- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2936
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
31.2%
|
جاھاندا بارچە ئەللەردىن ۋەتەندەك ياخشىسى يوقتۇر ،
ۋەتەندە بىر ئىلى باردۇر ، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر .
مەگەركى بولسىنۇ دەيلى ، ئىلىدەك قاشقىسى يوقتۇر ،
گۈزەل ھۆسنى كامالەتتە ئۇنىڭدىن ئاشقىنى يوقتۇر ،
ئاڭا ئۇشبۇ قەلەم بىرلەن ئىلىدىن مەن يازاي دەستۇر .
ئىلى دەيدۇ ، ئىلى دەيدۇ .... ئەل ئارا شۆھرىتى باردۇر ،
يازسا داستان گەر شائىرلار ، تەرىپىگە جاھان تاردۇر .
خىزىر ھەمكى مالايىكلار كىچە - كۈندۈز ئاڭا ياردۇر ،
گۈزەل تاغۇ - دەريالىرى بىرىگە ھەم بىرى پاردۇر ،
تەرىپىدىن ئىغىز ئاچاي ،دوسلار كۆڭلى ئالسۇن ھوزۇر .
ئىلى ! دىسە ، دىل ياشىرىپ قىزىل ئالما كىلەر كۆزگە ،
گۈزەل ھۆسنىگە ياتقان شىھىت گۇۋا بولار كىلىپ سۆزگە .
بىر كۆرگەنلەر بولۇپ شەيدا ، ئىشەنمەستىن تىخى ئۆزگە ،
چۈشۈممۇ دەپ تالاي قىتىم ، بارمىقىنى سۈرەر كۆزگە ،
ۋە يا شۇندا توپاسىدىن قوش ئۇچۇملاپ سۈرەر يۈزگە .
نەزەر سالسا تاغلىرىغا ئاقار سەلدەك چارۋا - مىلى ،
ئىچسە ئىقىن سۇلىرىنى ، ياشىرادۇر ھەركىم دىلى .
باغلىرىدا ئالما ، نەشپۈت ، شاپتۇل ،گىلاس ۋە ھەم تىلى ،
كۆتۈرەلمەي مىۋىلىرىنى ئىگىلگەن ھەر شاخنىڭ بىلى ،
بىر چىشلىسە شەربىتىدىن يىرىلاردۇر ھەركىم تىلى .
مەيلى شەھەر مەيلى سەھرا ، كۆمۈلگەنۇ بولۇق ئاشقا ،
تىنىم ئالماي ئاقار سۇلار ئۇرۇپ ئۆزنى تاشتىن - تاشقا ،
تويلار تارتىپ چىقسا شەھەردىن مولتوختىيۈز ۋە يا قاشقا ،
بوۋايلىرى يىگىت قولداش كىرسىمۇ ئۇ خىلى ياشقا ،
چۈنكى يوقتۇر يۈزدە قورۇق ، ئاق چۈشمىگەن قارا چاچقا .
ئارىسلاندەك يىگىتىگە مىسالىدۇر بوۋام سادىر ،
خۇشخۇي ، چاقچاق ،ئويۇن - كۈلكە ، ئۇسۇل - مەشرەپ ، ئاڭا قادىر .
باھارۇ ياز قىلىپ سەيلى ، دەريا بويى قۇرۇپ چىدىر ،
سورۇن تۈزۈپ ئوينىشادۇر ، بولۇپ ئۈچ - تۆت ۋە يا ئون بىر ،
بىرى ئىشچى ، بىرى دىھقان ، بىرى زەرگەر ، بىرى كادىر .
قىزلىرىدىن ئىغىز ئاچسام ، '' شىرىن - سەنەم '' مىسالىدۇر ،
ئۆزى زىلۋا ، كەبى ئاتەش ، كۆزنىڭ يىغىنى ئالادۇر .
سۆزى چاقماق ، لىۋى بالدەك ، سەۋەنلىك ئۇندىن خالىدۇر ،
كۆزى چولپان ، يۈزى شەمشى ، ئەينى يۈسۈف جامالىدۇر ،
گۈزەل ئىلى ئەنە شۇ خىل پەرىشتىلەر ماكانىدۇر .
.................................................................
. .........................................
«ئىلى مۇھابىتى »
ئابدۇ سەمەت ئابلەت
|
|