- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5445
- نادىر
- 0
- يازما
- 378
ئۆسۈش
  8.9%
|
بۇ مۇدىرلا ئەمەس بەلكى دۆلىتىمىزدىكى مۇكاپات تارقىتىش يېغىنلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا شۇنداق ، باشلىق خۇددى ناھايىتى چوڭ بىر نېمىنى تەغدىرلەنگۈچىگە بېرىۋاتقاندەك ھېسىياتتا ، ئۆز ئورنىدىلا تۇرۇپلا تەغدىنامە ۋە ماكاپات بۇيۇمىنى تارقىتىدۇ .
لىكىن ئولىمپىك تەنھەركەت يېغىنلىرىغا ئوخشاش خەلىققارالىق يېغىنلارغا قارايدىغان بولساق مەيلى قانچىلىك دەرىجىدىكى باشلىق بولىشىدىن قەتتى نەزەر ،ئۇلار گۈل ۋە مىداللارنى تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ تاقاپ يەنە يېنىك قوچاقلاپ تەبرىكلەپ قويىشىدۇ،مانا بۇ نېمىدېگەن ئىنسانى چىن ھېسىيات -ھە .ئاشۇنداق چىن ھېسىيات ئىچىدە قوبۇل قىلىنغان ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ قىممىتى ، ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتىدىن نەچچە مىليون ھەسسە ئوشۇق بولامدىكىن دەيمەن . شۇنداق بولغاندىلا تەغدىرلەنگۈچى ،ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئۆز كەسپىگە يەنىمۇ چوڭقۇر مۇھاببەت باغلىمامدۇ ؟؟؟؟
بىزنىڭ باشلىقلىرىمىزمۇ ئەنە ئاشۇلاردەك ئۆز كېبىرىنى بىر دەم بولسىمۇ چۆرۈپ تاشلاپ ،ھەقىقىي ئادىمىلىگىگە قايتىپ ، بىر دەقىقە بولسىمۇ ھەقىقىي ئىنسانى مۇھاببەتنى ئىپادىلىگەن بولسا ،جەمىيىتىمىز قانچىلىق ئىناق ۋە گۈزەل بولغان بولاتتى-ھە كادىرلارنىڭ ئاممىۋى ئاساسىي ئەسلى مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن پەيدا بولمامدۇ؟؟؟؟. |
|