مۇز چىلەك ساخاۋەت ئويۇنى باشلىنىپ ئىككى ھەپتە بولغاندا باغداش تورى مەسئۇلى ئەكبەرجان ئەسەد ،ھۇررا كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ساتتارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى بىلەن مۇز چىلەك ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،قەيسەر مىجىت ئەپەندىم ،تاشپولات روزى ئەپەندىم،ئىسكەدەر سەمەت قاتارلىق ئۈچ داڭلىق شەخىسكە جەڭ ئېلان قىلغانىدى .
تاشپولات روزى ئەپەندىم رىقابەتنى قۇبۇل قىلىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇردى ،قەيسەر مىجىت ئەپەندىممۇ رىقابەتنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى ھەمدە بىلىپ ساخاۋەت كوللىكتىۋىغا پۇل ئىئانە قىلدى .قەيسەر مىجىت ئەپەندىم نىمىلەرنى دېدى دېقىتىڭىز ئېكراندا بولسۇن .
ئىنىم ئەكبەرجان ئەسەدنىڭ تەكلىۋىگە جاۋاپ:
ئىنىم، خەۋەر تاپتىم نىيىتىڭىزدىن. سىز «جەڭ» دەپسز، مەن دىدىم «تەكلىپ». خۇرسەن بولدۇم ۋە ئىچ-ئىچىمدىن. كىسەل ئاتا، تۇل قالغان ئانا، تۇغۇلۇپلا تاشلانغان بالا. ئۇلار ھاجەت مېھر-شەپقەتكە، مۇھەببەتسىز دوزاق بۇ دۇنيا.
ئىنىم، بىلمىگەتدىم تۈنۈگۈنكىچە، «مۇز چىلەك» نىڭ نىمىلىگىنى. بەزىلەرچۈن ھايات مۇزدەك سوغ، تىتىغانلار بىلىدۇ ئۇنى. كىم ئىيتىدۇ مۇز بار چىلەكتىن، تۆكۈلگىنى مۇزدەك سوغۇق سۇ. مەن ئىيتىمەن چىلەكتىكىسى، بىر مۇقەددەس ئىسانلىق تۇيغۇ. تامچىپ تۇرساق ياكى تامچىتىپ، ئازىيىدۇ بىزدىكى قايغۇ.
ئىنىم، قوبۇل قىلدىم تەكلىۋىڭىزنى، سۇ تۆكمىدىم بىشىمغا بىراق،. تۆكەي دىدىم تامچە بولسىمۇ، بۇ سورۇنغا قىلىپ ئىشتىراك. "بىلىپ" ئۈچۈن يوللىدىم كۆڭۈل، تەكلىپ قىلدىم ۋە باشقىلارنى. قوللاش بۇرچۇم، قوللاش ھەم بەخت، ئېسىل ئادەم، ياخشى ئىشلارنى!
|