- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1131
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
  13.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-29 17:05
turayigiti يوللىغان ۋاقتى 2014-8-28 18:16 
مېنىڭ ئىسلاھ قىلايلى دىگىنىم ھەرگىزمۇ مىللىي ئۆرپ ئا ...
ئاقسۇدا توينى چۈشتە باشلايدۇ.كورلىدا ئەتىگەن باشلايدۇ.قەشقەر خوتەندىمۇ ئۆزىگە خاس ئۇرۇنلاشتۇرىشى بار.توي تۈكۈن ۋاقتىنى ئىلمىي ئۇرۇنلاشتۇرۇش دىگەن نىمە گەپ ئۆزى؟دۇنيادا سىزنىڭچە ھەممە ئىشلار شۇنداق ئىلمىي بولىدىكەندە؟ خەنزۇلارنىڭ يېرىم كېچىدە پوجاڭزا ئېتىشى ئىلمىيلىكمۇ؟ياۋرۇپادىكى شوخلەك ئېتىش بايرىمى ،ئۇن چېچىش بايرىمى ئىلمىيلىكمۇ؟خەنزۇلارنىڭ تاۋۇز چاغىنىدا كوچا ئېغىزلىرىدا قەغەز كۆيدۈرۈش ئىلمىيلىكمۇ؟ مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىشلارنى ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن سۆزلەش توغرا ئەمەس قېرىندىشىم. ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىناق ئىتتىپاق ئۆتكىلى بولىدۇ.ئۇلار بىزنى ئىسلاھ قىلىڭلار دىسە بىز ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار دىسەك ئاقىۋىتى نىمە بولار؟ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلدى دەپ بىزنى ئەرز قىلسا ،بىز ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىدى دەپ ئۇلارنى ئەرز قىلساق جەمىيئەتتە مۇقۇملۇق بولارمۇ؟ چۇقۇم ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەك شۇندىلا ئىناقلىق بولىدۇ.توي تۈكۈن ھېيت بايرامدىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى بەزى ئىشلارنى ئەرز قىىلىشقا بولىدۇ.لىكىن بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ماس ئىشلارنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەرز قىلىش ئىنتايىن ئىلمىي بولمىغان قاراش.ئىسلاھ قىلىش توغرا كەلسە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش كەلگۈسى بىلىملىك ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە كۈڭۈل بۈلۈش كېرەك.شۇندىلا ساپالىق كىشىلەر كۆپلەش يىتىش چىقسا ئاندىن ئۆز ئارا چۈشىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇڭا ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش ئىنتايىن مۇھىم.بۇمۇ ئىسلام دىنىمىز تەكىتلەيدىغان ئىسىل ئەنئەنە. |
|