- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
turayigiti يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 14:07 
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىگەن قانداق گەپ،بىلىدىغانلار ...
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بۇلۇپ 2001-يىلى ئامىرىكا گولدمەن ساچس بانكا گورۇھى ئىقتىساتشۇناسى جېم ئونىل ئوتتۇرغا قويغان.دەسلەپتە كېسەك ئالتۇن تۆت دۆلىتى دەپ نام بىرىلگەن .2010-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا قېتىلىپ ھازىر قى كېسەك ئالتۇن بەش تۆلىتى بولدى.يەنى بۇ تەشكىلاتتا بەش دۆلەت بار.بۇلار جۇڭگو،روسسيە،بىرازىلىيە،ھىندىستان ۋە جەنۇبى ئافرىقا.بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى زىمىنى كەڭ،نۇپۇسى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. بۇلارنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىدىكى سەۋەب بولسا بۇ بەش دۆلەتنىڭ زىمىنى ۋە نۇپۇسى دۇنيادا زور سالماقنى ئىگەللىگەنلىكى،يېڭىدىن گۈللىنۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدە بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساتتا بازار ئېچىش ۋە تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىنىڭ زورلىقىىدىن بولغان. شۇڭا بۇ بەش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئىقتساد ئەھۋالىنى بەلگىلەپ قۇيۇشى مۇمكىن.يەنە كىلىپ بۇ بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە روسسىيە بۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولغان،قالغان تۆت دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئامرىكىدىن ئېشىپ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بۇلۇش ئېھتىماللىقى بار. |
|