- تىزىملاتقان
- 2011-7-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14453
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
ئۆسۈش
11.13%
|
ناھىيىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ زامانغا يارىشا كۈنسىرى ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ ساھەدە مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە نۇرغۇن تەجرىبە ، ساۋاقلارغا ئىرىشتۇق ھەم ئىرىشىۋاتىمىز . ۋاز كىچىش بىلەن ئىېرىشىشنىڭ دەۋرىيلىكىدە تۈكۈلىۋاتقان تەرلەر ، تۆلىنىۋاتقان بەدەللەر ، ئۈتۈۋاتقان ، ئۆتكەن ئۆمۈرلەر ، ئىرىشكەن نەتىجىلەر ................................... تىز سىزما قىلىنغان ، مەلۇم كۆلەمدە ھەم چوڭقۇرلۇقتا ناھىيىمىز ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى - توقاي تارىخىنى قەلەم بىلەن خاتىرىلەش ، بۇ ساھەدە ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك قىممەتلىك ھاياتىنى ، زېھنىنى ،ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ، ھىساپسىز ئەجرىنى سىڭدۇرگەن ئۇستاز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھىساپسىز مىھنىتىنى ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاتلارغا سۇنۇش زۈرۈرىيىتى ___ ناھىيىمىزدىكى مائارىپ ساھەسىدىكى بىر ئەۋلات مائارىپچىلىرىنىڭ بۇرچ تۇيغۇسىنى غىدىقلاپ ، ناھىيىلىك پارتكوم ، خەلق ھۈكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى ، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ناھىيىمىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەزكىرىسى تۈزۈپ چىقىلماقچى ئىدى . كەمىنە ئۈزۈمنىڭ تەجرىبەمنىڭ كەمچىل ، بىلىمىمنىڭ يىتەرسىز ، قەلەم قوۋۋىتىمنىڭ ئاجىز بۇلىشىغا قارىماي ، تورداشلىرىمنىڭ سەمىمى ياردەم قۇلىنى سۇنۇشىغا ئىشىنىپ ئەھمىيەتلىك بۇ ئىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىماقچى ئىدىم . شۇ سەۋەپتىن ئىلگىرى مۇشۇ خىزمەتنى ئىشلەپ باققان ، ياكى بۇ تۈردىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋىرى بار تورداشلىرىمنىڭ ياردىمىنى ئايىماي ، بولسا پايدىلىنىش ئۈچۈن تەزكىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرى ، قۇرۇلمىللىرى ، مۇھىم نوقتىلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر .........................!
ئەلباش ياردىمىڭلارنى كۈتىدۇ .........چچ:948839916
|
|