- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2824
- نادىر
- 0
- يازما
- 238
ئۆسۈش
  27.47%
|
تىمىا ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. بۇلار ئەمىلىيەت. بىر قىسمىڭلا ئىسسىغلىق قىلسا سۇغۇقۇڭلار ئېشىپ قالىدىكەن. راست. دىخان بولماق تەس. مىنىڭ ئاتا ئاناممۇ دىخان. مەنمۇ دىخاننىڭ قىيىنچىلىغىنى بىلىمەن. چۈنكى مەن شۇ دىخان چارۋىچىلار ئارىسىدا ياشايمەن. بىراق دىخانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يۇقۇرى كۈتۈرگىلى بۇلىدىغان مۇۋاپىق تەدبىر نەدە باردۇ؟ كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. خېلى كۆپ قىسىم دىخانلارنىڭ ئىىتىزادى ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى. ھۈكۈمەت ئۆي سېلىشقا ياردەملىشىۋاتىدۇ. تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەتتىن بەھرىمان قىلىۋاتىدۇ. يىڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى يولغا قۇيۇۋاتىدۇ. باج-سېلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسا تۇلۇقلىما بىرىۋاتىدۇ. پەرزنتلىرى ھەقسىز تەربىيىدىن بەھرىمان بۇلىۋاتىدۇ. ھەقسىز تاماقتىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ.ئىش قىلىپ ھۈكۈمەت قۇلىدىن كىلىدىغىنىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىزچۇ؟ بىز كادىرلارچۇ؟ بىز كارخانىلارچۇ؟ بىز سودىگەرلەرچۇ؟ ئۇلارغا قانچىلىك ياردەم قىلالىدۇق؟ ماددى جەھەتتىن ياردەم بىرەلمىسەكمۇ ھېچ بولمىغاندا مەنىۋى جەھەتتىن، تەخنىكا جەھەتتىن، ئىلىم پەب جەھەتتىن قانچىلىك ياردەم قىلالىدۇق؟ ئەڭ قىسقىسى باللىرىڭىزنى ئۇقۇتۇڭ دەپ تەربىيە بىرىشنىڭ ئورنىغا تۈرلۈك سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ ئۇلارنى تۇسۇشنىڭ كۇيىدا يۈرىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟ ئەسلى بىز دىخاننىڭ پەرزەنتلىرى. دىخاننى سىز بىزگە ئوخشاش تورغا چىقالايدىغانلا يىتەكلىمىسەك ئۇلارنى كىممۇ يىتەكلەر؟ مىنڭچە قىيىنچىلىق سۆزلىمەيدىغان بىرمۇ دىخان يوق. بىر پادىچىدىن قانچە قۇيىڭىز بار دەپ سورسىڭىز 100تۇياق قۇيى بولسا چوڭ كىچىك بۇلۇپ15-20سى بار دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. |
|