ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇجۇبۇل راخمان ئەركىم قېرىندىشىمىزنىڭ يازغان ‹‹ قەدىمى كىتاپلىرىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىياللار›› دىگەن تېمىسىنى كۆرۈپبەكمۇ سۆيۈندۈم. ئېغىر سۈكۈت ۋە ئىلاجىسىزلىق پاتقىقىدا تىنىپ كەتكەن نىرۋىلىرىم، ئۇقۇپ تۈگىتىپ بۇلالماي توپا باسقانكىتاپلىرىمدەك ھەممە نەرسىنى ئۆز قۇينىغا ئالماقتا. ۋاختىمنى ۋاراقلاپ ئۆتكۈزۈپ ھايات مۇساپەمنى قايچىلىماقتا،تارىخ ھەققىدە گەپ بولسا چوڭ-كىچىك تىنىدىعانلار ئاز ئەمەس. بىراق ھازىرقى تارىخىمىزنى يېزىش ۋە ئۆتكەننى ساقلاشقا سەل قارىدۇق،قەدىمى كىتاپلىرىمىز بولسا دەل تارىخنىڭ دەلىلىدۇر،تارىخنى يېزىش لازىم. مۇكەممەل يازالمىساقمۇ، يېزىش يازمىغاندىن ئەلۋەتتە ياخشى.
مەن ئەركىم قېرىندىشىمىزنىڭ تىمىسىدىن ئىلھاملىنىپ قۇلۇمدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان1989-يىلى خۇتەن شەھەرلىك سىياسى كېڭەش تارىخى ماتىرياللار گۇرپىسى تۈزگەن ‹‹ خوتەن تارىخىي ماتىرياللىرى›› 1-قىسىمدىكىقىسمەن مەزمۇنلارنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردىم، بۇ كىتاپتىكى مەزمۇننى يازغانلار شۇ دەۋىرنىڭ شاھىتلىرى ئىدى.
گەرچە بۇ قەدىمى كىتاپلىرىمىز توغۇرسىدىكى مەزمۇن بولمىسىمۇ لىكىن خوتەننڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكىتارىخى ئەھۋالىنى يۇرىتىپ بىرىدىغان ئۇچۇرلاردۇر.
1- ۋلىسىپىت.
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1932-يىلى سىدىقجان دىگەن كىشى (ئەنگىلىيە پۇقراسى) ئەنگىلىيەدە ئىشلەنگەن بىردانە ۋلىسىپىتنى ئۆزىشەخسى ئېلىپ كىلىپ ئىشلەتكەن.
2-ئاپتوموبىل.
خوتەنگە تۇنجى قېتىم 1935-يىلى ياز مەزگىلىدە ماخۇسەننىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن سوۋت ئىتىپاقىدىن كەلگەن 4نەپەر ئىنژىنر(رۇس) شەنبە كۈنلۈكتە (خوتەندە كونا شەھەر شەنبە كۈندە بازا بۇلاتتى) ‹‹ئۇرال›› ماركىلىق بىردانە يۈك ئاپتۇمبىلى بىلەنكەلگەن. بۇ ئاپتوموبىل كىرىيە، نىيالارغىچە بارغان.
3-كىنو.
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1935-يىلى خوتەنگە كەلگەن يۇقارقى 4نەپەر ئىنژنىر ‹‹چاپايۇف››، ‹‹گىران شىتات›› دىگەن ئىككىكىنو فىلىمنى ئېلىپ كىلىپ، خوتەن، كېرىيە، نىيىلاردا بىلەتسىز قۇيۇپ بەرگەن.
4-سىمسىز تىلگىراف.
1935-يىلى يۇقارقى سوۋىت ئىنژىنىرلىرى خوتەندە تۇنجى قتىم سىمسىز تىلگىراف ئىشلەتكەن. ھەم سىمسىز تىلگىرافئۆگۈنۈش سىنىپى ئېچىپ، بىر مەزگىل دەرىس ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقارمايلا قايتىپ كەتكەن.
5-ئايرۇپىلان.
خوتەنگە تۇنجى قېتىم 1936-يىلى 8-ئايلاردا گىرمانىينىڭ ئۈچ ماتۇرلۇق بىردانە ئايرۇپىلانى كەلگەن بۇلۇپ، بۇ ئايرۇپىلان خوتەن ھاۋا بوشلىقىغا غەرىپ تەرەپتىن پەيدا بۇلۇپ كىرىپ، شەرىق تەرەپكە ئۇچۇپ كىتىپ، ئىككى كۈندىن كىيىن قايتىپكەلگەن ۋە لوپ ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى كەڭشىۋە دىگەن جايغا قونغاندىن كىيىن، ماحوسەن قۇشۇنلىرى قورشاپتۇتىۋېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن قۇيۇپ بەرگەن.
6-تانكا.
خوتەنگە 1937-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىداماخۇسەن قوشۇنلىرىنى خوتەن رايۇنىدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن، شىڭشىسەينىڭتەكلىۋىگە ئاساسەن، سوۋىت ئىتىپاقىدىن كەلگەن روس ۋە قىرغىز قوشۇنلار 20دانە تانكا، 40دانە زەرەھلى ئاپتۇموبىل(گاڭ بەن ماشىنا-بىرونىۋىك ئاپتۇموبىل) ئېلىپ كەلگەن،(ئاپتۇموبىل ۋە ئاتلىق قۇشۇن بۇنىڭ سىرتىدا) يەنە ئۈچئايرۇپىلانمۇ كەلگەن بۇلۇپ ھاۋا قاتناش ئىشلىرى شۇ كۈندىن تارتىپ باشلانعان.
7-خوتەن ۋىلايىتى.
خوتەن رايۇنى 1924-يىلى ۋىلايەت بولغان. خوتەن 1924-يىلدىن بۇرۇن قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە ئىدى.قارقاش ناھىيەسىمۇ 1920-يىلىغا قەدەر خوتەن ناھىيەسىگە قاراشلىق بەگلىك رايۇن بۇلۇپ 1920-يىلى ناھىيەتەسىس قىلىنعان.
خوتەننىڭ ۋىلايەت بۇلۇش جەريانى مۇنداق: قەشقەرگە ئۇن نەچچە يىل ھەربى مەمۇرى باشلىق بولغان ماتىتەي(ماخۇشىڭ-خۇيزۇ) جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنىدا مۇستەقىل بۆلىۋېلىپ ئۆلكە رەھبەرلىگىگە بوي سۇنمىعاچقا،ئۆلكە باشلىغى ياڭ زىڭشىڭ ئۈچ تۇرپاننىڭ ئامبىلى (ھاكىمى) ماشۇۋۇنىڭ ماتىتەي بىلەن بولعان زىددىيىتىدىنپايدىلىنىپ ، ئۇنى قوشۇن توپلاپ ماتىتەينى يوقتۇشقا بۇيرۇيدۇ.
1924-يىلى5-ئايلادا ماشۇۋۇ قەشقەرگە كىلىپ ماتىتەينى يۇقىتىدۇ، ياڭ زىڭشىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماتىتەينىڭبۇ ئالاھىدە خىزمىتى ئۈچۈن دوتەي (ۋالىي) لىق مەنسەپ بىرىپ ، خوتەن رايۇننى قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئايرىپ ئايرىمۋىلايەت قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ماشاۋۋۇ خوتەننىڭ تۇنجى ۋالىيسى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن تارتىپ (1932-يىلدىن بۇرۇن) خوتەن رايۇنىدا دوتەي (ۋالىي)، ئامبال (ھاكىم)، توڭلۇڭ (تۆۋەن دەرجىلىك ھەربى)،باجخانا، پوچتاخانا، قاتارلىق ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى بارلىققا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىدارە جەمىيەتلەر يوق ئىدى.
1932-يىلى 2-ئايدىن 1937-يىلى 10-ئايعا قەدەر ئالتە يىل جەريانىدىكى ئىسلام قوزغىلىڭى ۋە ماخۇسەن قوشۇنلىرىدىنئىبارەت يەرلىك توپىلاڭچىلىقتىن كىيىن، خوتەن رايۇنىنى شىڭشىسەي ھاكىمىيتى ئىشخال قىلىپ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىماخوسەن قوشۇنلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلىدى.
1938-يىلى جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن يىڭى ئورگان، يىڭى شەيئىلەر پەيدىن پەي مەيدانعا كەلدى.
8-ساقچى ئىدارىسى.
خوتەندە تۇنجى قتىم 1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى قۇرىلىدۇ.ئۇرنى : ھازىرقى ناھىيلىك حەلىق ھۆكۈمىتى ئورنىدىكى مەمەتسىدىق ھاجى، ئەمەت ھاجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قورۇسىدابولغان. دەسلەپكى باشلىغى ما xx جۈجاڭ (حەنزۇ) ئىدى.
9-سوت مەھكىمىسى (فايۅەن).
1938-يىلنىڭ باشلىرىدا خوتەندە تۇنجى قېتىم ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى قۇرۇلغان.ئۇرنى:يۈسۈپ بەگ ھاجىمنىڭ ھويلىسىدا بۇلۇپ، ھازىرقى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارقا تەرپىگە توعرا كىلىدۇ.دەسلەپكى باشلىغى: چىڭ زۇڭجى يۈئەنجاڭ (خەنزۇ) ئىدى.
10-مائارىپ ئىدارىسى.
1938-يىلىنىڭ بېشىدا تۇنجى قتىم ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قۇرۇلغان بۇلۇپ ، ئۇرنى : گۇجان دەرۋازىسىدىكىساۋۇرئاخۇن شاڭ زۇڭنىڭ قورۇسىدا ئىدى.
باشلىغى: سۈي جاۋ تەي (حەنزۇ) ئىدى. 1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا ماجاۋ سۇڭ ( ئازاتلىقتىن كىيىن حوتەنگە مۇئاۋىنۋالىي بولغان) مائارىپ مۇپەتتىشى ( دۅشۅ) بۇلۇپ كەلگەن.
داۋامىنى يەنە يوللايمەن، ......................!