- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1925
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  92.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ، اللە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزغا بەركەت ئاتا قىلغاي . ئامىن .
8. ناچار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋاقتىنى چەكلەڭ
ناچار كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋاقتىنى چەكلەڭ، ياكى بولمىسا ئۇلار بىلەن زادىلا ئارىلاشماڭ.
بۇ ئۇسۇل دەۋرىمىزدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرسى دەپ قارايمەن . چۈنكى دەۋرىمىزدە ئىچەرمەن ، چېكەرمەن ، ئويۇن قېپى ، رىستۇران تاجىلىرى بەك كۆپ . بىنامازلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، يەنە ئازغۇنلار سان جەھەتتىن ئاز بولغىنى بىلەن سەلبى تەسىرى بەك يامان .
بىزنىڭ جان - جېگەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، سىرداش دوستلىرىمىزنىڭ ۋە قولۇم - قوشنا ، ئەل - بۇرادەرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يوقۇرقىدەك تىپلارغا مەنسۈپ بولغان ياخشى كىشىلەر . لېكىن بىز ئۇلارنى ئىمان نۇقتىسىدىن يامان كىشىلەر قاتارىغا چىقىرىۋەتسەك خاتالاشمايمىز - دەپ قارايمەن . چۈنكى بىنامازلارنىڭ كۆڭلىنى قىلسىڭىز ، بىنامازلىقى بىلەن ۋە بىر قىسىم ئىمانغا توغرا كەلمەيدىغان سۆزلىرى بىلەن كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ . ئىچەرمەن - چېكەرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى قىلسىڭىز ، ئۇلار سىزنىمۇ سورۇنلارغا شېرىك قىلىپ ، ئىمانىڭىزنى ، دىلىڭىزنى بۇلغايدۇ . ئازغۇنلارنىڭ كۆڭلىنى قىلسىڭىز ، ئىمانىڭىزدىن ئېزىقتۇرىدۇ . بۇ خۇددى « يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار ، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى » - دېگەن ماقالغا دەل كېلىدۇ . شۇڭا مۇمكىن قەدەر بۇ خىل بىغەرەز ، ھاڭۋاقتى دوستلاردىن ئۆزىمىزنى تارتىپ ، كاللىسى ئوچۇق ، اللە ۋە رەسۇۋلۇللاھنىڭ بۇيرىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان ، چەكلىگەنلىرىدىن قەتئى چەكلىنىدىغانلار بىلەن دوستلاشساق ، نۇرغۇنلىغان قىيىن ۋاقىتلارغا تاقابىل تۇرۇپ ھەم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ ، كۆڭلىمىزنى شاد ئېتەلەيمىز . شۇنداقلا يوقۇرقىدەك ناچار دوستلىرىمىزغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتەلەيمىز - دەپ قارايمەن . اللەقا ئامانەت . |
|