قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3557|ئىنكاس: 37

ئەلۋىدا قاناستا قالغان تېلفۇنۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 18:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        شۇنداق كاللامدا نۇرغۇن نۇرغۇن نەرسىلەرنى يېزىشنى ئويلىساممۇ لېكىن كومپىيۇتۇر ئالدىغان كىلشىتىن بۇرۇن موشۇ يازغان نەرسىلىرىم ئەل ئۇچۇن ئازدۇر كۆپتۇر مەنپەئەتلىكمۇ دىگەننى ئويلىشىمەن . بولۇپمۇ ھېلقى تۇركىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇھاجىر ئۇكىمىز ئەگەر بىرسى توردا مەن يولۇققان ئاۋارچىلىقنى يوللىۋەتكەن بولسا (پاسپورت ھەقىدىكى ) بۇ ئاۋەرە يولىنى تاللىماستىم دىگەن سۆزى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان ،شۇڭا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارنى مەيلى ئەدىبى شەكىلگە چۇشسۇن چۇشمىسۇن  باشقىلار ئۇچۇن ئازراق پايدىلنىش قىممىتى بولىسلا ئېرىنمەي يېزىپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم .

        قاناس ساياھىتىگە چىقىشتىن بەش كۇن بۇرۇن
        قاناس ساياھىتىگە چىقشىتىن بەش كۇن بۇرۇن ئايىلىم بىلەن قاتتىق تۇتۇشۇپ كەتتىم ، سىز زادى پۇل تېپىپ مېغىزىنى چېقىشنى بىلمەيسىز ، ئالما تېلفۇن تۇتۇۋاتقانلاردىن نەرىڭىز كامكەن بۇدا ئالما تېلفۇن ئېلىڭ .ياق ئالما تېلفۇن ئالمايمەن ،ئۆزەڭ بىلسەن خاتۇن مەندەك مەڭگىسەرلەر ئالما تېلفۇن تۇتسا يا قولدىن چۇشۇپ چېقىلغان يا يۇتكەن .ئشىقىلىپ مەن ئۇنداق قىممەت بىرنىمنى تۇتمايمەن ، دەۋلىتىمىزنىڭ خۇاۋىي تېلفۇنى بولسىلا بولدى مىڭ سوملۇق تىلفۇن تۇتسام بىر يىل يەتسىلا بولدى ئەمەسمۇ . ھازىرقى قولۇمدىكى تېلفۇنغۇ بولاتتى بىراق ئىدارىنىڭ ئاشخانىسىدا بۇ تېلفۇنۇمغا ئۇماچ ئىچكۇزۇپ قويۇپ بىر يەرلىرىى ئانچە سەگەك ئەمەس بولىۋالدى .يەنە دىسەم يەنە دەيدۇ بۇ خاتۇن كىرىشپلا قاپتۇ ئالما تېلفۇن ئالىسەن دەپ ، ۋاي بولدى قىلە ئاڭلىمدىڭمۇ ھازىر قومۇلدا ئالما تىلفۇن ئالغانلارنىڭ ئاجىرشىش نىسبىتى يوقۇرى ئىمىش ،مېنى نىمە قىل دەيسەن ، مەن ئۆزەم توقۇغان بۇ سىتاتىسكامنىڭ ئۇنۇم بىرىشىدىن ھەيران قالدىم . شۇنداق قىلىپ ئىدارىدىكى ئەلقەم ئاكامنىڭ كۇچ چىقىرىشى بىلەن تونۇش ئىزلەپ مىڭ سومغا خۇاۋىي تېلفۇننى ئالدۇق ، ئاندىن قاناسقا ماڭدۇق.

        ساياھەت ئاپتۇبۇسىدىكى ئۇخلاش ھوقۇقى
        ساياھەت ئاپتۇبۇسىدا قاناسقا قاراپ ياق ئاۋۋال بورچىنغا قاراپ كىتىپ بارىمىز . ئورۇندۇقىمىز تەلەيگە يېرىم ياتىدىكەن . بولۇشىغا ياتقۇزۇپ ئارامخۇدا كىتىپ بارسام  چۇش ۋاقتىسىدا يولنىڭ يېرمىدىن ئىچكىرسىدىن چىققان  بىر قانچە يولداشلار چىقىپ كەينىمدىكى بىر قانچە بوش ئۇرۇنغا ئورۇنلاشتى . يول يىتەكچىسى ئالماق تالماق كىلىپ ماڭا بۇيرۇق قىلىپ ئورۇندۇقۇمنى تىكلەشكە بۇيرىدى ، مەن ئىچىكىرسىلىكلەرگە خوشامەت قىلۋاتقان بۇ خەنسو يىتەكچى چوكانغا ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدىم ، ئىچىمدە ماۋۇ خەق چوڭ خەنسوچىلىق قىلۋاتىدۇ ، دەپ غۇدىراپ قويدۇم . ئەمىليەتتە كىيىن شۇنى ئويلاپ يەتتىمكى يىتەكچىنىڭ قىلغىنى چوڭ خەنسوچىلىق ئەمەسكەن ئۇ پەقەت يېڭى خېرىدارىغا دەسلەپكى قەدەمدە ئازادە بىر مۇھىت ئىچىدە ساياھىتىنى باشلاتقۇزماقچى بولغاندەك تۇرىدۇ .ئەتىسى ئەتتىگەندە بورچۇندىن قاناسقا قارا قاغا پوق چوقۇمىغاندا ماڭدىغان گەپكەن .  قومۇلغا قارىغاندا بامداتنىڭ ۋاقتىمۇ يېرىم سائەتتەك كىچىكىدىكەن . بامداتنىڭ ۋاقتى كىرمەيلا تاھارەتنى ئالغان پېتى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدۇق ، ئامال يوق ئىشارەت بىلەن نامازنى ئوقۇپ بولۇپ شۇنداق ئۇيقۇ تۇتتىدە يەنە ئورۇندۇقۇمنى يېرىم ياتقۇزدۇم .بىر مىنۇت ئۆتە ئۆتمەيلا ئىچكىرسىلىك ماڭا قاراپ ئورۇندۇقنى تىكلە،مەن چوڭ ئاپرات ئېلۋالغان دەپ بۇيرۇق قىلغىلى تۇردى .  بۇدا ئاپتۇبۇستىكى ئىناقلىق نۇقتىىسدىن يەنە ئورۇندىقىمنى تىكلەپ بەرگەن بولساممۇ ئۇنىڭ رەھمەتمۇ دەپ قويمىغىنىغا قورسۇقۇم تازا كۆپتى ،ھۇ زاتۇرۇشكا قويە ئۇنداق ئىناق ئىتپاقلىقنى ئەمدى ھوقۇقنى تەكىتلەيدىغان پەيىت كەلدى ، ئىچكىرسىلىك بولساڭ بولمامسەن ، ھازىر ئىتنىڭ بېشىغا ئۇرسا مىڭ سەندەك نىمىلەر ، مەن ئىككى مىنۇتتىن كىيىن ئورۇندۇقۇمنى يېرىم ياتقۇزغاچ كەينىمگە قاراپ كەچۇرگىن ھازىر تېخى تاڭ ئاتمىدى ،  ماۋۇ بىزنىڭ شىنجاڭدا باشقا ھوقۇقلىرىمىز سىلەر ئىچكىرسىلىكلەرنىڭكىدەك ئۇنداق كەڭتاشا بولىمىسمۇ ئەمما ئۇخلاش ھوقۇقىمىزتېخى بار ، سەن تۆلىگەن پۇلنى مەنمۇ تۆلىگەن بۇ يەرگە ، ئاپراتىڭنى قەيەرگە قويۇشنى ئۆزەڭ ھەل قىلۋال !مەن ئاۋازىمنى خېلى يوقۇرى كۆتۇرۋەتكەن بولسام كېرەك ،يىتەكچى ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ جىم ئولتۇرۋالدى، يىتەكچىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۇپ ھېلقى ئىچكىرسىلىك غوجاممۇ ئۇجۇقتى . ئەلۋەتتە نورمال قائىدە بويىچە مەن كەينىمدىكى خوشنام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇخلايدىغان چاغلاردا ياتقۇزۇپ ، ئۇنىڭغا قولايسىز بولغاندا تىكلەپ ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرساق ئەڭ نوچىسى شۇ ئىدى .ئەمما بۇ غوجاملار يىتەكچىنىڭ خوشامىتىدىن كىيىن ئۆزلىرىنى تولۇق ھوقۇقلۇق ھىس قىلىشقان بولسا كېرەك .بۇ خەق زادى نورمال بولالمايدىكەن ،بىر بولسا گىدىيۋالغان بىر بولسا كۇچۇكلىنىپ پۇكلىنىپ كەتكەن .
        مېنىڭ بىر ئادىتىم بار ئاچچىغىم كەلسە ئۇيقۇم قاچىدىغان ئىشى بار گەرچە ئورۇندۇقۇمنى غەلبىلىك كەينىمگە ياتقۇزىۋالغان بولساممۇ ئۇيقۇم قېچىپ كۆزۇمنى كېرىپ ئولتۇرۇپ ئازاپلىق تومۇزدىن كىيىنكى ئۆرۇمچى ساياھىتىمنى ئەسلەپ قالدىم .ئۇ كۇنى دۆڭكۆرۇكتىن نەنزىگو ئاپتۇبۇس بىكىتىگە قاراپ ماڭغان ئىدۇق .

        زىيالىلار چىققان كوچا ئاپتۇبۇسى (ئەسلىمە )
        ئازاپلىق تومۇزدىن بىرئاي كىيىن  ساۋاقدىشىم ئەنىۋەر بىلەن ئۆرۇمچى ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قومۇلغا قايتىش ئۇچۇن دۆڭكۆرۇكتىن نىيەنزىگو ئاپتۇبۇس بېكىتىگە قاراپ ماڭدۇق . كوچا ئاپتۇبۇسى لىققىدە ئادەم بىلەن تولغان ئىدى . تۇيۇقسىز قىرىقلاردىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن يەنە بىر خەنسو ئايال قىزغىن تىل جېڭىنى باشلىۋەتتى . ئىشنىڭ بېشى مۇنداق بولغان ئىكەن . ئاپتۇبۇستا ئاتمشىتىن ئاشقان بىر خەنسو بۇۋاي ئۆرە تۇراتتى ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمىگەن ئىكەن .تويۇقسىز مەلۇم بىر مەھەللە باشقارمسىىنىڭ مۇدىرى بولغان خەنسو ئايال ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتلارغا قاراپ  ئادەمنىڭ توللىلىقىدىن بولغان ئىچى سىقىلىشنى يىنىكلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايالغا قاراپ سېنى ئاتا ئاناڭ قانداق تەربىيلىگەن ؟ نىمىشقا ئۆزلىگىڭدىن ئورۇن بوشاتمايسەن دەپ ‹جەڭ›نى تەشتى دەڭلار .بۇ مۇدىر خانىم بەلكىم ئۆز تەۋەلىكىدىكى خەنسوچىنى چورت ئوقمايدىغان ئۇيغۇر ئەزالارغا ئۇلار چۇشەنمىسىمۇ ئۆز تىلىدا ئاتالمىش نەسىھەت ھەم ھەقىقىتىنى موشۇنداق بايان قىلىپ كۆنۇپ قالغان بولسا كېرەك ،ئەپسۇس مۇدىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم سىمونىت مىقىغا ئۇسۇپ سالغانلىقىنى گىپى تۇگۇمەي تۇرۇپلا ھىس قىلىپ يەتتى بولغاي، چوقۇم ھىس قىلدى . بۇ ئۇيغۇر ئايال گەرچە مىڭكوخەن بولمىسسمۇ خەنسوچىدا دودۇقلاپ قالمىدى ، خەنسوچە ئۆگەنگەنلەرنىڭ بىر تەجرىبىسى بارغۇ سوقۇشقاندا بەك دەۋىتىمىز خەنسۇچىنى شۇنداق راۋان سۆزلىگىنىمىزدىن كىيىن ھەيران قالىمىز ، بۇ ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىرىنچى قوۋۇز گىپى سەن كىمدىن باشلاندى .سەن كىم ؟ مەن مەھەللە ئش باشقارمسىى ئاياللار خىزمىتى مۇدۇرى ، ئىششىڭنى قىلە ماڭ قوپمايمەن قانداق ، نىم قىلالايسەن ، بەك مەدىنيەتسىزكەنسەن ، مەدىنيەتسىز دىگەن سەن سېنىڭ مىللىتىڭ ئىشەنمىسەڭ قىزىل راۋاقتىكى چۇشنى كۆر ، ئۇچ پادىشاھلىقنى كۆر ..................بۇئايال شۇ سۆزلەپ تىللغىنىچە ئاغزىدىن ئاق ئۆشكە كىرىپ كۆك ئۆچكە  چىكەتتى ، ئازاپلىق تومۇزدىن كىيىن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى شۇبھە تۇمانلىرى تولۇق تارقالمىغان بىر چاغدا پۇتۇن ئاپتۇبۇستىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ تالاش تارتىشنى توغرىسىنى دىگەندە بۇ تىل ئۇرۇشىنى جىمجىت تىڭشۇدۇق ، شۇڭا بۇ ماۋزۇنى زىيالىلار چىققان كوچا ئاپتۇبۇسى دەپ قويدۇم .ئاخىرى بىرەر سائەتلەر بولاي دىگەندە ئاپتۇبۇستىكى بىر كۆزەينەكلىك خەنسو زىيالى گەپكە ئارلاشتى .ھەي ئايلام سەن مىللەتنى چىشلەپ تارتماي .ئىككىڭلار بىر بىرىڭلار بىلەن دىيىشڭلار ، بۇنىڭ مىللەت بىلەن ئالاقىسى يوق . مېنڭچە بۇ ئايالنى ئەمدى ھېچكىم توختۇتالمىغىدەك .
        بىز نىيەنزىگودا چۇشۇپ قالدۇق ،كىيىن بۇ ئىش خىيالىمدىن پەقەت كەتمىدى ، ئۇيغۇر ئايالنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى قانۇن بولۇپ بىر يۇەنلىك ئاپتۇبۇس بېلىتى بىلەن ئۇيغۇر ئايال ئورۇن تېپىپ ئولتارسا بىر قانۇنلۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندى دىگەن گەپ ، ئەگەر ئۇ ئايال بۇ ئورۇننى ئۆتۇنسە بۇ ئايال ياخشلىق قىلغان بولۇدۇ ، ناۋادا ئۆتۇنمىسە قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ئورنى ئۆزىگە نىسبەتەن قانۇنلۇق بولۇپ ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى ھېچكىم ئورنىدىن تۇرغۇزۋېتەلمەيدۇ ، ئاياللار مۇدىرىنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى بولسا ئەخلاق ،لېكىن ئاياللار مۇدىرى ھەقىقەتەن بىر ئاپتۇبۇس ئادەمنىڭ ئالدىدا بۇ ئۇيغۇر چوكاننى ھاقارەتلىدى ، ھاقارەتلەش بولسا قانۇنغا خىلاپ ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئەھۋالدىن قارىغاندا ئاياللار مۇدىرىنىڭ ھاقارەتلىشى قانۇنغا خىلاپ ھەركەت ،  ئەلۋەتتە ھاقارەت پەقەت ئۇنىڭدىنمۇ كۇچلۇك بولغان ھاقارەتنىلا پەيدا قىلدى ، بىر ئاپتۇبۇس ئادەمنىڭ ئالدىدا ئۇئۇيغۇر  ئايال ئاغزىنىڭ توغۇنىنى قويۇپلا ۋەتتى .
ئەم بۇيەردە تەكىتلەيدىغىنىم ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىدا روشەن پەرىقلەر بار، ئالدىغان ھېكمىتىمىز شۇكى ئىناق ئۆتىمىز دەيدىكەنمىز ، سىزگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان كوللىكتىپ ئەخلاقتىن سىرىت باشقىلارنىڭ شەخسى تاللىشىغا قالغان ئەخلاقى مەسەللەرنى ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ياكى ئۆز خيالىڭىزدىكى ئەخلاق قارىشى بىلەن ئېغىز ئېچىپ ئەيىپلەپ يۇرمەڭ . ئەيىپلەيدىغان سورۇن دەل تور ياكى خەلق قۇرۇلتىيى ، ھەممە ئادەم بىر بىرسىنى ئەخلاقى مىزانلار بىلەن ئەيىپلەپ يۇرسە چوڭ قالايماقانچىلىق پەيدا بولمامدۇ .
       بۇدا قاناس ساياھىتىگە ماڭغىچە ئاپتۇبۇس ئورنى دىگەن نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم ، تۆت كۇنلۇك ساياھەتتە بىز جايلاشقاندىن كىيىن يىتەكچى ئېنىق قىلىپ ئورنۇڭلارنى تونىۋېلىڭلار تۆت كۇن ئىچىدە بۇ ئورۇنلار ئۆزگەرمەيدۇ ،دەپ قائىدە بىكىتتى ، قارىغاندا بۇ يىتەكچى جەڭگى جىدەلنى تولا ئايرىپ قاق بولۇپ كەتكەن نىمىدەك قىلىدۇ .

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 11:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1- 2-سى يوق ياخشى يېزىلغان تىما!
ھارمىغايسىز ئەپەندىم!!!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1417

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 13:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىشى ياخشى قىزقارلىق  باشلىنىپتىكەن، ئاخىرى سەل قىيىپ كىتىپتۇ .

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4360
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 17:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت، قايسىلا مىللەتتە بولمىسۇن چىۋىن قونسا غىڭشىپ، كالتەك تەگسە جىم بۇلىدىغانلار بار، ئۇخشىمايدىغىنى دۆترەكلەردە ئۇنداقلار كۆپرەك بۇلىدۇ...

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 19:42:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باراۋەرلىك ،ئادىمىلىك،ئەخلاق پەزىلەت ،تەكەبۇرلۇق ،مەنمەنچىلىك ،ھەق ناھەقچىلىك.قاراشلىرى ئېنىق بولسا

0

تېما

1

دوست

940

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30646
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-30 21:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇختۇر ئەپەندىنىڭ ئالما بىلەن خاۋىي نى پەرىقلەندۇرەلمىگىنى ئات بىلەن ئىشەكنى پەرىقلەندۇرەلمىگىنى بىلەن ئۇخشاش ئىش بۇپتو،  يەنىلا ئايالى ئەقىللىقكەن تۇختۇر ئەپەندىمنىڭ،
لىكىن تاللىشىڭىزنىڭ مۇ. ئاساسى بار، لىكىن ئىشەكنى تاللىغاندىكىن يەنىلا ئۇزىمىزنىڭ يۇپۇرغىنىڭ ئىشىكى ياخشىراقتى، خاۋى ئاغان مىڭ كۇيغا قۇتلان ئاناتىلىم 100. يانفۇنى كىلىپ قالاتتى ئەمەسمۇ،،، ئاۋۇ مىڭلىق خاۋىدىن ىقلىشمايتى.   

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 20:51:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Umut903 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-30 11:59
1- 2-سى يوق ياخشى يېزىلغان تىما!
ھارمىغايسىز ئەپەندىم!!!!!! ...

شۇ شۇ ... نىنجى قويمايدىغان تېمىلارغا مەجبۇر نىنجى قويمىغىلىق ئەسلى...

0

تېما

1

دوست

2448

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 782
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 21:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئىيتىپ بېرەلەيدۇ. باغداش نىمىشقا بۇنداق چۆلدەرەپ قالدى؟ يا بېسىم بەك ئېغىرمۇ؟
تىمىلار نەچچە كۈندىمۇ ىڭىلانمايدۇ؟ يە ئالدى قاتتىق ئەزادىن بىرسى كىرىپ مۇشۇنداق قىلىپ قويدىمۇ؟

مەنمۇ شۇنداق ھىس قالۋاتىمەن،يېقىندىن بېرى ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتىمۇ قانداق،ئىسسىقتىن قورقۇپ بۇ تورغا كىرگەنلەر ھەم تېمىلارمۇ بەكلا ئازلاپ كەتتى،بەزىدە 2-3كۇندىمۇ بىرەر يېڭى تېما كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )