مەخەت ئابدۇرېھىم
ئۆلۈرمىز ئاقىبەت بىر كۈن بۇنىڭدىن بىز قاچالمايمىز، ئېشىپ كەتسەكمۇ لوقماندىن ئاڭا چارە تاپالمايمىز.
ئۆلۈم ۋەھىمە، ئۆلۈم جاللات،ئۇنىڭدىن قايغۇرار ھەممە، خېرىدار ئىزدىسەڭ بەلكىم ئۇنى نېسى ساتالمايمىز.
ھايات قىممەت ،ھايات تاتلىق بىراق ئۇنىڭ چىكى باردۇر، كېتىپ قالسا ئەگەر قولدىن، بىرىپ ئالتۇن ئالالمايمىز.
ئەگەر مەرگەن دېسەك تەننى، ئۆمۈر مىلتىق، ۋاقىت ئوقتۇر. ئۇلارسىز يوق جاھاندا بىز ، ئۇلارسىز ئوۋ قىلالمايمىز .
جاھانغا شۇ سىياق كەلدۇق بۇنىڭغا ھەممىمىز قايىل، ھايات قەدىرىنى بىلسەكلا تېخى مەڭگۈ ياشالايمىز.
قېنى كىم ياشىدى مەڭگۈ ؟ دىگەن سۇئال سورالسا گەر، ئېچىپ تارىخنى ۋاراقلاپ دەلىل-ئىسپات تاپالايمىز.
بوۋام مەھمۇد، فارابىدەك ئىجادكارلار مىسال بىزگە، بۈيۈك ئىلھام بولۇر بەرھەق ، شۇڭا مەغرۇر ياشالايمىز.
ياشايلى ئەي ئېزىز دوستلار، ئىجاد-ئەمگەكنى يار ئەيلەپ، ئۇنىڭ بىلەن گۆھەر قازساق شۇچاغ ئۆلمەس بولالايمىز.
ئاپتۇرى: مەخەت ئابدۇرېھىم |