قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2691|ئىنكاس: 17

تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

452

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28731
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 15:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاماننىساخان (1534 - 1567)
  ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىر ، مەرىپەتچى ، ئىستىداتلىق مۇزىكانىت . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تۇنجى بولۇپ رەتكە سالغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان .
مايمىخان
غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

نۇزۇگۇم
  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
مايسىخان
ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر .

زۇلەيخان بىگىم
17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .

راھىلە خانىم
( 1860 - يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن .

ئايخان ئانا
(1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانامەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل
  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ كىلىپ ، 1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
1943 - يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ .

ئايشەمخان
1945  - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

  ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە
ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى " ئوشماق مازار " نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 16:20:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تېما ئىكەن. داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلار بولسا يوللاپ تۇرغايسىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 16:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىر قىلدى

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3239
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 17:04:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چەرچەن ناھيسدە خەنزۇلار بىلەن مىلليلار  تويلاشسا كاتتا مۇكاپات بار

+ B5 K$ i: r, o9 b

" جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى يېتەكىچى قىلىپ ،  ھەر قايىسى مىللەتلەرنىڭ  ئارلىشش ۋە قۇشۇلۇشىنى ئىلگرى سۇرۇشىنى كونكېرىت نامايان قىلىپ، ھەر

قايىسى مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى مەدەنىيتىنى يېتەكچى قىلىپ،  ئۆز ئارا كۆيۇنۇش، ئۆز-ئارا ئۆگنىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز -ئارا   قوشۇلۇشىنى

ئىلگىرى سۇرۇشتىكى چوڭ ھەركەت '  دەپ كۆرسەتتى .  8-ئايىنىڭ 25-كۇنى  چەرچەن ناھيىسى  چوڭكۆل يېزلىق پارتىكۇمىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى يېزا  باشلىقى ياسىن ناسىر  يېقىندا ناھيىنىڭ چىقارغان   يېڭى تۈزۈمى "  مىللىيلار ۋە خەنزۇلار  نىكاھلانغان ئائىللەرنى  رېغبەتلەندۇرۇش، مۇكاپاتلاش چارسى "  توغرىسدا مۇخبىرنىڭ سۇئالغا جاۋاب بەردى .

   ئىگەنلىنشچە، مەزكۇر يېڭى سىياسەتتە ، مىللىيلار ۋە خەنزۇلار  نىكاھلانغان ئائىللەر ئىتبار بېرلدىغان سىياسەتتىن بەھىرمان بولدىغان بولۇپ سىياسىي جەھەتتە، ئولتۇراق ئۆي جەھەتتە،  پەرزەنىتلىرنىڭ  ئىشقا ئورۇنىلشش قاتارلىق جەھەتلەردە  ئالدىن ئىتبار قىلىندىكەن.  

پەرزەنىتلىرنىڭ ئوقۇش جەھەتتە ،  يەسلى مائارپدىن باشلاپ تولۇقسىزغىچە  ھەقسىز ،  ئەگەر ئالى مەكتەپكە ئۆتۇپ قالسا  ھەر يىلى 5000 يۇەن مۇكاپات بېرلىدىكەن .

  يەنە توي خىېتى ئالغاندىن كىيىن  ھەر يىلى 10 مىڭ يۇەن  مۇكاپاتتىن بەھىرمان بولدىكەن ، بەھىرمان  بولدىغان ۋاقىتى ئۇدا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتىمەيدىكەن .   يەنە ئولتۇراق ئۆي ۋە داۋالىنىش جەھەتلەردىن  مۇكاپاتلارغا ئېرشەلەيدىكەن .

   ناھيلىك پارتىكۇمىنىڭ شۈجىسى جۇشىن "  بىز مىللىيلار ۋە خەنزۇلارنىڭ ئورتاق نىكاھلىنىشىنى تەشەببۇس قىلمىز،  پەقەت  توختماستىن مىللەتلەرنىڭ  ئالماشتۇرۇش، قۇشۇلۇشىنى كۈچەيتىكەندىلا ، ھەرمىللەت خەلىقى  ئىشلەپچقىرش،تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىداچۇشنىشىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغاندلا،  ھېسياتىنى چىڭتقاندىلا ،  مىللەتلەر مۇناسۋىتى ئىناق بولغاندىلا ،  ئاندىن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ  چوڭ ئىتپاقلىقى،  چوڭ قوشۇلۇشى ، چوڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، بۇ ئارقلىق  جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ ئۇلۇغ گۇلىنشتەك جۇڭگۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولدۇ  ."  دېدى .
& R0 x& X" b- Y9 x


    مەنىبە  :  http://news.ifeng.com/a/20140902/41828838_0.shtml





14

تېما

3

دوست

1927

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 17:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.باتىسخان ئانا
تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربى يۇرت قوۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداش دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسخان ئانا »قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شىۋاڭمۇ» دەپ ئاتىغان ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»، «باتىسخان ئانا كۈيى»ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ كەلگەن .

2.ئاماننىساخان (1534 - 1567)
يەكەن خاندانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق شائىرە ۋە مۇقامشۇناس.
ئۇ 1534-يىلى يەكەنگە تەۋە تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمىتۇللا بىننى موللا نېمىتۇللا مۆجىزىنىڭ «تارىخى مۇسقىيىن» ناملىق ئەسىردە خاتىرىلەنگەن.
ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەن، ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا خانىم-قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقى جەمئىيلىيە»، «شۇرۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر كېڭىشى)، «دىۋان نەپسى»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. «ئىشرەت ئەڭگىزى»، (خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان بولۇپ، 1567- يىلى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

3.ئاخۇن ئاغىچا
19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىر. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمانخان غوجام (1833 - 1863)نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇرارخمانخان غوجام قۇربان بولغاندا ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيىلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان.

4.ئەسىرى
تەخمىنەن 18 - 19 ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان (باياز)غا شائىرنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

5.ئەنبەر ئاتىن
(1870 - 1915) شائىرە ئەنبەرئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى، ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسىيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى. ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشىغان.

6. بۈۋى زەينەپ
1660-يىللاردا يەكەن شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمايىلخاننىڭ قىزى بولۇپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەكەندىكى يېشىل مەدرىستە ئوقۇغان. 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەكەن خاندانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمايىل خاننى جەمەتى بىلەن ئىلىغا ياللاپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

7.رائىلە خانىم ( 1860~ 1917)
قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى)
ناملىق كىتابىنى يازغان.(بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا).«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۇرۇپ چىققان.رائىلە خانىم ئۇيغۇر يىقىنقى زامان ئاياللار مائارىپىنىڭ باشلامچىسى.

8.ئىپارخان ( 1733~ 1788)
ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان(ئەلانۇرخىنىم ياكى مەمۇرئەزەم) چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چيەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ ، قەسىر ، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولىسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىينگە تەڭ قىلمىغان . ئۇ چيەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرىغا قايتىپ كېلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن . (ئۇنىڭ قەيەردە ۋاپات بولغانلىقى،قەيەرگە دەپنى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بار)

9.رىزىۋانگۇل (1925~ 1945)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزىۋانگۇل قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان . 1932 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، ، كۆپلىگەن كوماندىر - جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان . 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتكان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەنرىڭ قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان .

10.مۆھتىرەم خېنىم (جاللات خىنىم)
مۆھتىرەم خېنىم ئەسلى ئىسمى‹‹ مەھلىيا ››بولۇپ مىلادىيە 1656-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ 17-ئەسىردىكى يەركەن خانىدانى سۇلتان سەئىدخان ئوغلى سۇلتان ئابدۇرشىتخان ئوغلى سۇلتان ئابدۇرەھمان ئوغلى سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئىنىسى ،تۇرپاننىڭ نائىپ ئەمىرى سۇلتان سەئىد باباخاننىڭ قىزى.ئۇ ئوقيا ئېتىش ،چېلىشىش،قىلىچۋازلىق جەڭ ماھارىتى ،كىلاسسىك ئەدەبىيات قاتارلىق جەھەتلەردە 10 ياش ۋاقتىدىلا يېتىلىشكە ھەم كۆزگە كۆرنىشكە باشلىغان.ئابدۇللاخان بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى قەشقەرنىڭ باش مىرزا بىگى يولۋاس خان ئوتتۇرسىدىكى تەخىت تالىشىش ۋە يەركەندىكى ئىسھاقىيە سۈلھى  بىلەن قەشقەردىكى ئىشقىيە سۈلھى ئوتتۇرسىدىكى مەزھەپ تالىشىش كۈرەشلىرىدىن باشلانغان زىددىيەتلىك قىرغىنچىلىق دەۋىرلىرىدە خەلق تىنىچلىقى ھەم بىرلىكى ئۈچۈن مەلىكە مەھلىيا خېنىم ئاپپاق غوجىغا تۇرمۇشقا چىقىدۇ .ئاندىن خاندانلىقنى قوغداش ،سىياسەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۈچۈن‹‹ ئاپپاق غوجا ››يەنى ئىشقىيە سۈلھىنىڭ باشلامچىسى ھېدايىتۇللا ئىشاننىڭ قول ئاستىدىكى دىننى تونغا ئورنىۋېلىپ بىگۇناھ خەلىقنىڭ قىرغىنچىلقىغا سەۋەپ بولغان ۋە ئەمەل تۇتقان دىندار زاتلارنى يىغىپ قەتلە قىلىدۇ،ھەم رەھىمسىزلىك بىلەن قارىقويۇق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ،شۇنىڭ بىلەن جاللات خېنىم دەپ ئاتىلىدۇ.

11.يەتتە قىزلىرىم
1765-يىلى چىرىكلەشكەن چىيەنلۇڭ خاندانلىقى زامانىسىدا ، ئېلىخان قەمبەر بەگنىڭ ئۆلىمى سەۋەبىدىن باشلانغان جىگدە يېغىلىقى يەنى ئۈچ تۇرپاندىكى  ئەڭ زور قىرغىنچىلىق بولۇپ،پۈتۈن شەھەر خەلىقى قىرىلىپ مال-مۈلىكى تالان تاراج قىلىنغان .مۇشۇنداق مەزگىلدە يەتتە قىز باشتىن ئاخىر قەيسەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ خەلىق ئۈچۈن ئەڭ ئامالسىز دەقىقىلەرگۈچە قىلچىنى تاشلىمىغان،ئۆز ئىپپەت ھاياسى ئۈچۈن جاندىن كەچكەن.‹‹مايسىخان››-قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق .‹‹غۇنچە››-قايماقتەك سۆزلەپ تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئىچ باغرىنى مومدەك يۇمشىتىۋېتەلەيدىغان ،چېچەن ھازىر جاۋاپ قىز .‹‹دىلبەر››-كۆپ ۋاقتىنى گۈزەل خىياللارنى سۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئويچان قىز،ئۇنىڭ شائىرلىق ماھارىتى ۋە ھازىر جاۋاپلىقىغا ھەممە تاڭ قالىدۇ.‹‹زۆھرە››-چىرايىدىن تاڭدىكى چولپاندەك نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئوماق قىز.‹‹قەمبەرنىسا››-تەققى-تۇرقى تۈپتۈز ئۆسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بوي قىز.‹‹گۈلئايىم››-تىنىق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك شەھلا كۆز گۈزەل قىز.‹‹ئەختەرنىسا››-دالىلارنى چاڭ كەلتۈرۈپ ناخشا توۋلاپ،تايچاقتەك قىيغىتىپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن شوخ ئەركە قىز.
      يەتتە قىزنىڭ خۇيى ۋە خۇلىقى ئۆزگىچە ھەرخىل،لىكىن ئېتىقادى،تەلپۈنىشى،ۋە تەقدىرى بىر،جەسۇرلىقى ۋە ئەخلاقى ھازىرقى زامان ۋە كەلگۈسىدىكى خانىم -قىزلىرىغا ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولىدۇ.

12.بۈۋى رابىيە كاشغەرى
بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغارىنىڭ ئانىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ ھەرجەھەتتىن يىتىشكەن شائىرەسى.

13.مايمىخان
  (1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

14.نۇزۇگۇم
(1808 - 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

15.زۇلەيخان بىگىم
17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .

16.ئايخان ئانا
(1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

17.ئايشەمخان
1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جەنۇبىي يۆنىلش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

18.ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە
ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى " ئوشماق مازار " نامى بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يامانيار يېزىسى سۈبھاناللا كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .

19.بۈبى مەسۈم ئەزىزەم
18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر.

20.جىۋا(324-؟)
مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ،ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىشىشق ئىگىلىگەن.تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىققان.

21.دىلبەر دورغا
19-ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يىرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي
رىئالىزىمچى شائىرە. ئۇنىڭ «مەزلۇملارئاھى»(ئەرزنامە دەپمۇ ئاتىلدۇ)نامىلىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

22.دىلشاد بەرنا(1800-1905) .
ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرەتۆپىلىك. شائىرە 1817-يىلى قوقان
خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئىلىپ كىتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سىغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن«سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)،«تارىخيى مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

23.زەبۇنىسا(1639-1708).
ھىندستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان. 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غىرىبلىق ئىچدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب ، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

24.زۇلفىيە(كاشغەرى).
ئۇ ئاپئاق خوجاجۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە»ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان.

25.زىلەيخا بىگىم
يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ،قەشقەرنىڭ قوغان يىزىسىدىن. ئۇ
ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانسى. « سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارغا
قارىغاندا، ئۇ ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى«باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

26.زۇمرەت
19-ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خىلى كۆپ شئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

27.سۈلئى سۇما
مىلادىيە 4- ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر
ۋە ئەدىبتۇر. ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يىتلگەن. كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كىلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

28.سېمرا قىزى
18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان«سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا«2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا.

29.شياۋ گۈەنيىن(1039-1075)
قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شىئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقىلىنىپ قالغان.

30.شى لەنلەن باقشى(؟-1332)
يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»، «لىڭيەن سۇترىسى»،«ئالتۇن يارۇغ». تىببەت يىزىقىدىكى«پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان.

31.گۈەن يۈەنشى قىزى
14- ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇرشائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب ئوياڭ سۈەن يازغان«گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە:«گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

32.مۇترىبە
18- ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر. ك. بىرۇۋكۇف «تىل – ئەدەبىيات
ۋە تارىخ مەسىلىلەر» (1948-يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

33.نادىرە(1792-1842)
قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان. ناربۇتابىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوغلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان.1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن. شائىرەنىڭ«دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

34. ھەمراھ بۈبى
19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يىزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.

35.قەھرىمان ئايال تۇمارىس
مىلادىدىن بۇرۇنقى 6- ئەسىردە ئۆتكەن ئىران پادىشاسى كەيخۇسرونى پەم بىلەن يىڭىپ تۇران زىمىنلىرىنى ياۋنىڭ تۆمۇر تاپىنىدىن قۇتۇلدۇرغان جەسۇر ئايال پادىشا.

36.تۈركەن خاتۇن
Ⅺ ئەسىردە سالجۇقىلار ئوردىسىغا قاراخانلار ئوردىسىدىن كېلىن بولۇپ كىرگەن تۈركەن خاتۇنمۇ بىلىمى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئېرى سۇلتان مەلىكشاھقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان.

37.ئانانۇرخان
1899-يىلى ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ پىچان دىيارىدا مۈرەنلىك قىز ئانانۇرخاننىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ.
لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ يەكەنلىك دۇئايى نىكاھ ئايالىدىن بولغان ئوغلى مامۇت ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ كەتكەن سۇلتان مامۇت ۋاڭ ئۇنى مەجبۇرىي كىچىك خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ ۋە ئانانۇرخاننى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. مۇشۇنداق تەشۋىشلىك پەيتتە ئانانۇرخاننىڭ سۆيگەن يىگىتى جېلىل ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشىپ كارىز چېپىۋاتقان ئىدى.
بۇ تەڭسىز نىكاھقا قەتئىي رازىلىقى بولمىغان ئانانۇرخېنىم ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن توي ئاخشىمى زالىم سۇلتان مامۇتنى تىغ بىلەن (ئۇستىرا ياكى بەكە بىلەن) ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. بۇ مۇدھىش ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەن مەردانە قىز ئانانۇرخان ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى، غۇبارسىز تېنىنى، پاك مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوردا پەنجىرىسىدىن تاشلاپ، بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.....جېلىل مەشۇقىنىڭ ھىجران ئازابىدا زار-زار يىغلاپ ئانانۇرخاننىڭ جەسىدىنى ھازىرقى پىچاننىڭ قىزىل سىڭىر دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىدۇ ۋە ئانانۇرخانغا ئاتاپ ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئوقۇيدۇ. مانا بۇ ناخشىلار تا ھازىرغىچە خەلق تەرىپىدىن ئۇنتۇلماي، تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئۆزۇم توپلىغان باشقا مۇنبەرگە يوللىغان تىمام ئىدى.

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 18:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-9-4 17:04
چەرچەن ناھيسدە خەنزۇلار بىلەن مىلليلار  تويلاشسا كاتت ...

مەنمۇ كۈرۈپ ھاڭتاڭ قالدىم.بۇنداق بولسا مۇقۇملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەس بەلكى مىللىەتلەر ئىچىدىكى مەدەنىيەت ئېتقاد تۇقۇنىشى كۈچىيىدۇ.

0

تېما

0

دوست

348

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16408
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 19:12:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇرلاغان

0

تېما

0

دوست

273

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30890
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 20:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆزلىرىمنىڭ نەملىشىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي بىرىلىپ ئوقوپ چىقىپتىمەن.....
تىما ئىگىسى؛ياخشى تىمىدىن بىرنى كۆرسەتكىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە تەشەككۈر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )