- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1094
- نادىر
- 0
- يازما
- 80
ئۆسۈش
  9.4%
|
ياخشى مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەپسىز كۆپ رەھمەت . زۇلپىقار باراتنىڭ يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان ئىككى كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم . ئوقۇمىغان دوستلارنىڭ ئوقۇپ بىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . چۈنكى بەك كۆڭۈل قويۇپ يېزىلىپتۇ . ئىشەنسەڭلار ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەڭ يىڭى سان كىتابلىرىدىن بولغان ” مەۋجۈدلۇق تەشنالىقى “ ، يەنى ئەنگىلىيە توغرىسىدىكى ساياھەت تەزكىرىسى بۇرۇنقى ” ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسى “ دەك جەلپ قىلارلىق چىقمىغاندەك قىلاتتى. خوددى ئۇستاز بارغانلا يەرى ھەققىدە ساياھەت خاتىرىسى يىزىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئۆزىگە بىسىم قىلىپ تىلغا ئىلىنمىسىمۇ بولىدىغان مەزمۇنلار ، سۆزنىڭ ياكى مەلۇم ئىبارىنىڭ تەكرار تەكرار قوللىنىشى دىگەندەك سەۋەپلەردىن چۇۋالچاق يىزىپ قويغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم . زۇلپىقار باراتنىمۇ شۇنداق ئەھۋال سادىر قىلارمۇ دەپ ئويلىسام ، بەك ئەستايىدىللىق ، بەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىزىپتۇ . داۋاملىق شۇنداق يىزىشىنى ، ھەتتا تىخىمۇ ياخشى يىزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
ئەسكەرتىش : ئابدۇقادىر جالالىدىندىن پۇتاق تاپقىدەك بوپتۇ ماۋۇ سويما دەيدىغانلارنىڭ چىقىشى چىقماسلىقىدىن تەبىئىي. مەن پەقەت شەخسىي قارىشىمنى قويدۇم. بىز ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىمىز ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئىدىيە ياكى ئەسەرلىرىنى ئىلغىماي ھەممىنى قۇبۇل قىلىمىز دىگەن مەنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ . بىزدە چوقۇم تەنقىدىي تەپەككۇر بولۇشى كىرەك . شۇ چاغدا بىزدە تەرەققىيات ، ئىلگىرلەش بولىدۇ دەپ قارايمەن . |
|