەن پاختا سېتىپ باققان زاۋۇتلار ئوندىن ئاشىدۇ )، شۇ سەۋەپتىن ئۈچ يىل بولدى پاختا سودىسىغا ئارلاشمىغىلى، لېكىن بۇ سودىنى قىلىدىغان تونۇشلۇرۇم كۆپ. ئەگەر دېھقانلار ئۆزى ئاپارسا دېھقانلارغا ئۇۋال بولۇپ كېتەرمىكى دەيمەن، مەسلەن: پاختىسى بىر توننىدىن ئاشمايدىغان دېھقانلار پاختا ساتقىلى بارسا 1. پاختاڭ ئازكەن دەپ تۆۋەن باھا قويىدۇ، 2. ئىچىگە كىرگەندە ئىشنىڭ يولىنى بىلمىگەن دېھقانغا پاختاڭدىن 10-100 كىلو گىرامغىچە كولايمەن دېسە ئاز پاختىغا خوشامەت قىلسا كۆتۈرمەيدۇ، كولىساڭ كولا دېسە، بۇ ئىنساپسىزلار ئاز كولىمايدۇ،
ئىشقىلىپ بىچارە دېھقانغا ئاسان ئەمەس. |
|