- تىزىملاتقان
- 2014-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1702
- نادىر
- 0
- يازما
- 127
ئۆسۈش
  70.2%
|
قوش تىل مائارىپى ھەقىقى تۈردە قوش يۆلىنىش بۇيىچە ماڭسا بولىتى،مائارىپ ئىدارىسىدىكىلە قوش تىل دەپ سۇئارنى بۇلىشىغا توۋلاپ تاق تىل بۇيىچە دەرىس ئۆتىۋاتىدۇ،ئەمدىلا باشلانغۇچ 1- يىللىقتا ئۇقۇيدىغان ئوغلۇمنىڭ سومكىسىدا 10 نەچچە خىل كىتاپ بار،ئېلىپبە كىتاپتىن باشقا كىتاپلىرىدا بىرە تال ئۇيغۇر ھەرىپىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ،ھەممە دەرىسلىكلەر ناتۇنۇش بولغان بىر بالا ئۈچۈن ئانا تىلى بىر ياقتا قېلىپ خەنزۇ تىلى ئۆگنمىسە ئادەتتىكى ھېساپ مىساللىرىنىڭ بىرىلىشىنى ئوقىيالماسلىق سەۋەبى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قالىدۇ،خەنزۇتىلىدا يۇقىرى سەۋىيىسى بار بىرسى مەخسۇس ئولتۇرۇپ يىتەكچىلىك قىلمىسا ،بالىنىڭ يالغۇز ئۆزى تاپشۇرۇق ئىشلىيالىشىدىن سۆز ئاشقىلى بولمايدۇ،ھەممە ئائىلىدىكى ئاتا ئانىلارنىڭ سەۋىيەسى يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېتەكچىلىك قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن،مۇشۇ نوقتىلارنى ئويلاپ تۇرۇپ مىساللارنىڭ بىرىلىشىگە ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قۇشۇپ قويسا بەك توغرا بولاتتى.ئوقۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرلايتى،بالىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشىمۇ ياخشى بوپ كىتەتتى،لىكىن مىڭ ئەپسۇس،.....
مائارىپ ئىدارىسىدا بۇلاارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم قالماپتۇ.....پەقەت دەرىس ئۆتۈپ قويۇش بىر ۋەزىپىدەكلا،مۇشۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا دەرىس ئۆتۈلسە بالىلار قانچىلىك چۈشىنەلەيدۇ دەپ تەكشۈرۈپ باقىدىغان ئادەم يوق،
ئىشقىلىپ مەن بىر ئاتا ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن «تاق يۆلىنىشلىك»ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق نارازىلىقىمنى بىلدۈرمەن! |
|