- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14879
- نادىر
- 19
- يازما
- 608
ئۆسۈش
  12.2%
|
harzat يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 17:09 
رەھمەت سىزگە ئەركىن ئاكا،ھارمىغايسىز.مەن بولسام بىر ج ...
سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! قىزىم ئالىي مەكتەپنى ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان، شۇ جەرياندا بىزنىڭ ئىدارىدە 2 يىل پراكتىكا قىلدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىدارىمىزنىڭ رەسمىي خادىمى بولۇپ، مالىيە باشقارمىسىدا يەنە 2 يىل ئىشلىدى.
بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئالەم تېخنىكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپتىكىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن جىددى ۋە قىزىقارلىق بولغىنى بىلەن، مالىيەگە ئائىت كەسىپنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشى ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. قىزىم بىزنىڭ ئىدارىگە رەسمىي خادىم بولۇپ ئىشقا كىرىپ، ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، يەنە بىر ناھايىتى جىددى ئىشلىمىسە بولمايدىغان، ھەمدە ئۆزى ناھايىتى قىزىقىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتكە ئالمىشىپ كەتتى. ئۇ بىزنىڭ ئىدارىدە جەمئى 4 يىل ئىشلىدى (ئىككى يىل پراكتىكا قىلدى، ئىككى يىل رەسمىي خادىم بولۇپ ئىشلىدى).
ھازىر كەلگۈسىدە ناساغا كىرىپ ئىشلەشنى نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى خېلى كۆپ. ئاللاھ خالىسا كەلگۈسىدە ناسادا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ قالار.
|
|