- تىزىملاتقان
- 2012-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1412
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
  41.2%
|
11- بانكا:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبىسى قۇرۇلدى.
دەسلەپكى جىڭلىسى لپۇرۇڭتەن ئىدى.
ئۇرنى : ھازىرقى ناھىيەلىك جىڭ يېزا كارخانىلىرى ماگىزىنى بولغان ئۇرۇن ئىدى. 1939-يىلى خەلىقتىن پاي توپلاپ
( بىر پاي 50يۈئەن ئىدى، پۇلنىڭ قىممىتى- بىر نان بەش پۇڭ ئىدى ) خوتەن سودا-تىجارەت بانكىسىا ئۆزگەرتىلگەن.
1943-يىلى كېرىيەدە، 1944-يىلى گۇما ناھىيەسىدە قۇرۇلغان بۇلۇپ، 1950-يىلى باشقا ناھىيەلەردە قۇرۇلغان.
12-يەرلىك ماللار شىركىتى ( تۇسەن گۇڭسى):
1938-يىلى خوتەندە تۇنجى قېتىم يەرلىك ماللار شىركىتى قۇرۇلغان بۇلۇپ، ئۇرنى : ھازىرقى ۋىلايەتلىك سۇ ئىدارىسىنىڭ
شەرق تەرپىدە ئىدى. دەسلەپكى باشلىغى: يۈي xx جىڭلى ( خەنزۇ) ئىدى.
13-سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (گۇڭشاڭخۇي):
1938-يىلى تۇنجى قېتىم خوتەندە ناھىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغان بۇلۇپ،
دەسلەپكى باشلىغى ھەسەن ئاخۇن خۇيجاڭ (خۇيزۇ)ئىدى. ئۇرنى: ھازىرقى جىڭ مىھمانخانىسىنىڭ غەرىپ تەرپىدە.
ھەسەن خۇيجاڭنىڭ قوروسىدا ئىدى.
14-تەمىرات ئىدارىسى (جەنشېجۈي):
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى ۋىلايەتلىك تەمىرات ئىدارىسى قۇرۇلدى. ئۇرنى: يۇرۇڭقاش ئابلاجان قارىنىڭ ھۇيلىلىرىدا بۇلۇپ،
دەسلەپكى باشلىغى : جاڭجۈنمىن (خەنزۇ) ئىدى. باشقۇرىدىغان كەسپى: دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇرمانچىلىق، باغۋەنچىلىك،
پىلە-ئژمىچىلىك قاتارلىقلار ئىدى.
15-ھاۋا رايى ئىستانسىسى:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1939-يىلى ھاۋا رايى ئىستانسىسى قۇرۇلدى. ئۇرنى: شورۋاغدىكى ئايرىدۇرۇمدا ئىدى.
تېخنىكلىرى: ۋاڭ جىڭفۇ(خەنزۇ)، ئابلىھەت لەر ئىدى.
16-دۇختۇرخانا:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانا قۇرۇلغان. ئۇرنى: ئالتۇندىكى مەدىرىسىدە(ھازىرقى سىياسى
مەكتەپ ئۇرنىدا) بۇلۇپ، دەسلەپكى باشلىغى: لى xx يۈئەنجاڭ، كىيىنكى جاڭ شىڭلىيا(ھەر ئىككىسى خەنزۇ)ئىدى.
1940-يىلى ھازىرى بىناغا كۆچكەن، دەسلەپكى دوختۇرلىرى: سوۋېىتلىك كالانوۋىچ، سوفىيە(ئايال)ئىدى.
ئۇيغۇرلادىن تۇنجى يىتىشتۈرۈلگەن دوختۇرلار: ئابدۇقادىر ئاخۇن، قاسىماخۇنلار ئىدى.
17-مال دۇختۇرخانىسى:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى ۋىلايەتلىك مال دوختۇرخانىسى قۇرۇلغان. ئۇرنى: خەلىپىلىك ھويلىدىكى
مەمتىمىن مۇپتى(ۋالىي ھەزرىتەم)نىڭ ھويلىسىدا بۇلۇپ، ھازىرقى دىيەنچاڭنىڭ ئۇرنىدا.
دەسلەپكى باشلىغى: ھوشۇر ئەپەندىم، دوختۇرلار: ئىمىنجان، ئايۇپ قۇربان، سەمەت پەيزۇللا قاتارلىقلار ئىدى.
1941-يىلى كونا شەھەردىكى سىدىقخاننىڭ ھويلىسىغا يوتكەلگەن.
18-خوتەن گىزىتى:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى كۈزدە ھەپتىدە بىر ‹‹خوتەن خەۋىرى›› گىزىتى شاپىگىرافتا بېسىپ چىقىرىلغان.
ئۇرنى: كونا شەھەر قاراڭغۇ كوچىدىكى قۇرباننىياز ھاجىمنىڭ ھويلىسىدا بۇلۇپ، باشلىغى: ئۇشەندا(خەنزۇ)ئىدى.
دەسلەپكى باسمىخانىدا ئىشلىگۈچىلەر: ئىمىن ئاخۇن بۇلبۇل، جۇسىڭگۇي(خەنزۇ)قاتارلىقلار ئىدى.
1940-يىلى ھاجى ياقۇپ مىخ مەتبە ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن، ھەپتىدە ئىككى قېتىم چىقىرىلىدىغان بولغان.
1940-يىلىدىكى ئۇرنى: چوڭ جەمەنىڭ يان ئىشىگى تەرپىدىكى غوپۇرجان ھاجىمنىڭ ھويلىسىدا ئىدى.
باشلىغى(شېجاڭ) ھاجى ياقۇپ بۇلۇپ، نابورچىكلار ئۇسمانجان قاتارلىقلار ئىدى.
1940-يىلى كۈزدە ئالتۇندىكى دوختۇرخانا قىلغان جايغا كۆچكەن.
19-ئۇيغۇر ئۇيۇشما: خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى 3-ئايدا(باشقا ناھىيەلەردە 4-ئايدا) ئۇيغۇر مەدەنى ئاقارتىش
ئۇيۇشمىسى(قىسقارتىپ ئۇيغۇر ئۇيۇشما دىيىلىدۇ) تەشكىل قىلىندى، ئۇرنى: دوللۇق بايلارنىڭ سارىيىدا بولغان،
(كىيىن خەنزۇ، خۇيزۇ ئۇيۇشمىلار قۇرۇلدى). دەسلەپتە ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشما رەئىسى ھۇشۇرنىياز مۇپتى ئاخۇنۇم،
مۇئاۋىن رەئىسى ياقۇپجان(ئۆزبېك) ئىدى، باش كاتىپ نىزامىدىن ئەپەندىم(قايماق) ئىدى.
ئۇيۇشما تەشكىلى: تەشكىلات، ماليە، تەشۋىقات، مەدەنىيەت بۈلۈملىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، مالىيە بۈلۈم قارمىغىدا
ئاۋقاپ بۈلۈم بار ئىدى. ئۇنىڭ باشلىغى پىشىقەدەم دىنى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى ئەمەت ھاجىم ئىدى.
(ئەمەت ھاجىم 1940-يىلى 10-ئايدا رەئىس بۇلۇپ، 1944-يىلىغا قەدەر ئىشلىگەن). تەشۋىقات بۈلۈم قارمىغىدا
سانايى نەفىسە(سەنئەت ئومىگى) بۇلۇپ، دەسلەپتە ئۇبۇلقاسىم ئابىت باشلىق بولغان. مەدەنىيەت بۈلۈمىگە
مەمىتىمىن ھېلىموف باشلىق بولغان.
داۋامىنى يەنە يوللايمەن.........
|
|