- تىزىملاتقان
- 2011-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1269
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
  26.9%
|
تۆنۈگۈن بىر كۈن مىدىرماي ئولتۇرۇپ،تا ھازىرغىچە شۇڭقار كەبى ئۆتكەن چاغلىرىڭىزنى باشتىن ئاخىرى قالدۇرماي تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،بەزى قۇرلار مېنى قاقاقلاپ كۈلدۈرسە بەزى قۇرلار كۆزلىرىمدىن ياشلارنى سىرغىتتى.
سىزنىڭ كەچۈرمۈشلىرىڭىز بىز ياشلارغا ناھايىتى زور ئىلھام ھەم ئۈلگە بولغۇسى.
يازمىلىرىڭىزنى ئوقىۋېتىپ ئۆزەمنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قىلغان بەزى تاللاشلىرىمغا،ۋاز كەچكەن پۇرسەتلىرىمگە ئېچىنىپ قالدىم. مۇشۇنداق ئىلھاملارغا بالدۇرراق ئېرىشكەن بولسامچۇ كاشكى...ئەسلى مەنمۇ بىر ئىچىدە ئوت يالقۇنجاۋاتقان تىرىشچان بىر قىز ئىدىم،مۇقىم خىزمەت تۆمۈر تاۋاقنىڭ قۇربانى بولۇپ مۇشۇ قاتتىق ئورۇندۇققا باغلىنىپ قالدىم...
لېكىن يازمىلىرىڭىز مېنى قايتىدىن ئۇيغاتتى، بۈگۈندىن باشلاپ ئۆيدە تاشلىنىپ تۇرۇپ قالغان كىتاپلىرىنمى قايتىدىن قولۇمغا ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك،بۇ قىممەتلىك ياشلىقنى مۇشۇ .ئورۇندۇقتا بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كېرەك ...
كۆڭلۈمدە پۇتكەنلىرىمگە يىتىش ئۈچۈن ئاتلانماقچىمەن، بۇنىڭغا سىز كۆپ مەدەت بولدىڭىز~
سىزگە تەشەككۈر~~
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن~ |
|