ئېلاۋە: قاراپ باقسام ئۈندىدار خاتىرلىرىم تولۇپ قاپتۇ، بەزىلىرىنى ئۈزۈپ ئىلىپ باغداش ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. كۈلۈپ قويمىساڭلىمۇ مەيلى، قاغاپ قويمىغايسىلە...
(1) ئۇنتۇش ۋە ئېسىدە ساقلاش ھەققىدە (26-ئىيۇل)
ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا ئەسلەشكە تېگىشلىك كىشىلەر ۋە ئىسىدە ساقلاشقا تېگىشلىك ئىشلار بولغىنىدەك، يەنە ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كۆڭلىدىن سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان كىشىلەر ۋە ئۇنتۇپ كىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لىكىن نىمىلەرنى ئىسىدە ساقلاپ نىمىلەرنى ئۇنتۇش يەككە شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىق.
مەن بۇ ھەقتە ئىقتىسادى پىرىنسىپلاردىن چىقىپ ئويلاپ باقتىم.
ئەركىن بازاردا ساتقۇچى مېلىنى خىرىدارغا زورلاپ ساتمايدۇ. خىرىدار مالنى ياخشى كۆرمىسە، ساتقۇچىغا پۈل بەرمەيدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا -پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن كىلىشكەندىلا ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. يەنى باھا ئۇنى ئادىل تەڭشەيدۇ، نەتىجىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كۆڭۈل ئاغرىغى كىلىپ چىقمايدۇ.
ئەمما ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توۋار ئەمەس، بىر ئادەمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ۋە ياخشى نىيىتىنى پۇل بىلەن ھىساپلىغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ باھاسى يوق، (Invaluable). شۇنداق بولغانلىقتىن مەن ھاياتىمدا ماڭا ياخشى كۆڭلىنى ئىپادىلىگەن ۋە ياخشى كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان ئادەملەرنى ئەسلەپ تۇرىمەن. چۈنكى مەن بىباھا نەرسىنى قايتۇرۇشقا ئاجىز، ئەمما مەن چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە ياخشىلارنىڭ ياخشىلىغىنى پات-پات ئەسلەپ تۇرۇشقا ۋە پەيتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ تۇرۇشقا قادىر.
بەزىلەر، «يامانلىق قىلغۇچىنى ئۇنتۇپ كىتىش كىرەك» دىيىشىدۇ. مەن بۇ سۆزنى توغرا تاپمايمەن.
ئەمىليەتنى چىقىش قىلىش كىرەك. بىلمەي تۇرۇپ يامانلىق قىلغۇچىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ ياخشىلارغا يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئەستە ساقلاش كىرەك. قوڭقىباينىڭ ھوشۇقى كۈندە ئالچۇ چۈشۈۋەرمەيدۇ. جىنايەتنىڭ چوقۇم جازاسى بولۇشى كىرەك، ھىچ بولمىدى دىگەندە ئۇ خىل جازا ئاۋامنىڭ روھىيىتىدىكى يەكلەشتە ئىپادىسىنى تىپىشى كىرەك. يامانلىقنىڭ يامرىشى -يامانلارغا قارىتا جازانىڭ كەمچىللىگىدىندۇر.
يامانلارنىڭ يامانلىغى ھەددىدىن ئاشقاندا ئۇنداق كىشىنى ئىنسانلىق لۇغىتىدىن چىقىرىۋەتكىنىڭ، يەنى ئەخلەت ئورنىدا سۈپۈرۋەتكىنىڭ ياخشى. چۈنكى نىجاسەتكە يىقىنلا تۇرۇپ قالساڭ ھامان كۆڭلۈڭنى سەسكىندۈرىدۇ.
ئۇنداقتا، نىمىنى ئۇنتۇش كىرەك؟
باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭنى ۋە كۆرسەتكەن ھىممەتلىرىڭنى چوقۇم ئۇنتۇش كىرەك. بۇنى ئىسىڭدە ساقلىساڭ باشقىلارنىڭ ئۇنۇتقاقلىغىنى «تۇزكورلۇق» دەپ ئويلاپ قالىدىكەن-سەن دە بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىغى تىپىۋالىسەن. بەزى ئىنسانلار راستىنلا ئۇنۇتقاق بولۇشى مۈمكىن. ئەگەر ئۇ تۇزكور بولسا ئاغرىنىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ ھاياتتا ئوغرى ئوغرىلىغىنى، توغرا توغرىلىغىنى قىلىدۇ، پەقەت.
ئىشىنىمەنكى،ياخشىلارنى ئەسلەيدىغان كىشىلەر سىنى ھامان ئەسلەيدۇ. مانا مۇشۇنداق ئادەملەرنى بايقىغىنىڭدا ئۇلارنىمۇ ئەسلەپ تۇر، ياخشى ياخشىنىڭ قاياشى!
(2) ھايات چېقىنلىرىدىن بىر پارچە (8-ئىيۇل)
كىملەر كىلىپ كىملەر كەتمىگەن، كۈلۈۋالغىن كەلگەن چىغىڭدا. سۆيگەنلەرنى سۆيگىن ياندۇرۇپ، تەم ئاتا قىل ھايات چىيىڭغا. كۈلۈپ قالسۇن كەتكەن ۋاقتىڭدا، يىغلاپ چىقسۇن قەۋرە بىشڭغا، ئۆزۈڭ ئۈچۈن يىغلىسا مەگەر، كۈلۈپ باقسۇن قىلغان ئىشىڭغا.
مۇشۇنداق بى ياشىغىلى بولاما؟ ئاللاۋەدى، غۇنچىخان؟
(3) تېمىسىز (7-ئىيۇل)
تاغلارنىڭ كەينىدە تاغلار بار، ئەمما تۈگەيدۇ ھامان بۇ تاغلار. باسىدىغان پۇت بارمۇ؟ جاپا بار قارىماققا بىسىشتا، راھەت بار چوقىلاردىن ئېشىشتا. ھەممە ئادەم ئاشالمايدۇ تاغلاردىن، مەنا بار كۆپ ئادەم ئۈچۈن لىكىن- تاغلاردىن ھالقىشنى ئارزۇ قىلىشتا! (4) مونتېريالدىكى دۆڭكۆۋرۈك ... (7-ئىيۇل)
ئامىرىكا-كانادا چىگراسىدا چىگرا ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ توقۇپ قويدۇمغۇ باخشىم جىنغا توقۇم توقىغاندەك شۇ تاپ ...)
تېشىپ چىققان ھايات پاتماي قېنىغا، ئېسىڭدىمۇ دۆڭكۆۋرۈكنىڭ كوچىسى. مەن كۆڭلۈمنى يورغىلاتقان بىر مەھەل، ئەي تار كوچا، سەن كوچىلار نوچىسى.
تاماقلارنىڭ سازلىغىنى دىمەي قوي، ئەمما بولماس ئۇيغۇرلۇقنى دىمىسەڭ. شاۋقۇنىدا ئۈمىت بارۇ- ھايات بار، ھىس قىلمايسەن ئۇيغۇرچۈن غەم يىمىسەڭ.
جىمجىت كىلىپ تەمكىن كىتەي دىگەنتىم، مونتىرېيالنى ساياھەت قىپ تۆت بەش كۈن. داۋالغۇتتى بىر سۆيۈنۈش قەلبىمنى، پەيدا بولغان ئىفتاردىكى تۈنۈگۈن.
چوڭغا ھۆرمەت، مىھمانلارغا تەكەللۈپ، ئادەملەرنىڭ چىرايىدا ئىللىقلىق «دۆڭكۆۋرۈكتىن كۆچمەن بوپتۇ» ئويلىدىم: بۇ شەھەرگە خەلقىمدىكى قىزغىنلىق.
دۆڭكۆۋرۈكنىڭ مۇھىتىنى ئەسلەتتى، ياشاپ قالغان بۇ يەردىكى جامائەت. ئۆملۈك دىگەن مۇسۇلمانلىق، ئىنسانلىق. رامازاندا مەن ھىس قىلدىم ئالامەت.
دىدارلىشىپ ئۇزۇن يىلدا دوست بىلەن، شاتلىغىمدا نەچچە رەت ئوڭ ئايلاندىم. جامائەتنىڭ ئادىمىلىك بېغىغا، مەن گوياكى قوزا بولۇپ باغلاندىم.
تەنھالىقنى ئىلىپ بىرىپ مونتېرىيالغا،
ئىلىپ ياندىم خوشاللىققا چۆمدۈرۈپ، تىز ھاياتنى سەھەر باشلاپ كىتىمەن، بۇ كۆڭۈللۈك گۈزەل كۈنگە ئۈمتۈلۈپ!
|