- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4052
- نادىر
- 0
- يازما
- 383
ئۆسۈش
  68.4%
|
ئائىلە تەربىيسى شۇنداق بولغاچمۇ، مۇشۇ تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرنى شۇنچە ئۆچ كۆرىمەن مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر. بىزنىڭ پۈتۈن جەمەتتىكىلەردىن پەقەت ئانامنىڭ ئىنىسى بىلەن چوڭ ئانامنىڭ ئىنىسى ئىككەيلەن تاماكا چېكىدۇ. شۇ تاغىللىرىمغا پەقەت گەپ قىلمايمەن. قىشىغىمۇ قەتئىي يىقىن كەلمەيمەن. گەپ قىلىش بەك زۆرۈر بولۇپ قالسىمۇ نېرى تۇرۇپ گەپ قىلىمەن. ئانام تەرەپتىنمۇ دادام تەرەپتىنمۇ نەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغاچ مەن ،كىچىكىمدە تاغىلىرىم ھاممىلىرىم بەك باقىدىكەنتۇق مىنى،ھەم بەك ئامراقكەنتۇق ماڭا. باشقىلار باقسا ئەركىلەتسە بەك خۇش بولىدىكەنمەن ، سۆيۈپ قوي دېسە ماقۇل دەپلام سۆيۈپ قويىدىكەنمەن، لىكىن ،ھېلىقى ئىككى تاغام ئەركىلىتىپ قالسا ، مەكە مەن باقاي دېسە ياكى سۆيۈپ قوي دېسە قەتتىي ئۇنىمايدىكەنمە سېسىقكەنسە دەپ . خېلى بىر چاغلارغىچە شۇ تاغامنىڭ گېپىنى قىلماقچى بولسام ھېلىقى سېسىق بۇرايدىغان ئاكام، ھەلەق ئاكام دەيدىكەنمەنتۇق. ھازىرغۇ ئۇلار ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ نەچچە بالىنىڭ دادىسى بوپ بولدى. ھېيىت- بايراملاردا ياكى ماندا يىغىلغاندا بىر يەگە كەپ قالساق چاقچاققا يۆلەپ دەۋالىمەن. نىرىراق تۇراي سەندىن سېسىق بۇرايدىكەنسە دەپ. ئانام چوڭلا بوپ قالغاندىمۇ شۇنداق ئەدەپسىزلىك قىلامسىز ئۆزىڭىزدىن چوڭلارغا، تۈزۈك مۇئامىلە قىلىڭ دەپ خاپا بولىدۇ. مەنمۇ چېكىدىغان تاغامغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ دەيمەن: « قاچان چەكمەيدىغان بولسا ئاندىن تۈزۈك مۇئامىلە قىلىمەن» دەپ .
يوللاردا، ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرسەم قەستەن كۆزىگە بىر قاراپ تاماكىسىغا بىر قاراپ قاتتىق بىرنى ھومىيىمەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ. بەزىلىرى ئاستا تاشلايدۇ قولىدىكى تاماكىسىنى، يەنە بەزى قاشاڭ قېلىن ئادەملىنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ئالدىمدا كېتىۋاتقان بىرەرسىنىڭ تاماكا ئىسى بۇرنۇمغا كىرىپ كەتسىغۇ ئاچچىقىمدا دەسسەپ دەسسەپ پىتىقلىۋەتكۇم كەپ كىتىدۇ زادى. ئىتتىك مېڭىپ ياندىغان بولاپ قەستەن سوقىۋىتىپ ماڭىمەن. 
|
|