- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11051
- نادىر
- 1
- يازما
- 529
ئۆسۈش
  2.63%
|
چوڭ دادام (دادامنىڭ دادىسى) پۇتىنىڭ 9 دانە بارمىقىنى ئىئانە قىپتىكەن. چوڭ دادام ۋە دادىسى كارۋان بولۇپ، يۈك تارتىپ تاشكەنتكە چىققاندا گىرمان سوقۇشى (چوڭ دادام شۇنداق ئاتايدىغان) پارتلاپ، گىرمانلار مەسكوۋ (موسكىۋا دېمەكچى) غا يېقىنلاپ قالغاندا، سوۋىت ھۆكۈمىتى ئۇلارنى يۈك توشۇشقا ياردەم بېرىڭلار دەپ تۇتۇپ قالغان. ئات، قېچىر، تۆگىلەرگە ماددىي ئەشيالارنى ئارتىپ ماڭغان، قار يېغىۋاتقاندا دالىدا قونغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق سوغۇقتا نۇرغۇن ئادەم توڭلاپ قالغان. چوڭ دادامنىڭ دادىسى تەجىرىبىلىك ئادەم ئىكەنتۇق، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتىكەن، ئورۇس دوختۇرلار پۇتىنىڭ 9 بارمىقىنى كېسىۋىتىپتىكەن. چوڭ دادامنىڭ دادىسى ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇپ ھايات قالغىنىغا اللە قا مىڭ شۈكرى ئېيتىپ ئۇلاغ تىرانسىپورت ئەترىتىنى ئىككى قوللاپ ئىئانە قىلىۋىتىپ، ئوغلىنى ساقايتىپ، ئۇدۇل شەھرى كاشىغەر تامان يول ئاپتىكەن. |
|