- تىزىملاتقان
- 2013-10-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 457
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  78.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-21 13:21
ئۇيغۇرلار ناننى دەرۋەقە ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا بىزدە ناننى پۇرىساڭ يامان بولىدۇ، ناننى ئېتىپ ئوينىساڭ يامان بولىدۇ، دىگەن گەپلەر بار. كىچىك چېغىمىزدا كىشىلەر بىرەرسىنىڭ گەپ-سۆزى، قىلغان ئىشىنىڭ راسىت يالغانلىقىنى ئۆزىگە ئېتىراپ قىلىدۇرماقچى ياكى قەسەم قىلدۇرماقچى بولسا، نانغا دەسسيەلەمسەن، دەپ سورايىتتى. دەسسيەلەيمەن دېسە گېپىگە ياكى قىلغان ئىشىغا ئىشىنەتتى. بىرەر دەۋا-دەستۇر بولۇپ قالسا نانغا راسىت دەسسىگۈزۈپ، دەسسەلگەن ناننى شۇ پېتى ساقلاپ پاكىت ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. دىمەك بىزدە ناننى ئۇلۇغلاش ئىنسانى پەزىلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان، بۇ بولسا ناننىڭ ھەق-ناھەق، راسىت يالغاننى ئايرىپ ھۆكۈم قىلىدىغان قانۇنى ۋاستىگە ئايلىنىشغا يول ئاچقان. شۇڭا نانغا سىيىش ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىتى ھەرگىز كۆتۈرۈلمەيدىغان، نورمال ئىنسانمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان پەسلىك. |
|