- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1988
- نادىر
- 0
- يازما
- 176
ئۆسۈش
  98.8%
|
كۆكتۈرۈكلەرنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە مېنىڭچە بىزنىڭ كۆپىنچە بىلىدىغىنىمىز شۇ ياشىغان دەۋرى، ياشىغان ماكان، ئتىقادى ھەم تۇرمۇشى ، شۇ دەۋىردىكى ئۆزگىرىشلەر. شۇڭىمۇ مېنىڭچە بارىكۆلدە ياشىغان دېگەن قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارايمەن . چۈنكى، يازمىدا ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبى دېيىلىپتۇ، ئالتاي تېغىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدە ، مۇڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى تاغلارنىڭ جەنۇبى تەرىپى قومۇلنىڭ ئىككى ناھىيىسى بارىكۆل ۋە ئارىتۆرۈك بىلەن تۇتىشىدۇ ، ئارىتۆرۈكنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى نوم بازىرىدىن مۇڭغۇلىيە تەرەپكە قارىسا چېگرادىكى مۇڭغۇلىيىنىڭ تاغلىرى كۆرىنىدۇ ، يەنە ئاخشىمى ئاڭلىشىمچە مۇڭغۇلىيە چېگرا سىرتىدىن چىراق يانسا نومدا كۆرىنەرمىش . يەنە ئاساسلىق بىر سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتىلىشى بولغان خەنچە تارىخ مەنبەلەردىكى دى ، دىڭلىڭ دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى تۇرا بولۇپ ، تارىختا شەرقىي ۋە غەربىي تۇرالار دەپ بۆلۈنگەن مەزمۇنلار بىر قىسىم مەنبەلەردە ئۇچرايدۇ. بۇ بىز قومۇللۇقلارغا نىسبەتەن يات بىر ئاتالغۇ ئەمەس ، چۈنكى قومۇل تارىختىن بۇيان تۇرلار يۇرتى دەپ تەرىپلەنمەكتە، شۇنىڭدەك ئومومىيۈزلۈك ، ئۇيغۇرلارغىمۇ يات ئەمەس . بۇ يەنى ئەجدادىمىزدىن تارتىپ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئوت قويۇپ بەلگە بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان بىر ئادەم ئاران پاتىدىغان ، بەئەينى مورىغا ئوخشاپ كېتىدىغان چاسا مۇنار شەكىللىك ئەپلىك ئېگىز قۇرۇلۇش . ھېلىقى بۈيۈك سددىچىندىمۇ مۇشۇنداق قۇرۇلۇشلار بولغان |
|