- تىزىملاتقان
- 2014-9-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 88
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  29.33%
|
بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ساھە ياكى بىر قانچە ئۆز ئارا باغلىنشى بولغان ساھەلەردىكى مۇۋاپىقىيتى ئۇ ئادەمنىڭ نىمىلا تېما بولسا سۆزلەۋەرسە بولىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
مەن ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سادىق ئوقۇرمىنى . ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ كۈنىمىزگە يازغان شېئىر ، ماقالە - تەلقىنلىرىنى ئامال بار تولۇق ئوقۇشقا تىرشتىم ۋە ئاز بولمىغان نەپلەرگە ئىرىشتىم دەپ ئويلايمەن. ئۇستازنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى دەۋىر تەپەككۈر سىلكىنىشگە تۈرتكە بولغان ئاز ساندىكى قەلەم ساھىبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. لىكىن مۇشۇنداق بىر سورۇندا بىر پىداگوگ بولۇش سۈپتى بىلەن « پەرزەنىت تەربىيسى » دە لېكسىيە سۆزلىشى تولىمۇ ياخشى ئىش بولسىمۇ لىكىن « ئىگىلىك تىكلەش » تېمىسىدىكى لېكسىيەلىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
ھەر قانچە قىلىپمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن دىگەن ئىسىم بىلەن ئىگلىك تىكلەش دىگەن ئۇقۇمنى بىر يەرگە ئەكىلەلمىدىم. ھاياتىدا ئەسەر ھەققى بىلەن مۇئاشىدىن باشقا كىرىمى بولمىغان بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسات ۋە ئىگلىك تىكلەش ھەققىدە سۆزلىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.
مەنچە بىزگە ئىقتىسات ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە خىزمىتىدىن توختالسا ياكى قەلەم ھەققى كەلمىسە جېننى باقالمايدىغان بىر ئادەم ئەمەس بەلكى تۈرلۈك سىياسى ۋە ئىجتىمائى بىسىملارنى يىڭىپ قۇرۇق قول ئىگلىك تىكلىگەن غايلىك ، تىرشچان ياشلىرىمىز ياكى داڭلىق كارخانچىلىرىمىز توختالسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
قەغەزدە تىكلىگەن ئىجتىمائى ئىگىلىك بىلەن بازاردا تىكلىگەن ئىقتىسادى ئىگىلىك ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە. |
|