- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5048
- نادىر
- 0
- يازما
- 487
ئۆسۈش
0.96%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-2 16:26
ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا ئۇتۇق قازانغۇسى كىلىدۇ.ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆز ساھەسىدە بۆسۈپ چىقىشنى ئويلايدۇ.تىجارەتچىلەر تىخىمۇ كۆپ تاپاۋەت قىلىشنى ئويلايدۇ.خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلار،ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىندىغانلار،كەسپىي خىزمەت ساھەسىدىكىلەر مۇۋاپىقيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ.خۇسۇسەن ھەرقايسى تەپەككۇر ئىگىلىرى ئۆز دائىرسىدە ئىرىشمىگەن نەرسىلىرىگە ئىرىشىشنى ئىزدەيدۇ.ئىگە بولغانسىرى تىخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئىگە بولغۇسى كىلىدۇ.ئەمما ئۆز ساھەسىدە ئىرشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان تەپەككۇر ئىگىلىرى كۆپۈنچە ھاللاردا شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ئىرىشكەن نەرسىلىرى تۆلىگەن بەدىلىگە ئەرزىمەي قالىدۇ.بەدەل تۆلەپ كۆرەش قىلىپ ئىرىشكەن نەرسىلىرى شۇ تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ تەبىئى ھەققىدۇر ئەلۋەتتە.ئەمما شۇنچە بەدەل تۆلەپ ئىرىشەلمىگەنلىرىچۇ؟ بۇنىڭغا كۆرەشچان تەپەككۇر ئىگىسىنى ئەيىپكار تۇتۇش ئادىللىق بولمىسىمۇ ئاچچىق رېئاللىق ھەرقانچە كۆرەش قلىپمۇ لايىق بولغان نەرسىلىرىگە ئىرشەلمىگەن تەپەككۇر ئىگىسىنى ئەيىپلەيدۇ.ئاخىرقى نەتىجىنى تەغدىرگە تاشلاپ قويۇپ بىپەرۋالىق قىلغان بولسا ئاخىرنى يەنە شۇ تەغدىرگە ئارتىپ قويۇشتەك كۈلكىلىك ئاقىۋەت چىقىدۇ.
بۇنداق ھالەتتە نىمە ئۇچۇن شۇنچە كۆرەش قىلىپمۇ لايىق بولغانلىرىغا ئىرىشەلمەيدىغاندۇ؟دىگەن سۇئال تەبىئىلا تۇغۇلۇدۇ.
بەزىلەر بۇنى<تەلىيى يوقكەن>دەپ يەكۇنلىسە بەزىلىرى<نىسىپ بولماپتىكەن>دەپ يەكۈنلەيدۇ. ھەر ئىككلى خىل يەكۈن ئاخىرقى ئاچچىقنى بىسىش ئۈچۈن قىلىنغان تەسەللىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇنداقتا قانداق يەكۈنلەش مۇمكىن؟
مىنىڭچە مۇۋاپىقىيەتكە ئىشىنىپ قالغان بىراق ،مۇۋاپىقىيتىنى پەرق ئىتەلمىگەن دەپ يەكۇنلەشمۇ مۇمكىن.
چىڭ ئىشەنچ ۋە كۆرەش بىلەن بىرگە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى غىل پال پەرق ئىتىشمۇ ، ئىرشىشكە ئىلىپ باردىغان ئامىلدۇر.
بەزىلەر پەرق ئىتىش جەريانىدا كۆرەش قىلىدۇ
بەزىلەر كۆرەش قىلىش جەريانىدا پەرق ئىتىدۇ. (خاتىرەمدىن)
ھەر ئىككىلى خىل تۈردە مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولۇدۇ ئەمما مۇۋاپىقىيەت ئوبىكتىنى پەرق ئىتەلمىگەن كۆرەش، مۇۋاپىقيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلنىپ قىلىشى مۇمكىن. تۆلىگەن بەدەل بولسا بىكا كىتىدۇ. پەرىق ئىتىش بىلەن كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ياكى گەپ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.چىنلىق ياكى ساختىلىقنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.جەميەت مەسىللىرىدىن،ياكى ئىجتىمائىي مەسىللەردىكى پەرىقلەرنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.ھەرقانداق پەرقلەرنى بىر بىردىن پەرقلەندۈرگىلى بولۇدۇ.
بىر پەرقنى پەرقەتسەڭ شۇنداق پەرق ئەتكىنكى:شۇنى پەرق ئىتەلىگەنلىكىڭنى پەرق ئەت.
پەرق ئىتەلمىسەڭ ، پەرق ئىتەلمىگەنلىكىڭنى پەرق ئەت.(جېمىس ئاللېن.ئىنگىلىس يازغۇچىسى)
پەرق ئىتىش: تېمىمىزنىڭ جەۋھىرى بولغان ئۆتكۈرلۈككە باغلىقتۇر. ئۆتكۈرلۈك پەرىقلەرنى پەرق ئىتىشتە يەككە ۋە ئالدىنقى قەدەمدە رول ئوينايدۇ.تەلەي بىلەن نىسىپ ئىككىنجى قەدەمدىكى مەسىلە.
مۇۋاپىقىيەتنىڭ يىڭى تەڭلىمىسى: ئۆتكۈرلۈك + پەرقىتىش + كۆرەش + ئىشەنچ = مۇۋاپىقىيەت.
ھەرقانداق تەپەككۇر ئىگىسى ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خىلى بىلىملىك چاغلايدۇ.بەزىدە ئۆز بىلەرمەنلىكى بىلەن باشقىلارنى مەڭسىتمەي ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى رېئاللىق
كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشى، بىلەرمەنلىك قىلىشى ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى تەرىپلىشى بىلەن ئۆلچىمەيدۇ. ئەمىلىيەتتىكى قازانچ ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۆلچەيدۇ.
تۆۋەندىكى كىچىككىنە ئەمەلىي سىناق سىزنىڭ تۇنجى باسقۇچتا قانچىلىك ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەپ بىرەلەيدۇ.ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە بولۇش، روھى ساغلاملىق،تەپەككۈرنىڭ توسالغۇسىز ئوچۇق بولىشى ۋە ئادەمىي پەزىلەتتىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. سىناپ بىقىشنى خالامسىز؟
1. بۇ كۇۋادراتتىن قانچە كۇۋادرات بايقىدىڭىز؟
27 دىن كۆپ بايقىشىڭىز ئوتتۇرا ھال ئىكەنلىكىڭىزنى، مەۋجۇت ساندىن ئىشىپ كەتكىنىڭىز مىڭىڭىزنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى،مەۋجۇت ساننى دەل تاپالىشىڭىز مىڭە ئىشلىشى ئۆتكۈر باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
2. 3 : 5 : 7 : 9 : 11 : ( 11 نىڭ كەينىگە قانچە كەلسە توغرا بولۇدۇ؟)
3. بۇ ئىككى پارچە رەڭسىز رەسىمگە قاراپ نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟تۇنجى ھىس قىلغىنىڭىز ياكى نىمىنى كۆرگىنىڭىز موھىم.ئىجابىي بىر نەرسىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ ،ياكى سەلبىيمۇ؟
4. بۇ رەسىمدىن نىمىلەرنى كۆردىڭىز؟
يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسىگە بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە توغرا جاۋاپ بىرەلىگەنلەر خىلى ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە دىيىشكە بولۇدۇ. قىسمەن جاۋاپ بىرەلىگەنلەر ئادەتتىكى ھىساپلىندۇ.جاۋاپ بىرەلمىگەنلەر، چۈشىنەلمىگەنلەر ياكى كاللا قاتۇرۇشنى خالىماي پەرۋا قىلمايدىغانلارنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ بولار. ئىغىرلىقىنى يەر كۆتىرىپ،رىسقىنى ئىگەم بىرىپ ئاران كىتىۋاتقان پايدىسىز پارازىت دىسەكمۇ بولۇدۇ.
5. ئەڭ موھىم بولغان سىناق تۆۋەندىكىچە:
بۇ سىندىكى نىگاتىپ (دىبەن)رەسىمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قارا چىكىتكە قاراپ تۇرۇڭ. پارالېل تولغاندا نىگاتىپ رەسىم دەرھال ئەسلى ھالىتىگە كىلىدۇ.سىزگە رەڭلىك كۆرنىدۇ.
ئەسلىدە بولسا ئۇ بىر رەڭسىز رەسىم. بۇنى قانداق چۈشەندىڭىز؟
بۇنى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرسى چۈشنەلەيدۇ. چۈشىنەلىگەن كىشىلەرنىڭ مىڭە ئۆتكۈرلىك دەرجىسى: مەشھۇر شەخىسلەر، قىلغان ئىشىدا مۇۋاپىقيەت قازىنالايدىغانلار ۋە ئالىم ،ئىنژىنىر قاتارلىقلار چىقىقىدەك دەرجىدە يۇقۇرى.
(سىناقتىن ئۆتۈپ مۇئەييەنلەشتۇرۈلگەن)
قىنى پەرق ئىتىپ بىقىڭ |
|