قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 8

ئانا (چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 15:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا
(چۆچەك)

(ئەخمەتجان مەمتىمىن)  

     ئۆتكەن زاماندا چوڭ بىر قۇملۇق بۇلۇپ،قۇملۇقنىڭ ئچكىرسىدە بىر سۇ ئېقىنى ئاللىقانداق تۇركارامەتلەر بىلەن پەيدا بۇلۇپ،ئون نەچچە چاقىرىم يەر يۈزىدە ئاققاندىن كېيىن يەنەقۇملۇقتا غايىپ بۇلىدىكەن.يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئېقىننى بويلاپ بىر بوستانلىق شەكىللىنىپتۇ،كېيىن كىشىلەرنىڭ قەدىمى يىتىپ بۇ جاينى زېمىن تۇتۇپتۇ.شۇنداق قىلىپ بۇ جاي يىراق بىر شەھەرگە قاراشلىق ئوتتۇز نەچچە ئائىلىدىن تەشكىل تاپقان كىچىك يۇرتقا ئايلىنىپتۇ.
      بۇ يۇرتتا ھېلىمخان ئىسىملىك بىر تۇل ئايال بۇلۇپ ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ ،ئۈچ ياشلىق ئوغلى خۇدابەردى بىلەن ناھايتى شاد-خۇرام ياشايدىكەن.ئوغلى خۇدابەردىنىڭ ھەر بىر تاتلىق كۈلۈشلىرى،ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېتىلىپ ئەركىلەشلىرى ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىكەن .لېكىن توساتتىن بىر كۈنى خۇدابەردىنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ جايىدا قىزىل ئۆسۈك پەيدا بۇلۇپ قىززىتمىسى ئۆرلەپ قاپتۇ.ئۇنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى ھېلىمخاننى تىت-تىت قىلىپ ساراڭ قىلىۋەتكىلى تاسلاقاپتۇ.ھېلىمخان خۇدا بەردىنى بۇ كىچىك يۇرتتىكى تىبابەتتىن ئازراق خەۋرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆرسىتىپتۇ.ئۇلار خۇدا بەردىنىڭ پىشانىسىگە ھۆل لۆڭگە قۇيۇپ،يەرلىك ئۆسۈملۈك دۇرىللىرىنى ئىچكۈزۈپ بېقىپتۇ.لېكىن ھېچ ئۈنۈمى بولماپتۇ. بالىنىڭ يىغىللىرى ئانىنىڭ يۈرىكىنى قان قىپتۇ.ئانىنىڭ يىغا پەريادىغا قاراپ تۇرالمىغان چوڭ ياشلىق سەپەر ئاخۇن ئىسىملىك بىر كىشى "شەھەردە داڭلىق بىر تىۋىپ بار،پەقەت شۇلار بۇ بالىغا بىر ئامال قىلالىشى مۇمكىن"دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان ھېلىمخان ياشلىرىنى ئالدىراپ سۈرتۈپ خۇدابەردىنى ئېلىپ يولغا چىقىشقاتەمشەلگەندە،سەپەر ئاخۇن"توختاپ تۇرسىلا ھېلىمخان،بۇنداقلا يولغا چىققىلى بولماس.بۇ يۇرتتا مەندىن باشقا شەھەرگە كىرىپ باققانلار يوق.شەھەرگە كېرىدىغان يولنىڭ خەتىرىنى ئۇقمايلا،يولىنى بىلمەيلا،مەن سىلى بىلەن باراي"دەپتۇ.
     ئۇلارقاپاققا سۇ،خۇرجۇنغا نان قاچىلىغاندىن كېيىن،ئىككى تۆگە بىلەن يولغا چىقىپتۇ.ئۇلاريولغا چىققاندا كەچقۇرۇن ۋاقتى ئىكەن.قۇم بۇراننىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى،ياش ۋاقىتلىرىدا كارۋانلارغا ئەگىشىپ بۇ يولنى تالاي قېتىم باسقان سەپەر ئاخۇننىمۇنەچچە قېتىم يولدىن ئېزىقتۇرۇپ ئۇلارنى بولدى دېگۈچە قىيناپتۇ.
     ئۇلارئەتىسى چۈشتە مىڭ تەسلىكتە سەپەر ئاخۇن ئىسىدە تۇتىۋالغان توغراقلىققا يىتىپ كەپتۇ.لېكىن بۇ توغراقلىق ئۇلار ئۈچۈن ھەم ياخشىلىقنىڭ ھەم يامانلىقنىڭ بېشارىتى ئىكەن.ياخشى يېرى ئۇلار يېرىم كۈن يول يۈرۈپ بۇ توغراقلىقتىن ئۆتسىلا شەھەرگەكىرەلەيدىكەن.يامان يېرى،سەپەر ئاخۇن ئېيتقان خەتەرلىك يولمۇ مۇشۇ توغراقلىق ئىكەن.
    ئۇلارتوغراقلىق يولغا كىرىپ بىرەر سائەتتەك يول يۈرگەندىن كېيىن،سەپەر ئاخۇن ئېيتقان خەتەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ.بىر توپ چىل بۆرە ئۇلارغا ئەگىشىۋېلىپ،تۆگىنىڭ پاچاق بېقىنلىرىنى چىشلەپ زادىلا ئىلگىرلەتمەپتۇ.سەپەر ئاخۇن خۇرجۇندىكى ئۇزۇق تۈلۈكلەرنى تاشلاپ بېرىپ،چىل بۆرىلەرنى بىر ئاز گول قىلالىغان بولسىمۇ،خۇرجۇن بىردەمدىلا قۇرۇقدىلىپ قاپتۇ.چىل بۆرىلەر يەنە ئارامچىلىق بەرمەپتۇ.سەپەر ئاخۇن ئەمدى قولىغا ئۆزى ئېھتىيات ئۈچۈن ئېلىۋالغان پالتىنى ئاپتۇ ۋە بىر نەچچە بۆرىنى جېنىدىن جۇدا قىپتۇ.ئەمدى بۆرىلەر تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ كېتىپتۇ ھەم سانىمۇ بارغانچەئاۋۇپتۇ.ھېلىمخان بولسا خۇدا بەردىنىڭ ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى نە كۆزى بىلەن كۆرسۇن،يۈرەكلىرى تىتىلىپ پارە-پارە بوپتۇ.بۇ ۋاقىتتا سەپەر ئاخۇننىڭ "مېنى كەچۈرسىلە ھېلىمخان،بىز خۇدابەردىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدىغان بولدۇق،ھەممىمىز بۇبۆرىلەرگە يەم بولىدىغان ئوخشايمىز" دېگەن سۆزى ھېلىمخاننى دەرھال يىغىدىن توختىتىپتۇ.
     توغۇلغاندىن ھازىرغىچە چۈمىلىنىمۇ دەسسەپ باقمىغان ھېلىمخان خۇدابەردىنى سەپەر ئاخۇنغاتۇتقۇزۇپ،ئۇنىڭدىن پالتىنى ئاپتۇ ۋە غەزەپ بىلەن بىر نەچچە بۆرىنىڭ جېنىنى ئاپتۇ.لېكىن بۆرىلەر ھېلىمخاندىن خۇدابەردىنى تالىشىۋاتقاندەك،دەھشەت بىلەن ئېتىلىپ كىلىۋېرىپتۇ.ھېلىمخانمۇ بۇ بۆرىلەرنى چېپىپ تۈگۈتۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىسقىپتۇ.شۇ چاغدا ھېلىمخان ئاجايىپ بىر ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.ئۇ خۇدابەردىگە بىرقارىۋەتكەندىن كېيىن،پالتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ پۇتىنى يۇتىسىدىن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ.بۆرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ بىر پارچە گۆشنى تالىشىپ،بىر بىرىنى چىشلەپ ئوپلا-توپلا بۇلۇپ كېتىپتۇ.شۇ ئارلىقتا ھېلىمخانلار خېلى كۆپ يولنى بېسىۋاپتۇ.
    ئۇزاق ئۆتمەي بۆرىلەر يەنە يىتىشىپ كېلىۋاپتۇ.ھېلىمخان سەپەر ئاخۇننىڭ قاتتىق توسىشىغا پىسەنت قىلماي،ئارقا ئارقىدىن ئۆزىنىڭ سول پۇتى،سول قولىنى كېسىپ بۆرىلەرگە ئېتىپتۇ.بۆرىلەر يەنە گۆش تالىشىپ بىر بىرىنى قانغابۇياپتۇ.بۇ ئارلىقتا ئۇلارمۇ يولىنى خېلى ئاۋۇتىۋاپتۇ.بۆرىلەر يەنە يىتىشىپ كەپتۇ.ھېلىمخان پالتىنى كۆتۈرۈپ بېشىنى كېسىشكە تەمشەلگەندە،ھېلىلا تىنچىغان خۇدابەردىنىڭ ئانىسىنىڭ پالتا كۆتۈرۈشى بىلەن تەڭ دېگۈدەك باشلانغان يىغا ئاۋازى ئۇنى توختىتىپتۇ.ھېلىمخان"ياق،مەن خۇدابەردى ئۈچۈن ياشىشىم كېرەك!"دەپ ئويلاپتۇ ۋە پالتىنى چۈشۈرۈپتۇ.بۆرىلەر يەنە ئارامچىلىق بەرمەپتۇ.ھېلىمخان پالتىنى كۆتۈرۈپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ قولىنى كېسىشكە تەمشەلگەندە،خۇدابەردى كىچىك قوللىرىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپتۇ،ھېلىمخان يەنە توختاپ قاپتۇ.ئۇ "ياق،مەن بۇ قولۇم بىلەن خۇدابەردىنى كۆتۈرۈپ،ئۇنى باغرېمغا بېسىشىم كېرەك! " دەپ ئويلاپ پالتىنى چۈشۈرۈپتۇ.
    سەپەرئاخۇن پالتىنى ھېلىمخاندىن ئېلىپ،بۆرىلەرنى غەزەپ بىلەن چېپىشقا باشلاپتۇ.دەل شۇچاغدا يىراقتىن شەھەر دەرۋازىسى كۆرۈنۈپ،بىر توپ كىشىلەر يۈگىرىشىپ كېلىپ ئۇلارنى بۆرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ.شەھەردىكى داڭلىق تىۋىپلار ھېلىمخان بىلەنخۇدا بەردىنى داۋالاپ جېنىنى ساقلاپ قاپتۇ.كېيىن ئۇلارنىڭ ھېكايىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تارىلىپ،كىشىلەر ھېلىمخاننى "دۆلەت ئانىسى" دەپتەرىپلەپ،ھۆرمەت قىلىدىغان بوپتۇ.بۇ ئانىنىڭ ھېكايىسىدىن تەسىرلەنگەن دۆلەت شاھى ئۇلارنى ئوردىغا ئەكىرىۋېلىپ،ئۆز ئانىسى بىلەن ئوخشاش كۆرۈپتۇ ۋە ئۆمۈر بۇيى جەننەت كەبى تۇرمۇشتىن بەھرىمان قىپتۇ.                                                

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 14:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇشۇ مۇساپىرچىلىقتا ئانىنىڭ گىپى چىققانكىنلا كۆڭلۈم بىرخىل يېرىم بۇلۇپ قالىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1869

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 06:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ئۇلۇغ  لىكىن مۇشۇ ئانا بولۇشتىن قىچۋاتقانلارنى نىمە دىسە بولاكىن تاڭ

يوق

0

تېما

5

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31149
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:57:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن تىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ باشقا تورلاردا ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ (باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندىدەپ.)

1

تېما

0

دوست

2261

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 09:06:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى بولسۇن تۈن كېچە، چىقسا شىددتلىك بوران.
قىينىسۇن ئاچلىق ئازابى، تىل - ھاقارەت ، مەسغىرە.
ئۇچرىسام بال -قازا، دەككە-دەشنام....لارغا مەن.
قارىغايدەك قەد كېرىپ تۇرىمەن مەزمۇت يەن.

1

تېما

0

دوست

2261

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 09:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى  يىزىپسىز بارىكاللا  ھېكمەتلىك چۆچەككەن داۋاملىق يىزىپ تۇرغايسىز

2

تېما

4

دوست

1023

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28028
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 318
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 12:55:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتروس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 02:57
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن تىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ باشقا تورلار ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.ئەسىرىمنى  ياقتۇرغان بولسىڭىز بۇ مېنىڭ خۇشاللىقىم.خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ،مەن قۇشۇلىمەن.

0

تېما

2

دوست

726

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 13:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم بەك تەسىرلىككەن بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئوتىمىزدا كويۇپ سۈيىمىزدە ئاققان شۇ مېھرىبانىمىزغا قانچە قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )