- تىزىملاتقان
- 2012-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1927
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
  92.7%
|
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تارىخنى ئۇنىڭ ئۆز ئۇچۇرى بويىچە تەتقىق قىلىش قارىشى،ئىنسانىيەت مەنبەسىنىڭ بىردەكلىكى قارىشى قاتارلىق ئىنسانپەرۋەر تارىخ قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئۆزىنىڭ تۈرك چۈشەنچىسىنى تارىخى نۇقتىدىن مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:
1-《تۈركىي خەلقلەر مەركىزى ئاسىيادىكى ئارىيانلارنىڭ ئۆزگەرگەن-موڭغولوئىد ئالامەتلىرى ئىپادىلەنگەن ئانتروپولوگىيلىك شەكلىدىن ئىبارەت.
2-)تۈركلەر ئىرق تىپى جەھەتتە موڭغولوئىد خەلقلەرگە ئەمەس ئارىيان-ساكلارغا،شەرقىي جەنۇنىي ئاسىيا ئىرقىغا ئەمەس،كاۋكاز تىپىدىكى خەلقلەرگە يىقىن تۇرىدۇ؛3)تۈركلەر ھونلاردىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن،مەركىزى ئاسىيادىن كەڭ بولغان پۈتكۈل تۇران-مەركىزى ئاسىيا،سېرىق دەريانىڭ يۇقىرى رايونلىرىدا،يەنى شىمالىي،غەربىي ساھىلنىڭ كۆپچىلىك رايونلىرىدا ياشىغان؛4)ھونلار تۈركىي خەلقلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مەركىزى ئاسىيادىكى ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىتتىپاقى شەكلىدىن ئىبارەت؛5)موڭغولوئىد تەسىرى بارلىق ئارىيان-قەدىمكى تۈركىي قەبىللەردە بىردەك ئىپادىلەنگەن ئەمەس.تۈركلەشكەن موڭغولوئىدلار بولۇشىنى چەتكە قاقمىغان ھالدا،بىز توقبات ۋە قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ شەرقىي تەرەپتە) كۆپرەك ۋە بىۋاستە ئۇچىرىغانلىقىنى،ئۇيغۇر ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بۇ تەسىرگە (بولۇپمۇ غەربىي تەرەپتە) ئازراق ۋە ۋاستىلىق ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرىمىز؛6)قەدىمكى دىڭلىڭلار ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئارىيان-ياۋرۇپا جىنىسىنى نىسپىي ساقلىغان ھالدا تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن؛7)ئەڭ قەدىمكى ئاندرونوپ-قاراسۇق-تاكار-تەڭرىتاغ-تارىم-تاشتىك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ۋارىسى دىڭلىڭ-گۇشى (خۇجىيە) ئۇيغۇرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە سىياسىي ھاياتىدا،تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.》【6】
|
|