- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14453
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
  11.13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-24 18:34
راست ، بۇ ئىش ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش . مەنمۇ شۇ «غېرىپ» نىڭ بىرى بولمىسا .......................
ئائىلە تەربىيىسى ناچار بىر قىزنى بۇيرۇپتىكەن ئىگەم ...........ئۈچ يېرىم يىلدا ئۈيۈمدە تۇرغان ۋاقتى 7ئاي ، خۇدايىم بالىنى بىرىلىۋەردى ، مەن تېپىلىۋەردىم ، قېيناتام جەددى - جەمەتى بىلەن چۈشۈرىلىۋەردى ، ئۈچ بالا بۇيىدىن ئاجراپتىمىش ، تۆت بالىنى چۈشۈردى ،( جەمئى ئۈچ قېتىمدا تۆت بالا ئىدى ، بىرى قوشكىزەك ، ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا ئۇقتۇم . ) 4-بالىنى ئالتە ئايلىق بۇلاي دىگەندە چۈشۈردى ، دىمىگىنىم قالمىدى ، نىمىنى خالىساڭ شۇنى قىلاي دىدىم ، يەنە چۈشۈرىۋىتىپتۇ ، ھار كەلدى ، دادىسى سوتقا ئەرز قىلىپ سوت ئېچىلىدىغان كۈنگىچە نەسىھەت قىلدىم ، دادامدىن قورقىمەن دەپ ئۇنىمىدى ، ئاخىرى خېتىنى بەردىم ، خېتىنى بىرىپ بۇلۇپ گەپكە سالسام ئەسلى ئاجراشقىسى يوقمىش ، ئۆي تۇتماقچى بولسام خىزمەت ، يۇرت ، ئۇرۇق-تۇققان ھەممىنى تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە ياكى شىمالى شىنجاڭغا بېرىپ ئۆي تۇتارمىشمەن ، بۇ يۇرتتا ئۆي تۇتماقچى بولسام ئۇنىڭ دادىسى ھامان بىزگە ئاۋارىچىلىق تاپارمىش ................................
بىراق مەن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم ........................................دادىڭىز مۇشۇنداق بالا چۈشۈرسە ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى بۇزسا گۇناھ بۇلىدىغىنىنى بىلىدۇ يۇ خۇدادىن قورقمامدۇ دەپ سورىسام .........دادام گۇناھنى بەزىدە قىلمىسىمۇ بولمايدۇ ، قىلىپ -قىلىپ ئاخىرىدا تۆۋە قىلىپ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلسە ئاللاھ ھەممە گۇناھنى كەچۈرىدۇ ..........دىدى دەيدۇ . ئاللاھ كەچۈرەر ، بەندە كەچۈرمىسە قانداق قىلارمەن دەپ ئويلىمايدىكەن .
بويتاق بولساممۇ يۇقىرىدا دىيىلگەن توپتىكىلەردەك « غېرىپ» بۇلۇپ كەتمىدىم ، شۈكرى ئاللاھ...................! ياخشى كۈنلەرنى بەرگەيسەن !
|
|