قۇربان ھېيىت ـــ ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك، تاتار، دۇڭشياڭ، سالا قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك بايرىمى. «قۇربان» سۆزى ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، «قۇربانلىق قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قۇربان ھېيىت بىلەن روزى ھېيىت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيتى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قۇربان ھېيىت بولىدۇ، بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70 - كۈنگە توغرا كېلىدۇ. ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە، ھېيتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئۆي ئىچى، ھويلا - ئاراملىرىنى پاك - پاكىز قىلىپ تازىلاپ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق كىيىم - كېچەك تەييارلايدۇ. ئاياللار ساڭزا سېلىپ، ياغلىق توقاچ - نانلارنى يېقىپ، تۈرلۈك تاتلىق - تۈرۈملەرنى پىشىرىدۇ، ھەرخىل پېچىنە - كەمپۈت، مېۋە - چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ.
ھېيت كۈنى ئەتىگەندە، ئەرلەر مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ، ئارقىدىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايدۇ. قۇربان ھېيتتا ئادەتتە بەزىلەر قوي سويسا، بەزىلەر، ئات، كالا ياكى تۆگە سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ. مالنىڭ تېرە - ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ ۋە ئۇرۇغ - تۇغقان، دوست - يارانلەرگە بېرىلىدۇ. ھېيىت مەزگىلىدە، ھەممە ئۆينىڭ داستخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر لەگەن گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئەتىراپىغا يېمىش تەخسىلىرى ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە - پىرەنىك، تاتلىق يېمەكلىكلەر، كەمپۈت ۋە مېۋە - چىۋىلەر تىزىپ قويۇلىدۇ.
ھېيت كۈنلىرى كىشىلەر ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلەرنى تاقاپ، ئۆز - ئارا مۇبارەكلىشىدۇ، پەتىلىشىدۇ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، قايتا ياخشى ئۆتىدۇ. ھېيت كۈنلىرى يەنە غېرىب - غۇۋا، مىسكىن - پەقىرلەرنىڭ بېشى سىلىنىدۇ، ئۇلارغا خەير - ئېھسان يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېيت كۈنلىرىدە تۈرلۈك تەبرىكلەرش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشىلەر شادلىنىپ، كۈلۈشۈپ، ناخشا ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ. يۇقىرىدا قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈشنىڭ قائىدىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، خۇش قېرىندىشىم، ئۇنداقتا، سىز قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى؟
(ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر تەييارلىدى)
|