- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
1. ئاللاھقا شۈكرى بۇدا يەنە سىرتلارغا چىقىش نسىپ بوپتىكەن . ئىككى مىڭ كىلومىتىردەك سەپەرلەرنى بېسىپ ئاخىرى قايتىش ئۇچۇن ئۈرۈمچى ۋۇگزالىغا قەدەم باستىم . ھېلقى غۇلجۇلۇق قىزىققچىنىڭ چاقچىقىدەك ھەر يىلى ئۆرۇمچىگە چىقسام نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقايمەندە ، بىنانىڭ يېنىدا كۆرۇك ، كۆرۇكنىڭ يېنىدا تۆرۇك دىگەندەك . ئەمما تورداشلارنىڭ بەلكىم ئىسىدە بار مەن مەيلى قايسى جايغا بارماي ئانا تىل يېزىقىمىزنىڭ ئامىۋى سورۇنلاردا زادى قانچىلىك ئورۇن ئالغانلىقىغا بىنادىن بەكرەك قىزىقىمەن . ھەم دىققەت قىلىمەن .بۇدا قېتىممۇ ۋۇگزالنىڭ ئىچى تېىشىغا كۆز يۇگۇرتۇپ ئانا تىلىمنى يېزىقىمنى ئىزلەپ ماڭدىم .ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا بۇ يىل ھىس قىلغىنىم ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈرۈمچى ۋۇگزالىدىن كەڭ ئورۇن ئاپتۇ ، مەيلى كىملىك بىلەن تەكشۇرۇش بىكىتىدە دەيلى ،ۋە ياكى مانچىنچى قەۋەت كۇتۇش زالى دىگەندەك گەپلەر بولسۇن ،يەنە قايناقسۇ تەمىنلەش ئۆيى ،بولۇپمۇ ھاجاتخانا دىگەنگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇيۇتۇۋېتىپتۇ ،جۇمۇ ئەمما لىېكىن ئۇيغۇر تىلى خېلى كەڭرىچىلىك ھە بۇيىل باللا ، پارتىيە گە رەخمەت .
مېنىڭ قولايلىق ھىس قىلغانلىرىم
1. ھاجەتخانىغا ئولتۇرۇش . ھاجەتخاننىڭ پىشانىسگە ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغاچقا بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇنمۇ ھاجەتخانا بەك قولايلىق ئىكەن . ئاپرىن
2. قايناقسۇ تەمىنلەش زالى ، بۇزالدىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىق كەڭرى يېزىلغان بولۇپ ئۇيغۇرلار ئۆز يېزىقى بويىچە بەھوزۇر قايناقسۇ زالىنى تېپىپ قايناقسۇ ئىچەلەيدىكەن ،ئاپرىن
3.تاماكا چىكىش ئورنى ، ئەمدى بۇ ئورۇنغىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت يېزىلغان بولۇپ بەڭگىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى تونىسىلا بۇ يەرەگە كىرىپ ھاجىتىنى راۋا قىلدىكەن . مەيلى قالغانلىرىمىزغا سالامەتلىك لەزىم ھەر ھالدا .
مېنىڭ قولايسىز ھىس قىلغانلىرىم
1. ئەمدى قاراپ باقسام يېنىمدىكى خەنسو يولداشلار سەپەرداشلار گىزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مېنىڭمۇ ئۆرۇمچى كەچىلىك گىزىتى بىلەن قانۇنچىلىق گىزىتىنى ۋە تەرمىلەر جۇرنىلى ، شىنجاڭ مەدىنيىتى ، قومۇل ئەدەبىياتى ، ۋە باشقا يەڭگىل گىزىت جۇرناللارنى سېتىۋالماقچى بولغان بولساممۇ يانچۇقۇمدا پۇلۇم بولسىمۇ سېتىۋالالماي قالدىم ، بۇ بىرىنچى قولايسىزلىق
2. مۇندو قاراپ باقسام تېلفۇنۇمنىڭ توكى تۇگەپتۇ ئەمەسما كاساپەتنىڭ بىزنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى پويىز كۇتۇش زالىمىزغا ئۇچ چوڭ تېلفۇن زەرەتلىگۇچ قويۇلغان ئىكەن ، ھەر بىرسىدە سەككىز ئون تېلفۇننى بىكارلىق زەرەتلەيدىغان گەپمىكىن ئەمدى ، شۇ يەرگىزە ئۇيغۇرچە ئېنىق قىلىپ تېلفۇنىڭلارنى زەرەتلىسەڭلار بولىدۇ دەپ يېزىپ قويماپتىكەن قايلىسلا ، بۇ خەنسوچىنى چورت ئوقمايدىغان ئۇيغۇر دىھقان سەپەرداشلىرىمىزغا كەلتۇرۇلگەن ئىككىنچى قولايسىزلىق دەپ ھىساپلىدىم .
3.ئەمدى قايلىسلا بۇ قۇرساق دىگەن ئۇچ ۋاق ئاچىدىغان نەرسىكەن ئەمدى ، مۇساپىرچىلىقتا تۆت ۋاق ئاچامدۇ نىمە ، كۇتۇش زالىمىزنىڭ بىر خەلققە قولايلىق ماگازىنى بېيكەن ، ئەمما ئۇيغۇرلار غا بىزەمۇ قولايلىق ئەمەسكەن ،بۇ ماگىزىندا ئابلاجان نانلىرى بارمۇ دىسەممۇ يوق دەيدا ، مىسران قېزىسى بارمۇ دىسەممۇ يوق دەيدا ، ئارمان سەپەر ھەمراھلىرىمۇ يوقكەن ئەينا ، ئامىنە تەييار چۆپلىرىمۇ يوقكەن ، سۇدىن باشقا بىزگە خىل كەلگۇدەك بىرنىمە تاپالمىدىم .
2،چورت ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئىنچىكە ،نازۇك ، جانغا ئەسقاتىدىغان مەزمونلار
پويىز كۇتۇش زالىدا شۇنى بايقىدىمكى بىر قسىىم ئىنچىكە ۋە نازۇك تەپسىلاتلار چورتلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، مەسلەن ئىنچىكە دىگىنىمىزدە سەككىز ئون تۇرلۇك مۇلازىمەت ئۆلچىمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، نازۇك دىگىنىمىزدە پويىز مۇلازىمىتى ئۇستىدىن قىلىندىغان ئەرىز تىلفۇن نومۇرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ، جانغا ئەسقاتىدىغان دىگىنىمىزدە يۇك تاقلارنى ساقلاش بۆلۇمچىسىنىڭ نامىلا ئۇيغۇرچە ئاسىتىدىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك قەدەم باسقۇچلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان
3. زامانىۋى ئىلىكتىرۇنلاردا ئۇيغۇر تىل يېزىقى سەل قارالغان ياكى ئويلاپمۇ قويۇلمىغان
بىر چوڭ ئىكران باركەن بارلىق پويىزلارنىڭ كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغان ۋاقتى قىزىل خەت بىلەن چىقىپ تۇرىدىكەن ، ئەمما بۇ ئېلىكتىرۇنلۇق ئىكراندا ئۇيغۇر تىلىدىن بىر ھەرىپمۇ كۆرمىدۇك.
مەن ئويلايمەن
ئۈرۈمچى ۋۇگزالىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاجەت ۋە ئىچمەك ئىشلىرىدا قولايلىق بولغان بىلەن روھى ئېھتىياجلىرى بولمىش ، ئۇيغۇرچە تىل يېزىقتىكى گىزىت جۇرنال ھە بولسا تېخى ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلار كىتاپلىرى ، قاتارلىق كىتاپ جۇرنال گىزىتلەرنىمۇ چىرايلىق تىزىپ قويسىڭىزلار ، خۇددى ئۆز ئۆيىمىزدە تۇرغاندەك ئۇ نى بۇنى تاللاپ ئوقۇپ كەتسەك ، ئاۋۇ خەلققە قولايلىق ماگىزىندىن يەنە بىرنى كۆپەيتىپ ئۇيغۇر سەپەر مەدەنيىتنى بىر جۇلاسىنى چىقىرىپ مەخسۇس ھە بىر بۆكتىن تارتىپ ئاياققىچە ئۇيغۇرچە كىينگەن ئۇيغۇر باللار بولسا ، پۇتۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ھەر بىر ۋۇگزالغا مانا موشۇنداق ئۇيغۇر گىزىت جۇرنال ئۇيغۇر سەپەر تائاملىرىنى تىزىۋەتسەڭلار ھەتتا لەنجۇ شىئەنلەردىمۇ ئەلۋەتتە تەسىس قىلساڭلار بىرەر ھارۋا بولسىمۇ ئۇيغۇرنىڭ نېىنى ، قېزىسى سەپەر توقاشلىرى ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت سەپەرداشلىرىغا سۇنۇلسا پۇلغا ، ئەمدى ئاپەت بولسا ۋاي ئۇيغۇرنىڭ نېنى ، ئۇيغۇر نىڭ پولوسى دەپ توشۇيسەن ، ياخشى ئەمدى ماۋۇ ۋۇگزالدىكى خەلققە قولايلىق ماگىزىنغىمۇ بىر چىرايلىق تىزىپ قويساڭلار يامان كەتمەس دەيمەنغۇ ، ھەم كىرىم ھەم ئۇيغۇر مەدىنيىتىنى ئەڭ ئاساسى قاتلامدىكى سەپەرداش خەلققە تونۇتۇش نىمە دىگەن ئاقىلانىلىك ھە ، |
|