- تىزىملاتقان
- 2014-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1352
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
  35.2%
|
روھنى ئاڭ ، سىزىم ، تەپەككۈر ۋە جان ئۇقۇملىرىدىن ئايرىۋىتىپ مۇھاكىمە قىلىش مەسىلىنى مۇرەككەپ قىلىۋىتشى مۈمكىن. ئاڭ ، سېزىم ، جان تەپەككۈر قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى روھى پائالىيەتنىڭ تەركىۋى ھىساپلىنىدۇ، ئاڭ بولسا مەلۈم مەندىن ئالغاندا روھقا تەڭداش ئۇقۇم ھىساپلىنىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا روھنى ئاڭ دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز، مەيلى قانداق بولسۇن مېنىڭ قارىشىم بويىچە بولغاندا ياراتقۇچىمىز مەۋجۈتلۈقنى ياراتقاندا يەنى ماددىنى ياراتقاندا روھنىمۇ بىللە ياراتقان بولۇپ ، ئەڭ ئاساسى زەررىچىدە روھ بولىدۇ، ئاساسى زەررىچە ماس ھالدىكى روھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، ئاساسى زەررىچىلەرنىڭ بىرىكىش ئەندىزىسى ئاددى بولغان ئوبىيكتلاردا تۆۋەن قاتلامدىكى روھ شەكىللىنىدۇ . مەسىلەن تاش ياكى تۆمۈر قاتارلىق جىسىملاردا روھ بار ئەمما بۇ روھ تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى روھ .
ناۋادا سىزىمنى روھتىن ئايرىپ قارىساق ياكى ئاڭ ۋە تەپەككۈرنى روھتىن ئايرىپ قارىساق مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، مىسالەن : بىز ئۆزىمىزنىڭ بوۋاق ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ روھىنى بىلەلەمدۇق، بوۋاق ھالىتىمىزدە بىزدە سىزىم بار ، سىرىتقى تەسىرلەرگە بەلگىلىك ئىنكاس قايتۇرالايمىز، ئەمما شۇ پەيتلەردە ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى ، قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى ئىدراك قىلالمايمىز ، بۇنىڭلىق بىلەن بىز بوۋاق چېغىمىزدا روھىمىز يوق دەپ قارىساق بولماس، بىز تۇغۇلۈپ بىر مەزگىللەردىن كىيىن روھ بەدىنىمىزگە كىرگەن دەپ قارىساق خاتالاشقان بولىمىز، روھ بىز يارالغاندىلا مەۋجۈت بولىدۇ.
دىمەك ياراتقۇچىمىز روھ ۋە ماددىنى تەڭ ياراتقان. روھ ماددىغا تەسىر قىلىدۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ماددىمۇ روھقا تەسىر قىلىدۇ. بىرى مەۋجۈت بولمىسا يەنە بىرىمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ.
|
|