- تىزىملاتقان
- 2012-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2415
- نادىر
- 0
- يازما
- 175
ئۆسۈش
  13.83%
|
يېزىلىق شىپاخانىلارنىڭ مۇھىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى.خېلى ئېغىر كېسەللەرنىمۇ داۋالاشقا كۆزى يېتىدۇ.ئەلۋەتتە داۋالاپ ساقايتقىنىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.دەۋاتقىنىم بىزنىڭ راھەتباغ يېزىلىق شىپاخانا.بىر نەچچە پىشقەدەم دوختۇر بار،سەۋىيىسىمۇ خېلى ئۈستۈن.سېستىرالىرىمۇ بەك ياخشى.بۇ شىپاخانىدا ئادەتتە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تولۇق بولماسلىقى سەۋەپلىكلا بىر قەدەر ئېغىر كېسەللەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يوللايدىكەن.ئىمكان بولسىلا قايتۇرماي ئەستايىدىل داۋالايدىكەن.بۇنىڭ ئەلۋەتتە دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە چوڭ ياردىمى بار.شۇڭلاشقىمۇ بۇ شىپاخانىغا باشقا يېزىلاردىن كېلىپ داۋالىنىدىغانلارمۇ كۆپ دەپ ئاڭلىدىم.قايسى كۈنى قاتتىق مىجەزىم يوق،شۇ شىپاخانىغا بارغان،ئاۋۋال بىر كۈنلۈكلا ئوكول يېزىپ بەردى.ھېسابات قىلغىلى بارسام بىر كوي ئالتە مو دەيدۇ.ھەمرا بوپ بارغان شەھەر نوپۇس ئاغىنەم ھەيرانلىقىدا ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.ئىشقىلىپ بۇ شىپاخانا بوپ قالىدۇ.... |
|