- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5848
- نادىر
- 0
- يازما
- 275
ئۆسۈش
  16.96%
|
يېققىندا دوستۇم دېژورنىلىك قىلىۋاتاتتىم دەپتىكەن تاماق ئېلىپ باراي دەپ راھەتباغ مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە باردىم، ئۆمرۈمدە بۇ مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتلىرىمدا بىر قېتىم بېرىپ باققىنىم سۇس يادىمدا. ئۇ كۈنى بارسام بۇ مەكتەپ تېخىچە شۇ قىياپىتىدىن قىلچە ئۆزگەرمىگەندەكلا كۆرۈندى كۆزۈمگە. ئالتا-يەتتە مۇئەللىم كىچىككىنە بىر ئىشخانىدا ئولتۇرىدىكەن، ئىشخانىدا24سائەت قايناپ تۇرىدىغان قايناق سۇ بولۇش بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ھەتتا سۇنىمۇ 100مىتىردەك بىر يەرگە بېرىپ جۈمەكتىن ئەمەس بەلكى يەردىن توك كۈچىدە چىقىدىغان(نېمە دەيدۇ بۇنى)سۇنى ئېلىپ كېلىپ ئاندىن ئىشلىتىدىكەن. يازدىغۇ ياخشى، قىشتا سۇ توشۇماق...تېخى قىشتا پۈتۈن سىنىپ ھەم ئىشخانىلار مەشتە ئوت قالايدىكەن، كۆمۈرنى تېشىپ ئەكەلمەكمۇ بىر گەپتۇ بەلكىم.
گەپنى مۇنداقلا تاققا-تۇققا باشلاپ قالغانلىق ئەمەس. قومۇلدىكى قارا دۆۋە، لاپچۇق، ئاستانە ھەتتا تاغدىكى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىمۇ شۇنچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ، بىنالىق، ئەسلىھەلىرى تولۇق. راھەتباغ مەركىزىي باشلانغۇچ مېنىڭچە شەھەردە خېلى نامى بار مەكتەپ دەپ ئويلايمەن ھەم شەھەرگە ئەڭ يېققىن مەكتەپ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى ياخشىلانمايدۇ؟ ئۇددۇلىدا تۇرغان راھەتباغ ئوتتۇرىنىڭ باللىرى شۇنچىلىك ئاز دەيدۇ، بىراق مەكتەپ شارائىتى ياخشى، تېخى ئوقۇتقۇچىلارنى توشۇيدىغان ماشىنىسىمۇ باركەن، بىراق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇنداق ئەمەس.
مۇشۇنداق بولىشىغا ئالاھىدە بىر سەۋەپ بارمۇ؟ مائارىپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ مەكتەپكە كۆڭۈل بۆلگۈدەك ۋاقتى يوقمۇ ياكى بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا سالاھىيىتى توشمامدۇ؟
|
|